تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
دىلرام تورى»مۇنبەر جاھاندىكى ئىشلار ئىچكى خەۋەرلەر قۇربان ھېيت يېتىپ كېلىش پەيتىدە ئۈرۈمچىدە ئېتىبارلىق باھادا زاپاس گۆش تارقىتىلىد
تىزىملىككە قايتىش تېما يوللاش
كۆرۈش: 797|ئىنكاس: 0

قۇربان ھېيت يېتىپ كېلىش پەيتىدە ئۈرۈمچىدە ئېتىبارلىق باھادا زاپاس گۆش تارقىتىلىد

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

208

تېما

213

يازما

827

جۇغلانما

ئالىي دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 4

جۇغلانما
827

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 26-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى:


  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى بولغان قۇربان ھېيت يېتىپ كېلىش پەيتىدە ئۈرۈمچى شەھىرى 26-ئاۋغۇستتىن 30-ئاۋغۇستغىچە پۈتۈن شەھەردىكى 69 بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسىدا ئېتىبارلىق باھادا زاپاس گۆش سېتىپ، كەڭ شەھەر ئاممىسى بولۇپمۇ ئوتتۇرا، تۆۋەن كىرىملىك ئىستېمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا ئىدارىسى بازار ھەرىكىتىنى تەكشۈرۈش، تەڭشەش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى جېڭ گۇاڭچىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى شەھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ زاپاس گۆش سېتىش دائىرىسى كەڭ بولۇپ، پۈتۈن شەھەردىكى ھەر قايسى رايون، ناھىيەلەردە سېتىش نۇقتىسى بار. چەت، يىراق يېزا-بازاردىمۇ مەخسۇس سەييارە تارقىتىش نۇقتىسى تەسىس قىلىنىپ، شۇ جايدىكى دېھقان-چارۋىچىلارنى ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان بۇ سىياسەتتىن بەھرىمەن قىلىمىز.

  بۇ قېتىم بازارغا سېلىنغان يېڭى ۋە توڭلىتىلغان كالا-قوي گۆشلىرىنىڭ باھاسى بازار باھاسىدىن تۆۋەن بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى يېڭى پۈتۈن قوي گۆشىنىڭ ھەر بىر كىلوسىنىڭ باھاسى 35 يۈەن، يېڭى كالا گۆشىنىڭ ھەر بىر كىلوسىنىڭ باھاسى 48 يۇەن قىلىپ بېكىتىلگەن بولۇپ، باھاسى ھەممىدىن ئەرزان توڭلىتىلغان كالا-قوي گۆشلىرىنى قوشقاندا، ئوخشىمىغان قاتلامدىكى شەھەر ئاممىسىنىڭ ئېھتىياجىنى قامدىغىلى بولىدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك سودا تارماقلىرى يەرلىكنىڭ زاپاس گۆش كاپالىتى سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر قېتىملىق بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە يەرلىككە زاپاس گۆش تارقىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئەلا سۈپەتلىك، باھاسى ئەرزان ھۆكۈمەتنىڭ زاپاس گۆشلىرىنى سېتىۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.


  مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  http://www.uycnr.com/zt/qgxwlb16/dfxw16/201708/t20170826_1169067.html



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
تىزىملىككە قايتىش تېما يوللاش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

Archiver|يانفون|قاماقخانا|دىلرام تور بېكىتى  

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For Almizar.cn

تور بىكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، تور بىكتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز. تور بىكىتىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ مەدەنىيەتلىك تور مۇھىتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ! QQ:657458566 ، تېلېفۇن:13899953791

文明办网文明上网举报QQ657458566, 举报E-mail:657458566@qq.com ,联系电话:13899953791

GMT+8, 2017-9-22 07:05 , Processed in 0.288502 second(s), 26 queries .

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش