تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
دىلرام تورى»مۇنبەر جاھاندىكى ئىشلار تاغدىن - باغدىن بەدەن ئېغىرلىقى ساغلاملىقنىڭ بىردىنبىر ئۆلچىمى ئەمەس
تىزىملىككە قايتىش تېما يوللاش
كۆرۈش: 1095|ئىنكاس: 0

بەدەن ئېغىرلىقى ساغلاملىقنىڭ بىردىنبىر ئۆلچىمى ئەمەس

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

562

تېما

582

يازما

2001

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

جۇغلانما
2001
20170730090913386.jpg
سېمىزلىك ھازىرقى زامان كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا ئەڭ زور ساغلاملىق خەۋپى ھېسابلىنىدۇ. ھەممە ئادەم ئورۇق بولسا ساغلام بولىدۇ دەپ قارىشىدۇ. لېكىن بەزى سان سىفىرلار بىزگە سېمىزلەرنىڭ كېسەلگە مۇپتىلا بولغاندىن كېيىنكى ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ ئىنتايىن تۆۋەن بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
بىر قانچە يىل بۇرۇن ئامېرىكىنىڭ غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتى فېئېنبىرگ مېدىتسىنا ئىنستىتۇتىدىكى تەتقىقاتچى خادىملار سېمىزلىكنىڭ IIتىپلىق دىئابېت كېسىلىنىڭ ئەڭ مۇھىم خەتەرلىك ئامىل ھېسابلانسىمۇ، ئەمما بەدەن ئېغىرلىقى نورمال نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ مۇشۇنداق كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قېلىشىدەك ئادەم چۈشىنىپ يېتەلمەيدىغان ھادىسىنى يولۇقتۇرغان. بۇنداق بولۇشنىڭ سەۋەبى نېمە؟ ئادەمنىڭ تېخىمۇ ئەقلى يەتمەيدىغىنى شۇكى، نورمال بەدەن ئېغىرلىقىدىكى دىئابېت كېسەللىرىنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن ياكى سېمىز دىئابېت بىمارلىرىنىڭكىدىن ئىككى ھەسسە ئارتۇق بولغان. بۇنداق زىددىيەتلىك ھادىسىلەر سېمىزلىك نەزەرىيىسى دەپ ئاتالغان، بۇنداق ئەھۋال باشقا سوزۇلما كېسەللىكلەر ئىچىدىمۇ كۆرۈلۈپ، نۇرغۇن سوزۇلما كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغۇچى سېمىز بىمارلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى ئادەتتىكى بىمارلارغا قارىغاندا تۆۋەن بولغان.
بۇ نەزەرىيىگە نىسبەتەن، مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق بىرقانچە خىل قىياسنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى. بىر خىل كۆز قاراشلىرى ئادەم بەدىنىدە سوزۇلما كېسەل پەيدا بولغاندىن كېيىن، مېتابولىزم تېزلىشىدىغان بولغاچقا، بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ ئېنېرگىيە ۋە ئىسسىقلىق كالورىيىسىنى زاپاس ساقلاشقا مۇھتاج بولىدۇ. ئەگەر بىماردا يېتەرلىك ياغ زاپىسى بولمىسا، كېسەل پەيدا بولغاندىن كېيىن ئېھتىمال ئوزۇقلۇق ناچارلىشىپ كېتىشى مۇمكىن.
20170730090913450.jpg
يەنە بىر خىل كۆز قاراشتىكىلەر ئىرسىيەت نۇقتىسىدىن چىقىش قىلغان ھالدا ئەگەر سېمىزلىكتىن ئىبارەت بۇنداق يۇقىرى خەتەرلىك ئامىل بولمىغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ يەنىلا دىئابېت، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكى قاتارلىق سېمىزلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولسا، ئېھتىمال شۇنداق بىمارلاردا كېسەللىك ئاسان يۇقىدىغان گېن بولۇپ، شۇ ئارقىلىق تېخىمۇ زور خەۋپكە يولۇققان بولۇشى مۇمكىن.
ئەڭ ئاخىرقى بىر خىل كۆز قاراشتىكىلەر دوختۇرلار بىمارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىغا قاراپ خاتا ھۆكۈم چىقىرىشى مۇمكىن. ئۇلار ئورۇق بىمارلارنى داۋالىغان ۋاقىتتا سېمىز بىمارلارنى داۋالىغاندەك كۈچەپ كەتمەيدۇ، بۇنىڭدا بەدەن ئېغىرلىقى كۆرسەتكۈچىنى تاللاشنىڭ ئۆزىدە مەسىلە ساقلانغان بولىدۇ. زور كۆپ ساندىكى دوختۇرلار قوللىنىدىغان ساغلاملىق سۈپىتى كۆرسەتكۈچى(BMI) ئىچىگە بەدەندىكى ياغ مىقدارى مۇسكۇل سېلىشتۇرمىسى، بىنورمال مېتابولىزم ۋە باشقا ئورگانىزىمىنى تەشكىل قىلىدىغان ئىنچىكە پەرقلەر كىرگۈزۈلمىگەن بولىدۇ.
بىز ھازىر يۇقىرىدىكى قىياسلارنىڭ قايسىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى بىلمىسەكمۇ، لېكىن بەدەن ئېغىرلىقىنى ساغلاملىقنى ئۆلچەيدىغان بىردىنبىر ئۆلچەم قىلىۋېلىشقا بولمايدۇ. بەزى ۋاقىتلاردا، بىز ئېھتىمال بىر ئادەمنىڭ ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىپ كەتكەن كەتمىگەنلىكىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىز مۇمكىن. بەدىنى زىلۋا ئادەملەرمۇ مېتابولىزىمى بىنورمال بولۇش، ئىنسۇلىننىڭ قارشىلىقى كېمىيىش، خولېستېرىن زىيادە ئېغىرلاپ كېتىش قاتارلىق مەسىلىلەر بولسا ساغلام ئادەم ھېسابلانمايدۇ، ئەكسىچە، بەدەن ئېغىرلىقى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ، باشقا تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلەر ناھايىتى نورمال بولسا، ئۇ يەنىلا ساغلام ئادەم ھېسابلىنىدۇ.
ھەم زىلۋا بەدەن قۇرۇلۇشى ھەم ساغلام تەننى ساقلاشنىڭ ئۆزى ئىنتايىن كۆڭۈلدىكىدەك ئىش ھېسابلىنىدۇ، لېكىن بىر قىسىم كىشىلەردە بەدەن ئېغىرلىقى چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن مېتابولىزم نورمالسىزلىنىش قاتارلىق مەسىلىلەر يۈز بېرىشى مۇمكىن. شۇڭا، زىلۋا بەدەننىڭ بولۇشى ھەممە ئادەم ئۈچۈن ساغلاملىق بولۇشى ناتايىن، شۇنداقتىمۇ زىلۋا بەدەن كىشىلەر سالامەتلىكنى قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى، سېمىزلىك كېسىلى بارلارمۇ تەكشۈرتۈش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويماسلىقى، كېسەلگە مۇپتىلا بولغاندىن كېيىن ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، ۋاقتىدا داۋالىنىشى لازىم.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
تىزىملىككە قايتىش تېما يوللاش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

Archiver|يانفون|قاماقخانا|دىلرام تور بېكىتى  

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For Almizar.cn

تور بىكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، تور بىكتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز. تور بىكىتىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ مەدەنىيەتلىك تور مۇھىتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ! QQ:657458566 ، تېلېفۇن:13899953791

文明办网文明上网举报QQ657458566, 举报E-mail:657458566@qq.com ,联系电话:13899953791

GMT+8, 2017-9-25 19:38 , Processed in 0.312464 second(s), 29 queries .

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش