تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
دىلرام تورى»مۇنبەر تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى ئەر - ئاياللار دۇنياسى يىگىتىڭىزنىڭ ئۆمۈرلۈك جورىسىغا ئايلىناي دېسىڭىز ...
تىزىملىككە قايتىش تېما يوللاش
كۆرۈش: 715|ئىنكاس: 0

يىگىتىڭىزنىڭ ئۆمۈرلۈك جورىسىغا ئايلىناي دېسىڭىز ...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

562

تېما

582

يازما

2001

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

جۇغلانما
2001
امېرىكا پىسخولوگلىرىنىڭ قارىشىچە، يىگىت بىلەن قىز مۇھەببەتلەشكەندە، بىر-بىرىدىن كۈتىدىغان ئالتە تۈرلۈكتىن تەلىپى بولىدىكەن. يىگىتنىڭ تەلىپى ئىشەنچ، قوبۇل قىلىش، مىننەتدار بولۇش، ماختاش، ئېتىراپ قىلىش، ئىلھاملاندۇرۇشتىن ئىبارەت ئىكەن؛ قىزنىڭ تەلىپى كۆڭۈل بۆلۈش، چۈشىنىش، ھۆرمەتلەش، سادىق بولۇش، دەردىگە يېتىش، تەسەللىي بېرىشتىن ئىبارەت ئىكەن.
يىگىتلەر ھەرقانداق چاغدا يۈز-ئابرويغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىدۇ، ئىشلارنى كونكرېت ئېيتىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ، يىپىدىن-يىڭنىسىغىچە چۈشەندۈرۈشنى تېخىمۇ خالىمايدۇ. شۇڭا، ئۇلار قىزلاردىن ئۆزىگە ئىشىنىش ۋە ئىززەتلەشنى كۈتىدۇ.
1. ئىشەنچ
قىزلار ئوغۇللارغا قارىغاندا سەزگۈر بولىدۇ، كىچىككىنە ئىشنى ئاسانلا چوڭايتىۋېتىدۇ، يىگىتىگە تولۇق ئىشەنمەي ئۇنىڭدا بېسىم پەيدا قىلىپ قويىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قىزلار كۆڭلى-كۆكسىنى كەڭ تۇتۇشى، يىگىتىگە ئىشەنچ بىلەن قارىشى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ جەلپكارلىقىغىمۇ ئىشىنىشى كېرەك.
سىزگە تەئەللۇق نەرسە ھامان سىزنىڭ بولىدۇ، سىزگە تەئەللۇق بولمىغان نەرسە ۋاقتىنچە سىزنىڭكىدەك تۇرغىنى بىلەن بەرىبىر بىر ئۆمۈر سىزنىڭ بولمايدۇ. ئەگەر يىگىتىڭىزنى چوقۇم خاتالىشىدۇ دەپ قارىسىڭىز، ئۇنىڭغا ئەقىدە باغلىماڭ. چۈنكى، مۇھەببەت مەڭگۈلۈك بولىدۇ.
بارلىق يىگىتلەرنىڭ ئاتالمىش «ئەرلەر ئۈستۈنلۈكى» مۇقامىنى توۋلىشى ناتايىن، بىراق ھەممىسىلا سۆيگۈنىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشىشنى خالايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن يىگىتىڭىز ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ ۋە پىلانلار ئۈستىدە ئەستايىدىل پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئالقىشلاپ ماختىسىڭىز، ئۇنىڭدا «مەن قىز دوستۇم ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ئىكەنمەن، قىز دوستۇم مېنىڭ ئەقىل كۆرسىتىشىمگە موھتاج ئىكەن» دېگەن تونۇش پەيدا بولۇپ، ئۇ سىزدىن تولىمۇ مەمنۇن بولىدۇ.
2. مىننەتدار بولۇش
بەزىدە قىز ئەتراپىدىكى ئىش ياكى ناچار كەيپىياتى توغرىسىدا يىگىتىگە دەردىنى تۆكۈشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنداق چاغدا يىگىت قىزنىڭ ئۆزىنى ئەڭ يېقىن، سۆيۈملۈك ئادىمى دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن دەرد تۆككەنلىكىنى توغرا چۈشەنمەي، ئۆزىگە بېسىم پەيدا قىلىۋالىدۇ.
تۇرمۇشىڭىزدىن ۋە يىگىتىڭىز ئاتا قىلغان بارلىق نەرسىلەردىن مىننەتدار بولسىڭىز، يىگىتىڭىز ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن سۆيۈنىدۇ-دە، تېخىمۇ شاد-خۇرام، ئەركىن-ئازادىلىككە چۆمىدۇ.
3. ماختاش
بەزى يىگىتلەر كىچىك بالىغا ئوخشاش ماختاپ ئۇچۇرۇشىڭىزنى خالايدۇ. چۈنكى، ئاشۇ ماختاش ئۇلارنىڭ ئالغا بېسىش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ، قانداق قىلغاندا سىزنى تېخىمۇ خۇشال قىلالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ.
4. ئېتىراپ قىلىش
يىگىتلەر سۆيگۈنىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشكەندە دوستى، تۇغقىنىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشكەنگە قارىغاندا ئۆزىنى تېخىمۇ ئېتىراپ قىلىدۇ.
ئەگەر يىگىتنىڭ ئۆزىگە ئىشەنچىسى بولمىسا، ھامان بىر كۈنى سۆيگۈنىدىن ۋاز كېچىدۇ. بەزى يىگىتلەر كىچىك بالىدەك ناھايىتى گۆدەك بولۇپ شىلىسىڭىز، ماختىسىڭىز، شۇ ھامان گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كېتىدۇ؛ ۋارقىراپ تىللاپ قويسىڭىز قورققىنىدىن قۇيرۇقىنى قىسىپ تىكىۋېتىدۇ.
   5. مەدەت بېرىش
يىگىتىڭىز بىلەن ئاراڭلاردا ئىختىلاپ كۆرۈلگەندە ئۈن-تىنسىز سۈكۈت قىلسىڭىز، بۇنىڭ ئۈنۈمى بىرمۇنچە چالۋاقاپ كوتۇلدىغانغا قارىغاندا زور بولىدۇ.
بۇنداق قىلغاندا ئاچچىقى يانغاندىن كېيىن يىگىتىڭىز تەبىئىي ھالدا كۆڭلىڭىزنى چۈشىنىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىزگە يېقىنلىشىدۇ. بۇ خىل مۇھەببەتنىڭ قۇدرىتى ناھايىتى ئۇلۇغ بولۇپ، يىگىتلەرگە زور روھىي ئوزۇق ئاتا قىلىدۇ.
20170905062540798.jpg


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
تىزىملىككە قايتىش تېما يوللاش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

Archiver|يانفون|قاماقخانا|دىلرام تور بېكىتى  

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For Almizar.cn

تور بىكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، تور بىكتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز. تور بىكىتىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ مەدەنىيەتلىك تور مۇھىتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ! QQ:657458566 ، تېلېفۇن:13899953791

文明办网文明上网举报QQ657458566, 举报E-mail:657458566@qq.com ,联系电话:13899953791

GMT+8, 2017-9-25 19:41 , Processed in 0.314359 second(s), 29 queries .

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش