تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
دىلرام تورى»مۇنبەر جاھاندىكى ئىشلار تاغدىن - باغدىن ھىندىستانلىقلارنىڭ نەزىرىدىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ گۈللەنگەن جاي--بومباي
تىزىملىككە قايتىش تېما يوللاش
كۆرۈش: 1149|ئىنكاس: 0

ھىندىستانلىقلارنىڭ نەزىرىدىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ گۈللەنگەن جاي--بومباي

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

562

تېما

582

يازما

2001

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

جۇغلانما
2001
20170824083756256.jpg
تېڭشۈن تورى 23-ئاۋغۇست خەۋىرى:
ھىندىستان ھەمىشە ئۆزىنى ئەتراپىدىكى دۆلەتلەر، بولۇپمۇ جۇڭگو بىلەن سېلىشتۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ دۆلەتتىكىلەر جۇڭگودىن مەيلى قايسى تەرەپتە يۇقىرى ئورۇندا تۇرسۇن، ھەتتا نوپۇسى كۆپ بولسىمۇ ئۆزىگە تەمەننا قويىدۇ. كۆپ قىسىم ھىندىستانلىقلارنىڭ نەزىرىدە بومباي دۇنيا بويىچە ئەڭ گۈللەنگەن جايلارنىڭ بىرى. ئامېرىكىلىق ساياھەتچىلەر تارتقان بۇ سۈرەتلەردە بومباينىڭ ھەقىقىي قىياپىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
20170824083757589.jpg
بۇ قۇرۇلۇشلاردا ئەنگلىيە ئۇسلۇبى تولۇق گەۋدىلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ بۇ پويىز ئىستانسىسىنى 1817-يىلى بىر ئەنگلىيەلىك ئارخېتىكتور ئايال پادىشاھ ۋىكتورىيە تەختكە ئولتۇرغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن لاھىيەلىگەن.
20170824083757532.jpg
خۇشپۇراق ماتېرىياللار سېتىلىدىغان بۇ دۇكاننىڭ جازىلىرىغا ئەينەك قۇتىلارغا قاچىلاپ قويۇل رەڭگارەڭ تاۋارلار تىزىۋېتىلگەن. ئامېرىكىلىق فوتوگرافلار بۇنىڭغا ئانچە قىزىقىپ كەتمىدى.
20170824083758332.jpg
كېيىن ئۇلار بىلىپ-بىلمەيلا ھىندىستان دەرۋازىسىغا كېلىپ قالدى. بۇ جايدا ئادەم ھەقىقەتەن كۆپ ئىدى. ھىندىستان دەرۋازىسى 1911-يىلى ئەنگلىيە پادىشاھى جورج 5 ۋە خانىش مارىنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن ياسالغان.
20170824083758182.jpg
بۇ بىر ئاددىي قۇرۇلۇش مەيدانى. بىراق، بۇ جايدىكى ئىشچىلار ئىش قىلغاندا بىخەتەرلىك قالپىقى كىيمەيدۇ.
20170824083759682.jpg
بومباينىڭ ھەممىلا يېرى گۈللەنگەن ئەمەس، بۇ جايدىمۇ ئوخشاشلا كۆلىمى ناھايىتى چوڭ نامراتلار مەھەللىسى بار.
20170824083800397.jpg
ھىندىستاندا كالىلارغا مۇقەددەس ھايۋانات سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىنىدىغانلىقى ھەممىگە ئايان. ھىندىستاندا كالا ئۆلتۈرگەنلەر تۈرمىدە ياتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كوچىلاردا كالا ئۇچراپ قېلىشى تولىمۇ نورمال ئىش.
20170824083800186.jpg
بومباي شۈبھىسىزكى خەلقئارالاشقان مەركىزىي شەھەر. بىراق، ئۇنى دۇنيا بويىچە ئەڭ گۈللەنگەن جاي دېيىش ھەقىقەتەن ئاشۇرۇۋەتكەنلىك. ھىندىستانغا بارغان ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۇ شەھەرنىڭ قالايمىقانچىلىق ۋە مەينەتچىلىككە تولغانلىقىنى بايقايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بومباينىڭ ئارتۇقچىلىق ۋە كەمچىلىكى ناھايىتى گەۋدىلىك بولغاچقا بەزىلەر ئۇنى ناھايىتى ياخشى كۆرسە، بەزىلەر قاتتىق بىزار بولىدۇ.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

499

تېما

529

يازما

1959

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
1959
ۋاقتى: 2017-8-25 18:30:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزۈمنىڭ بېغىدا ئۈزۈپ يەيمەن

تىزىملىككە قايتىش تېما يوللاش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

Archiver|يانفون|قاماقخانا|دىلرام تور بېكىتى  

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For Almizar.cn

تور بىكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، تور بىكتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز. تور بىكىتىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ مەدەنىيەتلىك تور مۇھىتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ! QQ:657458566 ، تېلېفۇن:13899953791

文明办网文明上网举报QQ657458566, 举报E-mail:657458566@qq.com ,联系电话:13899953791

GMT+8, 2017-9-25 19:36 , Processed in 0.404197 second(s), 29 queries .

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش