تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
دىلرام تورى»مۇنبەر تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى تۇرمۇش بىلىملىرى يېمەكلىك بىلەنمۇ كەيپىياتنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ
تىزىملىككە قايتىش تېما يوللاش
كۆرۈش: 1532|ئىنكاس: 0

يېمەكلىك بىلەنمۇ كەيپىياتنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

236

تېما

241

يازما

925

جۇغلانما

ئالىي دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 4

جۇغلانما
925
20170825110342699.jpg
تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بەزى يېمەكلىكلەر ئارقىلىقمۇ ناچار كەيپىياتتىن قۇتۇلغىلى بولىدىكەن.
كەيپىياتىڭىزنى ياخشىلىغۇڭىز بارمۇ؟ ئۇنداقتا بۇغداي بولكىسى ئەڭ ياخشى تاللىشىڭىزدۇر.
كۆڭلىڭىز يېرىم ۋاقىتلاردا بولكا يەپ بەرسىڭىز، بولۇپمۇ بۇغداي بولكىسى يېسىڭىز كۆڭلىڭىزدىكى بىئارامچىلىق يوقاپ كېتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ بولكا تەركىبىدىكى ۋىتامىن B1 بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
ئامېرىكا ۋېلىش ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتورى بېنتون مۇنداق دەپ قارىدى: «ۋىتامىن B1 كەيپىياتنى تەڭشەشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. لېكىن كۆپىنچە كىشىلەردە ۋىتامىن B1 كەم، تاماقنى بەك تاللاپ يەيدىغان ئادەملەردە ۋىتامىن B1 كەم بولغانسېرى كەيپىياتى ئاسانلا ناچارلىشىپ كېتىدۇ. ۋىتامىن B1 نىڭ كەملىكىنىڭ يەنە بىر ئىپادىسى: ئاسانلا چارچاش ھېس قىلىش، ئەگەردە ۋىتامىن B1 ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل بولسا، شەيئىلەرگە بولغان قىزىقىشى يوقىلىش، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ناچارلىشىدۇ. شۇڭا بۇنداق ئادەملەر ئادەتتە قارا ئاشلىق ياكى بۇغداي تەركىبى مول يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بېرىشى كېرەك.
20170825110343232.jpg
تىنچلانغۇڭىز بارمۇ؟ ئۇنداقتا ماروژنى يەپ بېرىڭ.
شېكەر قومۇشى، ماروژنى قاتارلىق تاتلىق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە مول بولغان ۋىتامىن B2 ۋە كالتسىي بار، ۋىتامىن B2 نىڭ ئاياللارنىڭ بەدىنىگە سۈمۈرلۈشى ئەرلەرگە قارىغاندا ئاسانراق بولغاچقا، ئاياللارنىڭ كەيپىياتى ئەرلەرگە قارىغاندا بىر قەدەر ياخشى، تەپەككۇر يولى تەرتىپلىك، ئېغىر-بېسىق بولىدىكەن. بۇنىڭغا قارىغاندا كالتسىيمۇ كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدىكەن.
ياشانغان ئاياللاردا ۋىتامىن B2 نىڭ كەم بولۇشى كۆپ كۆرۈلىدىكەن، ھامىلىدار ئاياللار، ئاقسىللىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يەيدىغان ئاياللار، گۆشسىز تاماق يەيدىغان ئاياللاردىمۇ ۋىتامىن B2 ۋە كالتسىي كەم بولىدىكەن.
20170825110343950.jpg
ئاسان ئاچچىقلىنامسىز؟ قاتتىق پوستىلىق مېۋە يەپ بېرىڭ.
ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان ياكى روھىي بېسىمى ئېغىر كىشىلەر ياڭاق، گازىر، كاۋا تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئاسان ئاچچىقلانمايدىغان بولىدىكەن. چۈنكى بۇ تۈردىكى يېمەكلىكلەردە ۋىتامىن B6 مول بولغاچقا روھىي ھالەتنى ياخشىلاشقا ياردىمى زور بولىدىكەن.
ۋىتامىن B6 كەم كىشىلەردە ئاسان ئاچچىقلىندىغان، روھىي كەيپىياتى ناچارلىشىپ، مىجەز-خۇلقى ئۆزگىرىپ كېتىدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىدىكەن. ياشلار-ئۆسمۈرلەردە ۋىتامىن B6 كەم بولغاندا زېرىكىشلىك ھېس قىلىپ، پىيى تارتىشىپ قالىدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىپ، ئېغىر بولغاندا تۇيۇقسىز چۆچۈيدىغان بولۇپ قالىدىكەن. لېكىن ياشلار-ئۆسمۈرلەر بۇرۇقتۇرما كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالسا چوقۇم دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىتىش كېرەك ئىكەن، بۇنداق ھالەتتە يېمەكلىك يېيىش ئارقىلىق داۋالاش كار قىلمايدىكەن.
20170825110343888.jpg
دائىم يالغۇزلۇق ھېس قىلامسىز؟ ئۇنداقتا سىزدە ۋىتامىن C كەمچىل ئىكەن.
بىزدە: «گۆش يېيىشكە ئامراق كىشىلەرنىڭ مىجەزى ناچارراق بولىدۇ، سەي-كۆكتات يېيىشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەر مۇلايىم كېلىدۇ» دېگەن گەپ بار. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، سەي-كۆكتاتلار ھەقىقەتەنمۇ كەيپىيات تەڭشەشتە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىكەن. بولۇپمۇ تەركىبىدە ۋىتامىن C مول بولغان مېۋە-چىۋە، سەي-كۆكتاتلارنىڭ كەيپىياتنى تەڭشەشتە رولى ناھايىتى چوڭ ئىكەن.
ۋىتامىن C يەنە «ئاسكوربىك كىسلاتا» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ بەدەننىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپلا قالماي، بېسىمغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنىمۇ ئاشۇرىدىكەن. ئۇ يەنە بەدىنىمىزدىكى دوپامىن، ئوڭ بۆرەك ئۈستى بېزى ھورمۇنى قاتارلىق ئاكتىپ فاكتورلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان مۇھىم تەركىب ھېسابلىنىدىكەن. بەدەندە ۋىتامىن C كەم بولغاندا ئادەمنىڭ كەيپىياتى ناچارلاپ، بۇرۇقتۇرمىلىشىپ، يالغۇزلۇق ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالىدىكەن.
20170825110344201.jpg
ئىمتىھان بىلەن قارشىلىشىش پىسخىكىڭىز بارمۇ؟ ئۇنداقتا بېلىق يەپ بېرىڭ.
ئىمتىھان يېقىنلاشقاندا جىددىيلىشىش، ئىمتىھان بىلەن قارشىلىشىش پىسخىكىسى پەيدا بولىدۇ. بېلىقنىڭ تەركىبىدە ياغ كىسلاتاسى مول بولغاچقا، ئۇ جىددىيلىكنى پەسەيتىدىغان ئەڭ ياخشى دورا. ئۇنىڭ رولى لىتىي كاربونات قاتارلىق دورىلارنىڭ رولى بىلەن تەڭ بولۇپ، بەدىنىمىزدىكى ئاجراتمىلارنىڭ خۇشال كەيپىيات پەيدا قىلىدىغان سېروتونىننىڭ چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.
تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بېلىق مېيى ئادەمنى جىددىي ھالەتتىكى قارشىلىشىش تۇيغۇسىنى ئازايتالايدىكەن. ماي تۈرىدىكى، بولۇپمۇ تويۇنمىغان ھالەتتىكى ماي كىسلاتاسى ناچار كەيپىياتنى يوقىتىشقا پايدىلىق ئىكەن.
20170825110344127.jpg
كەيپىياتىڭىز تۇراقسىزلىشىپ ئەندىشىلىك تۇيغۇڭىز كۆپىيىپ كېتىپ بارامدۇ؟ ئۇنداقتا دادۇر، تۇخۇم تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىپ بېرىڭ.
ئەگەردە دېيشىپ قويغان ئۇچرىشىشىڭىز ياكى قىلىدىغان ئىشىڭىزنى ئاسان ئۇنتۇپ قالىدىغان، يېقىندا يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئەسلىيەلمەيدىغان، ئۆگىنىش بىلىم نۇقتىلىرىنى، يېڭى ماھارەتلەرنى ئىگىلەش ئىقتىدارىڭىز تۆۋەنلەپ، كەيپىياتىڭىز تۇراقسىزلىشىپ، ئۆزىڭىزدە ئەندىشىلىك تۇيغۇسى پەيدا بولغاندەك ھېس قىلغان بولسىڭىز، بۇ بەدىنىڭىزدە خولىننىڭ كەملىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا خولىن مىقدارى كۆپ يېمەكلىكلەر (مەسىلەن: كاناماش (دادۇر)، تۇخۇم، گۈرۈچ، ئۇنى قاتارلىقلار) نى، نىكوتىنىك كىسلاتالىق يىمەكلىك (مەسىلەن: يەر ياڭىقى، بولكا، پەمىدۇر) نى ئىستېمال قىلىپ بەرسىڭىز بولىدىكەن. چۈنكى خولىن نىكوتىنىك كىسلاتاسى بىلەن بىرىكسە ئاتسېتىلخولىن ھاسىل قىلىدىكەن، بۇ ماددا ئەندىشە تۇيغۇسىنى ئازايتىشقا پايدىلىق ئىكەن. خولىن كەيپىياتنى تۇراقلاشۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولغاچقا، مېڭىنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىكەن، يەنە ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك كېسلىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.
خولىن مىقدارى كۆپ يېمەكلىكلەر ئاساسلىقى تۇخۇم تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر، ھايۋانلارنىڭ مېڭىسى، يۈرەك، جىگەر قاتارلىق ئەزالىرى، بۇغداي ئۈندۈرمىسى، كاناماش، يەر ياڭىقى، كۆكتاتلاردىن ئوسۇڭ قاتارلىقلار ئىكەن، چېچەكسەي تەركىبىدىمۇ خولىن مول ئىكەن.
ئەسلى مەنبەسى: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
تىزىملىككە قايتىش تېما يوللاش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

Archiver|يانفون|قاماقخانا|دىلرام تور بېكىتى  

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For Almizar.cn

تور بىكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، تور بىكتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز. تور بىكىتىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ مەدەنىيەتلىك تور مۇھىتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ! QQ:657458566 ، تېلېفۇن:13899953791

文明办网文明上网举报QQ657458566, 举报E-mail:657458566@qq.com ,联系电话:13899953791

GMT+8, 2017-11-20 21:14 , Processed in 0.559351 second(s), 29 queries .

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش