تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
دىلرام تورى»مۇنبەر جاھاندىكى ئىشلار قىزىق نۇقتىلار ئەنگلىيەلىك 72 ياشلىق ئايال نىگېرىيەلىك 27 ياشلىق ئەر بىلەن توي قىلدى
تىزىملىككە قايتىش تېما يوللاش
كۆرۈش: 937|ئىنكاس: 0

ئەنگلىيەلىك 72 ياشلىق ئايال نىگېرىيەلىك 27 ياشلىق ئەر بىلەن توي قىلدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

561

تېما

581

يازما

1996

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

جۇغلانما
1996
20170827092608391.jpg
يەر شارى تورى 27-ئاۋغۇست خەۋىرى:
ئەنگلىيە «پوچتا گېزىتى»نىڭ 24-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيەلىك 72 ياشلىق موماي ئەنجېلا (Angela Nwachukwu) نىگېرىيەلىك، ئۆزىدىن 45 ياش كىچىك نىۋاچۇكۋۇ (CJ Nwachukwu) بىلەن توردا تونۇشۇپ 3 ئايدىن كېيىن توي قىلغان. نىۋاچۇكۇ تويدىن كېيىن بىللە تۇرۇش ئۈچۈن ئەنگلىيە ۋىزىسى ئېلىشقا كۆپ قېتىم ئىلتىماس قىلغان. بىراق، ئەپسۇسلىنارلىق يېرى، ئۇنىڭ ۋىزىسى كۆپ قېتىم رەت قىلىنغانلىقتىن ئىككەيلەننىڭ يۈرىكى پارە-پارە بولۇپ كەتكەن.
ئەنجېلا بىلەن نىۋاچۇكۋۇ 2015-يىلى 4-ئايدا نىگېرىيەنىڭ ئىلگىرىكى پايتەختى لاگوستا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. بۇ ئۇلارنىڭ رېئاللىقتا تۇنجى قېتىم يۈز كۆرۈشۈشى ئىدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى 3 ئايدا ئۇلار ئىزچىل توردا ئالاقىلىشىپ كەلگەنىدى. ئەنجېلا: «توردا نىۋاچۇكۋۇ بىلەن تونۇشقان ۋاقىتلىرىمدا تېخى يېڭىلا ئاجراشقانىدىم. شۇڭا ئۇ ماڭا قوشۇۋېلىش ئىلتىماسى ئەۋەتكەندە ئىككىلەنمەيلا قوشتۇم. ئۇنىڭ ئۈستىگە پاراڭلىشىشنى زىيانلىق ئەمەس دەپ قارىدىم» دېدى.
20170827092609505.jpg
ياش پەرقىنىڭ چوڭلۇقى ئۇلارغا ھېچقانداق توسالغۇ بولمىدى ھەم ناھايىتى تېزلا چىقىشىپ قالدى. شۇڭا نىۋاچۇۋكۇ ئەنجېلاغا تور تېلېفونىدا توي تەكلىپى قويغاندا ئۇ خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدى. ئۇلار نىگېرىيەدە توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن پەقەت ئىككى قېتىملا يۈز كۆرۈشۈپ باقتى. ئىلگىرى نىۋاچۇكۋۇنىڭ ساياھەت ۋىزىسى رەت قىلىنغانىدى. بۇ قېتىم يەنە ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي شارائىتى ياخشى بولمىغانلىقتىن ئائىلە ۋىزىسىمۇ رەت قىلىندى.
ئىگىلىنىشىچە، ئەنگلىيە پۇقرالىرى چەتئەللىك جورىلىرىغا ئائىلە ۋىزىسى ئىلتىماس قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشىغا ياردەم بېرەلەيدىكەن. بىراق، بۇنىڭ ئۈچۈن تۆلىنىدىغان ئاساسىي ھەق 1464 فوندستېرلىڭ (خەلق پۇلىدا تەخمىنەن 12 مىڭ يۈەن). بۇنىڭغا قوشۇمچە ھەقلەرنى قوشقاندا خەجلىنىدىغان پۇلنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 20 مىڭ يۈەنگە يېتىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئىقتىسادىي شارائىت ۋە ۋاقىتقا قارىتا تەلەپ بولغانلىقتىن ۋىزا ئېلىش ئانچە ئاسان ئەمەس. ئەنجېلا ۋىزا بېجىرىپ بېرىشكە ياردەم قىلىدىغان ئادۋوكات تەكلىپ قىلىش ۋە ئايروپىلان بىلەن نىگېرىيەگە بېرىش ئۈچۈن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 20 مىڭ فوندستېرلىڭ (خەلق پۇلىدا تەخمىنەن 170 مىڭ يۈەن) خەجلەپ بولغان. ئۇ ھازىر نىۋاچۇكۋۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىق ۋىزىسىغا ئېرىشىپ ئۆزى بىلەن بالدۇرراق جەم

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
تىزىملىككە قايتىش تېما يوللاش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

Archiver|يانفون|قاماقخانا|دىلرام تور بېكىتى  

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For Almizar.cn

تور بىكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، تور بىكتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز. تور بىكىتىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ مەدەنىيەتلىك تور مۇھىتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ! QQ:657458566 ، تېلېفۇن:13899953791

文明办网文明上网举报QQ657458566, 举报E-mail:657458566@qq.com ,联系电话:13899953791

GMT+8, 2017-9-22 07:08 , Processed in 0.269050 second(s), 29 queries .

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش