تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
دىلرام تورى»مۇنبەر تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى ساغلاملىق مەسلىھەتچىسى قان تومۇرلار توسۇلۇپ قالغاندا كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەر
تىزىملىككە قايتىش تېما يوللاش
كۆرۈش: 2761|ئىنكاس: 0

قان تومۇرلار توسۇلۇپ قالغاندا كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

236

تېما

241

يازما

925

جۇغلانما

ئالىي دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 4

جۇغلانما
925
ئەگەر قان-تومۇلار توسۇلۇپ قالسا، قان سۇيۇقلۇقى تومۇردا راۋان ئاقالماي، يېنىك بولغاندا بىئارام بولىدۇ، ئېغىر بولغاندا ھاياتىغا خەۋپ يېتىدۇ. قان تومۇرلار توسۇلۇپ قالغاندا كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەر تۆۋەندىكى بىر نەچچە خىل:
20170823125543218.jpg
تۇيۇقسىز دىمى سىقىلىش ئۆپكە ئارتېرىيە كەپلەشمىسىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇزاق ۋاقىت ئولتۇرۇپ ياكى يېتىپ تۇرغاندىن كېيىن ھەرىكەت قىلغان ۋاقىتتا، تۇيۇقسىزلا نەپىسى سىقىلغاندەك بولۇپ، ھەتتا ئايلىنىپ كەتكەندە، پۇتتىكى ۋېنا قان نۆكچىسىنىڭ ئاجراپ چۈشۈپ كېتىشىدىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن. ئۆپكە ئارتېرىيەسى توسۇلۇپ قېلىشتىن بولغان ئۆپكە ئارتېرىيە كەپلەشمىسى، ئېغىر بولغاندا تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
20170823125543137.jpg
كۆكرەك ئاغرىسا تاجسىمان يۈرەك كېسىلى، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى بولۇشى مۇمكىن. تاجسىمان ئارتېرىيە بولسا يۈرەكنى قان بىلەن تەمىنلەيدىغان قان تومۇر. ئەگەر بۇ قان تومۇر توسۇلۇپ قالسا، ياكى تارىيىپ كەتسە، يۈرەكنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشى چەكلىمىگە ئۇچراپ، قان يېتىشمەسلىك ئېغىرلىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كۆكرەك ئاغرىيدۇ. ئەگەر سىجىل خاراكتېرلىك كۆكرەك ئاغرىش بولسا، تاجسىمان ئارتېرىيە پۈتۈنلەي توسۇلۇپ قېلىپ، قان ئېقىمى ئۇدا 15-20 مىنۇت ئۈزۈلۈپ قالسا يۈرەك مۇسكۇلى ئۆلۈپ، يۈرەك مۇسكۇل ئىنفاركىتى كېلىپ چىقىدۇ.   
20170823125544143.jpg
بىر تەرەپتىكى پۇت-قولى ماغدۇرسىزلىنىش، سەكتىدىن بېشارەت بېرىدۇ. تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن بىر تەرەپتىكى پۇت، مېڭە ئارتېرىيەسى ياكى بويۇن ئارتېرىيە توسۇلۇپ قالسا، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە گەپ-سۆزى ئېنىق بولمىسا، بىر يۈزدىكى ئېغىزى، كۆزى مايماق بولۇپ قالسا، كۆزى غۇۋالىشىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ۋاقتىدا داۋالالىنىش كېرەك.
20170823125544517.jpg
سۇلۇق ئىششىق، سۈيدۈك مىقدارىنىڭ ئۆزگىرىشى، بۆرەك ئارتېرىيەسى توسۇلۇپ قېلىشتىن بېشارەت بېرىدۇ. بۆرەك ئارتېرىيەسى بۆرەكنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشىگە مەسئۇل بولىدۇ، ئەگەر بۆرەك ئارتېرىيەسىدە داغ پارچىلىرى پەيدا بولسا، بۆرەكنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشى ئازىيىپ، بۆرەك ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ماغدۇرسىزلىنىش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، سۈيدۈك مىقدارىنىڭ ئۆزگىرىشى، پۇت-قوللىرى ئىششىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۆرەككە قان يېتىشمەسلىكنىڭ ئېغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ «زەھەرنى ھەيدەش» ئىقتىدارى زىيانغا ئۇچرايدۇ، ھەتتا بۆرەك زەئىپلىشىشكە ئۆزگىرىپ كېتىشىمۇ مۇمكىن.
20170823125545239.jpg
ماڭغاندا پۇتى ئاغرىسا، تۆۋەنكى مۈچە ئارتېرىيەسى توسۇلۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. پۇتقا قان يېتىشمىگەندە، ماڭسا پۇتى ئاغرىشى مۇمكىن، ئارام ئالغاندىن كېيىن ياخشى بولۇپ قالىدۇ، ئەمما يەنە ماڭسا يەنە ئاغرىشقا باشلايدۇ. تۆۋەنكى مۈچە ئارتېرىيەسى توسۇلۇپ قېلىشقا سەل قارالسا، كېسەللىك ئەھۋالى يەنىمۇ ئېغىرلىشىپ، پۇتىغا ئېغىر دەرىجىدە قان يېتىشمەي، ھەرىكەت قىلمىغاندىمۇ پۇتى ئاغرىشى مۇمكىن، ئەگەر يەنىمۇ ئېغىرلىشىپ كەتسە پۇت-قول يېرىلىپ يارا ئېغىزى ساقايماي، ھەتتا توقۇلمىلار ئۆلۈشىمۇ مۇمكىن.
20170823125545487.jpg
تومۇر سوقۇشى ئاجىز، قان بېسىمى تۆۋەن بولسا، يۇقىرى مۈچە ئارتېرىيەلىرى توسۇلۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. يۇقىرى مۈچە ئارتېرىيەلىرى توسۇلۇپ قالسا، بىر تەرەپتە ياكى ئىككى تەرەپتىكى، ئارتېرىيە سوقۇشى ئاجىزلاپ، قولى قان بېسىمى تۆۋەنلەش، ئېغىر بولغاندا قول يەنە تەشەببۇسكارلىق بىلەن چوڭ مېڭىدىن قان «ئوغرىلاش»، باش قېيىش، دەس تۇرالماسلىق قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
20170823125546868.jpg
پۇت سىممېترىكسىز سۇلۇق ئىششىقى، پۇتتىكى چوڭقۇر ۋېنا قان نۆكچىسىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئاسان يۈز بېرىدۇ، ئۇزاق مۇددەت ئورۇن تۇتۇپ ياتقان، ئۇزاق ئولتۇرۇپ مىدىرلىمايدىغان، سۇسىزلىنىدىغان، تېنىدە ئۆسمە بار بىمارلارنىڭ پۇتى ئىششىپ، ئاغرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. قان ۋېنا قان تومۇرنى توسۇۋالغاندا، قاننىڭ قايتما ئېقىمىنىڭ راۋان بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، قان نۆكچىسى ھاسىل بولۇپ، بىر يېنىدىكى پۇت-قوللىرىدا سۇلۇق ئىششىق پەيدا قىلىدۇ. ئەگەر تۆۋەنكى مۈچە ۋېناسى ئىچىدىكى قان نۆكچىسى ئاجراپ چۈشۈپ كەتسە، ئۆپكە ئارتېرىيەسىنى توسۇۋالىدۇ.
مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
تىزىملىككە قايتىش تېما يوللاش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

Archiver|يانفون|قاماقخانا|دىلرام تور بېكىتى  

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For Almizar.cn

تور بىكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، تور بىكتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز. تور بىكىتىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ مەدەنىيەتلىك تور مۇھىتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ! QQ:657458566 ، تېلېفۇن:13899953791

文明办网文明上网举报QQ657458566, 举报E-mail:657458566@qq.com ,联系电话:13899953791

GMT+8, 2017-11-20 21:15 , Processed in 0.484050 second(s), 29 queries .

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش