تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
دىلرام تورى»مۇنبەر جاھاندىكى ئىشلار قىزىق نۇقتىلار نېپال پادىشاھىمۇ تىزلىنىپ باش ئۇرىدىغان «تىرىك ئايال ئىلاھ
تىزىملىككە قايتىش تېما يوللاش
كۆرۈش: 1129|ئىنكاس: 0

نېپال پادىشاھىمۇ تىزلىنىپ باش ئۇرىدىغان «تىرىك ئايال ئىلاھ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

562

تېما

582

يازما

2001

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

جۇغلانما
2001
20170825153133286.jpg
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 2017-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
نېپال ھىمالايا تاغ تىزمىسى ئاستىغا جايلاشقان بىر سىرلىق كىچىك دۆلەت، بۇ دۆلەتتە ناھايىتى ئۆزگىچە ھەر خىل ئۆرپ-ئادەت ۋە مەدەنىيەتلەر تا ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلمەكتە، گەرچە بۇ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى خېلىلا ئارقىدا بولسىمۇ، بۇ دۆلەت يەنە جۇڭگولۇقلارنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ پاك بىر جاي. نېپالنىڭ پايتەختى كاتماندو شەھىرىگە جايلاشقان پادىشاھ سارىيىنىڭ ئۇدۇلىدا ئۈچ قەۋەتلىك بىر بىنا بار بولۇپ، پۈتۈن دېرىزىلىرى قوڭۇر رەڭدە سىرلانغان، ھەر خىل قاپارتما نەقىشلەر چىقىرىلغان، يەرلىك ئىمارەت سەنئىتىنى تولۇق نامايەن قىلغان، مەزكۇر ئۈچ قەۋەتلىك بىنانىڭ ئىگىسى تولىمۇ ئالاھىدە بىر ئايال. يەنى بۇ دەل نېپاللىقلارنىڭ قەلبىدە ئەڭ ئۇلۇغ ئورۇننى ئىگىلەيدىغان تىرىك ئايال ئىلاھنىڭ تۇرالغۇسى بولۇپ، «كۇمارى ئايال ئىلاھ بۇدخانىسى» (Kumari goddess temple) دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ جايدا دۇنيا بويىچە بىردىنبىر تىرىك ئايال ئىلاھ كۇمارى تۇرىدۇ.
20170825153140523.jpg
نېپال تىلىدا «كۇمارى» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى «قىز» دېگەنلىك بولۇپ، ئۇندىن باشقا يەنە تىرىك ئايال ئىلاھ دەپمۇ مەنىسى بار. بۇ نېپاللىقلار ئادەتتىكى قىزلارنىڭ ئارىسىدىن تاللاپ ئىلاھ قىلغان ئادەمنى كۆرسىتىدۇ. كۇمالى بولۇپ تاللانغان كىچىك قىزلار ئادەتتە ئۈچ-تۆت ياش ۋاقتىدىلا بۇدخانىغا ئېلىپ بېرىلىدۇ ۋە پۇقرالار كېلىپ ئۇنىڭغا تىز پۈكۈپ چوقۇنىدۇ، تاكى ياشلىق مەزگىلى، يەنى تۇنجى قېتىم ئادەت كەلگەن كۈنى ئايال ئىلاھ چېكىنىپ چىقىدۇ ۋە ئادەتتىكى ئادەملەر قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ. نەچچە يۈز يىللاردىن بۇيان، كۇمالى ئايال ئىلاھى دائىم دېگۈدەك ئادەتتىكى ئائىلىلەرنىڭ قىزلىرى ئارىسىدىن تاللىنىپ كېلىندى، شۇڭلاشقا ئۇلار چېكىنگەندىن كېيىن ئۆز يۇرتىغا قايتىپ ئادەتتىكى ئادەمگە ئايلىنىدۇ.
20170825153148269.jpg
ھەر قېتىم ئايال ئىلاھ تەختنى بوشىتىدىغانغا ئاز قالغان ۋاقىتتا، كىچىك قىزلار ئارىسىدىن يېڭىدىن كۇمالى ئايال ئىلاھى تاللاشقا توغرا كېلىدۇ. پۈتۈن مەملىكەتتىكى نەچچە مىليونلىغان قىز بۇدخانا خادىملىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىنىدۇ ۋە پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ھەممە ئىنتىزار بولىدىغان، ھەممە چوقۇنىدىغان بۇ ئورۇننى ئۆز قىزلىرىغا ئېلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىشىدۇ. تىرىك ئايال ئىلاھنىڭ ئورنى ۋە نوپۇزى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ھەتتا پادىشاھ زىيارەتكە كەلگەن ۋاقىتتىمۇ تىزلىنىپ باش ئۇرۇشى كېرەك.
20170825153202446.jpg
يېڭى تىرىك ئايال ئىلاھنى تاللاش مۇراسىمى ھەم سىرلىق ھەم ئۆزگىچە ۋە ناھايىتى داغدۇغىلىق بولۇپ، ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىر قانچە باسقۇچنى بېسىپ ئۆتىدۇ، بىرىنچى 3 ياشتىن 4 ياشقىچە بولغان «قىز» تاللىنىدۇ. ئىككىنچى، بۇدساتۋا ساكيامونى (Sakyamuni) بىلەن مۇناسىۋەتلىك جەمەت بولۇشى ۋە شۇنداقلا ئەجدادى چوقۇم كاتماندودىكى ئىككى ئىلاھى دەريانىڭ قاسنقىدا ئولتۇرۇشلۇق بولۇشى، جەمەتى پاك ۋە ھېچقانداق ناپاكلىق ئامىلى بولمىغان بولۇشى لازىم. ئۈچىنچى، گۈزەل ئەخلاقلىق بولۇشى لازىم، ھېچ قانداق كەمچىللىكى بولماسلىقى، قان كۆرۈپ باقمىغان بولۇشى لازىم، كىچىك ۋاقتىدا بىرەر يېرى كېسىلىپ ياكى سۈرۈلۈپ قان چىققان بولسىمۇ بولمايدۇ. تۆتىنچى، مۆچىلى چوقۇم پادىشاھنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولۇشى كېرەك. بەشىنچى، بىرلا ۋاقىتتا 32 خىل ئالاھىدىلىكنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بولۇشى لازىم، مەسىلەن بوينى خۇددى كەھرىۋادەك پارقىراپ تۇرۇشى، سۈزۈك بولۇشى، بەدىنى خۇددى مەجنۇنتالدەك ئەۋرىشىم بولۇشى، قاشلىرى خۇددى ئون بەش كۈنلۈك تولۇن ئايدەك قىيا بولۇشى، پۇتلىرى كىيىكنىڭكىدەك تۈز ۋە ئىنچىكە بولۇشى، كۆزى ۋە چېچى چوقۇم تۇم قارا ۋە پارقىراپ تۇرغان بولۇشى، قوللىرى ئىنچىكە ۋە ئۇزۇن بولۇشى كېرەك.
20170825153213862.jpg
كىچىك قىزلار تىرىك ئايال ئىلاھ بولۇپ تاللانغان ھامان ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەتلىك تۇرمۇشىدىن خوشلىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، تاكى چېكىنىپ چىققۇچە چوقۇم كۇمالى بۇدخانىسىدا تۇرىدۇ ۋە شۇ جايدا ياشايدۇ، كىشىلەرگە ناھايىتى كۆرۈنۈش قىلىدۇ، يەنى بىر يىلدا پەقەت 13 قېتىملا باشقىلار بىلەن كۆرۈشىدۇ، مۇھىم بايراملاردا كوچىلارغا چىقىپ ئايلاندۇرۇلغاندىن باشقا، ئادەتتە يەنە چوقۇنغۇچىلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ تۇرىدۇ. ئىلاھ بولۇش سۈپىتى بىلەن، تاللانغان قىزنىڭ ھەر بىر ئېغىز سۆزى، ھەر بىر ھەرىكەتلىرى چوقۇنغۇچىلارنىڭ شەرتسىز بويسۇنىدىغان ۋە تەقلىد قىلىدىغان ئوبرازىغا ئايلىنىدۇ. تىرىك ئايال ئىلاھنىڭ ھەر بىر ھەركەتلىرىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئالاھىدە مەنىسى بولغان بولىدۇ. مەسىلەن، ئەگەر تىرىك ئايال ئىلاھ چوقۇنغۇچىلارغا قاراپ قاتتىق كۈلسە ياكى قاتتىق ۋارقىرىسا، چوقۇنغۇچى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولىدۇ ياكى ئۆلۈپ كېتىدۇ. يەنە مەسىلەن، تىرىك ئايال ئىلاھنىڭ چېھرى تۇتۇلۇپ قالغان بولسا، ئوڭ-سولغا ئەلەڭگىپ قارىسا، چوقۇنغۇچىنىڭ ئائىلىسىدە تالاش-تارتىش ياكى ماجرا كېلىپ چىقىدۇ؛ ئەگەر تىرىك ئايال ئىلاھ قولى ئارقىلىق غىزالانسا، ئۇنى يوقلاپ كەلگەن چوقۇنغۇچى قاتتىق باي بولۇپ كېتىدۇ، دېگەندەك.
20170825153220490.jpg
تىرىك ئايال ئىلاھ بولۇپ تاللانغاندىن كېيىن بۇ قىزلارنىڭ ئورنى ۋە نوپۇزى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ھەممىدىن، ھەتتا پادىشاھتىنمۇ ئۈستۈن بولسىمۇ، بىراق چېكىنىپ چىققاندىن كېيىنكى ئايال ئىلاھلارنىڭ تەقدىرىدى تولىمۇ ئازابلىنارلىق بولىدۇ. چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن بۇ قىزلارغا پەقەت بىر تال ئالتۇن تەڭگە ۋە ئۆزى تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدىكى بىر قۇر قىزىل رەڭلىك كىيىمى بېرىلىدۇ، ئۇندىن باشقا ھېچ قانداق نەرسە بېرىلمەيدۇ. تېخىمۇ قورقۇنچلۇق ئەپقاچتى گەپلەر بولسا شۇكى، ھەر قانداق بىر ئەر چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن ئايال ئىلاھ بىلەن توي قىلىدىغان بولسا 6 ئاي ئىچىدە قان قۇسۇپ ئۆلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تىرىك ئايال ئىلاھ بولۇپ تاللانغان قىزلار بىر ئۆمۈر توي قىلالماي بويتاقلىق ئىلكىدە، يالغۇزلۇققا مەھكۇم بولۇپ ياشايدۇ. بۇرۇنلاردا چېكىنىپ چىققان كۇمالى تىرىك ئايال ئىلاھى مەجبۇرىي ھالدا پۈتۈن ئۆمرىدە توي قىلمايتتى، بىراق ھازىر ئەھۋال ئۆزگەرگەن، مەجبۇرلاش ئامىلى يوقىغان بولسىمۇ، بىراق كىشىلەرنىڭ ئېڭىگە نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان سىڭىپ كەتكەن يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان پىكىر قىلىش ئۇسۇلى سەۋەبىدىن، چېكىنىپ چىققان تىرىك ئايال ئىلاھنىڭ تۇرمۇشقا چىقىشى يەنىلا تەسكە چۈشىدۇ




v4.png
v3.png
weixinnn.png
qqq.png
avatar.gif
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
تىزىملىككە قايتىش تېما يوللاش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

Archiver|يانفون|قاماقخانا|دىلرام تور بېكىتى  

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For Almizar.cn

تور بىكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، تور بىكتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز. تور بىكىتىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ مەدەنىيەتلىك تور مۇھىتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ! QQ:657458566 ، تېلېفۇن:13899953791

文明办网文明上网举报QQ657458566, 举报E-mail:657458566@qq.com ,联系电话:13899953791

GMT+8, 2017-9-25 19:34 , Processed in 0.292095 second(s), 29 queries .

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش