تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
دىلرام تورى»مۇنبەر مەدەنىيەت - سەنئەت سەنئەت ۋە دۇنيا تاماشا ساھەسىدىكى چەتئەلدىن «قايتۇرۇلغان» جۇڭگولۇق كېلىنچەكلەر
تىزىملىككە قايتىش تېما يوللاش
كۆرۈش: 934|ئىنكاس: 0

تاماشا ساھەسىدىكى چەتئەلدىن «قايتۇرۇلغان» جۇڭگولۇق كېلىنچەكلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

211

تېما

216

يازما

838

جۇغلانما

ئالىي دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 4

جۇغلانما
838

20170830171315352.jpg

بېيجىڭ ۋاقىت تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

نىڭ جىڭ «قىزىل دەريا جىلغىسى» (红河谷) ناملىق كىنونى سۈرەتكە ئالغاندا، ئامېرىكىلىق ئارتىس پائۇل بىلەن مۇھەببەتلىشىپ چاقماق تېزلىكىدە توي قىلغان. ئارقىدىن بىر ئوغۇل پەرزەنتلىك بولغاندىن كېيىن، ئىككەيلەننىڭ ھېسسىياتىدىمۇ كىرزىس كۆرۈنۈپ، ئاجرىشىپ كەتكەن. نىڭ جىڭ دۆلىتىمىزگە قايتىپ كېلىپ كەسپىدە تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، بىراق تا ھازىرغىچە ياتلىق بولمىدى.

20170830173029196.jpg

يۈەن لى ئىلگىرى كانادالىق لىن بوۋېن بىلەن مۇھەببەتلىشىپ، 2-قېتىم تۇرمۇشلۇق بولغان. ئالدىنقى ۋاقىتلاردا، لىن بوۋېن ئۆزىنىڭ دادا بولىدىغانلىقىنى قىن-قىنىغا پاتماي سۆزلەپ يۈرگەندە، تۇيۇقسىز يۈەن لىنىڭ بويىدىن ئاجراپ كېتىشى بىلەن تەڭ 4 يىللىق نىكاھ تۇرمۇشىمۇ ئاياغلاشتى. ئۇ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، مىكرو بىلوگىغا: «يەنىلا دۆلىتىمىزنىڭ ئەرلىرى ياخشىكەن»، دېگەن.

20170830172951121.jpg


1995-يىلى ۋېي ۋېي تازا جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان كەسپىدىن ۋاز كېچىپ، شىۋېتسىيەلىك ئايالى بار مايكولغا ياتلىق بولۇپ، 3 پەرزەنتلىك بولدى. 2004-يىلى، 9 يىللىق نىكاھ  تۇرمۇشىدا قىزىل چىراغ يېنىپ، شىۋېتسىيەدە ئاجرىشىش داۋامىدا، مايكول ئۈچ بالىنىڭ پاسپورتىنى تۇتىۋېلىپلا قالماستىن يەنە كۆپ قېتىم ئۇنىڭ ھاياتىغا تەھدىت سالدى. ۋېي ۋېي ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىنمۇ، داۋاملىق ناخشا كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ، 3 بالىسى ۋە سابىق يولدىشىنى بېقىۋاتىدۇ.

20170830172905395.jpg

جاڭ مو ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىدا چەتئەللىك يىگىت بىلەن مۇھەببەتلەشكەن. گەرچە جاڭ يىموۋ ئۇنىڭ بۇ ئىشىغا قوشۇلمىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ يەنىلا 2006-يىلى لوس ئانژېلېستا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. دېگەندەك، ئاتا-ئانىسىنىڭ رازىلىقى بىلەن توي قىلغان بۇ قىز شېرىن مۇھەببەت ۋە ئاچچىق نىكاھنىڭ تەمىنى يەتكۈچە تارتتى. جاڭ مونىڭ چەتئەللىك يولدىشى زوراۋان، يەنە كېلىپ سىرتتا ئاشنا ئوينىغان بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئاجرىشىپ، 2009-يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ تەرەققىي قىلدى.

20170830173435262.jpg

1997-يىلى جاڭ مەنيۈ فىرانسىيەلىك رېژىسسور بىلەن ھەمكارىلىشىپ «迷离劫» ناملىق كىنونى ئىشلىگەندە ئىسسىق ئۆتۈشۈپ قېلىپ، 1998-يىلى توي قىلدى. بىراق 2001-يىلنىڭ ئاخىرىدىلا نىكاھتىن ئاجراشتى. فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، جاڭ مەنيۈنىڭ يولدىشى ئۇنىڭدىن يوشۇرۇن ئوغۇل دوست بىلەن مۇھەببەتلەشكەن بولۇپ، بەزى خەۋەرلەردە ئەرنىڭ زوراۋان ئىكەنلىكىمۇ دېيىلگەن.

20170830173513269.jpg

ئەينى يىلى چېن لۇيۈ ئامېرىكىلىق ئەرگە ياتلىق بولۇپ، تۇرمۇشنىڭ راھىتىنى سۈرگەن بولۇپ، بىراق ياخشى كۈنلەر 3 يىلدىلا ئاياغلاشتى. ئۇ نىكاھتىن ئاجراشقاندىن كېيىن، ئىنتايىن بىچارە ھالەتتە ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ، داۋاملىق «ئالتۇن كان» قازدى. بىراق خۇشاللىنارلىقى شۇكى، 2002-يىلى ئۇ يەنىلا ئۆزىگە تەئەللۇق ھەقىقىي مۇھەببەتكە ئېرىشتى.



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
تىزىملىككە قايتىش تېما يوللاش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

Archiver|يانفون|قاماقخانا|دىلرام تور بېكىتى  

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For Almizar.cn

تور بىكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، تور بىكتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز. تور بىكىتىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ مەدەنىيەتلىك تور مۇھىتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ! QQ:657458566 ، تېلېفۇن:13899953791

文明办网文明上网举报QQ657458566, 举报E-mail:657458566@qq.com ,联系电话:13899953791

GMT+8, 2017-9-25 19:40 , Processed in 0.307876 second(s), 29 queries .

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش