تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
دىلرام تورى»مۇنبەر جاھاندىكى ئىشلار جەمئىيەتكە نەزەر ئاۋىستىرالىيەلىك سېستىرا ئەخلەت تۇڭىدىن يېمەكلىك يىغىپ يەپ ھەشەمەتلىك ئۆي سېتىۋا
تىزىملىككە قايتىش تېما يوللاش
كۆرۈش: 1001|ئىنكاس: 0

ئاۋىستىرالىيەلىك سېستىرا ئەخلەت تۇڭىدىن يېمەكلىك يىغىپ يەپ ھەشەمەتلىك ئۆي سېتىۋا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

561

تېما

581

يازما

1996

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

جۇغلانما
1996

20170818174350108.jpg

2017-يىلى 8-ئاينىڭ 18-كۈنى خەۋىرى (رەسىمنىڭ كونكىرت تارتىلغان ۋاقتى ئېنىق ئەمەس)، ئاۋىستىرالىيە سېدنىي شەھىرىدىكى مېل خامفىرېس (Mel Humphreys) ئىسىملىك سېستىرا 4 يىلدىن بۇيان ئەخلەت ساندۇقىدىكى يېمەكلىكلەرنى يىغىپ يەپ 30 مىڭ ئاۋىستىرالىيە دوللىرى (يەنە تەخمىنەن 160 مىڭ يۈەنگە تەڭ) پۇل تېجەپ قالغان ھەم سېدنىيدىكى مەركىزىي سودا رايونىدىن قىممىتى تەخمىنەن 1 مىليون ئاۋىستىرالىيە دوللىرى (يەنە تەخمىنەن 5 مىليون 300 مىڭ يۈەنگە تەڭ) كېلىدىغان ھەشەمەتلىك ئۆي سېتىۋالغان! چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مېل خامفىرېس ئىسىملىك بۇ ئايال ئۆسمە كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە سېستىرالىق قىلىدىغان بولۇپ، ئۇ 4 يىل ئاۋۋال <ئەخلەت يېيىش> تۇرمۇشىنى باشلىغانىكەن. ئۇ ھەر ھەپتىدە تاللا بازىرى، ئاشخانا-رېستۇران ۋە بولكا دۇكىنى قاتارلىق جايلاردىكى ئەخلەت ساندۇقىنى 3-4 قېتىم  ئىزدەيدىغان بولۇپ، ئۇ بۇ جايلاردىكى ئەخلەت ساندۇقىدىن گۆش، بېلىق، كۈنجۈت، پىشلاق (ئېرىمچىك)، سەي-كۆكتات ھەتتا بولكا قاتارلىق يېگىلى بولىدىغان يېمەكلىكلەرنى ئىزدەپ تاپىدىكەن. مېلنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ مۇشۇ خىل تۇرمۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق ھەپتىلىك تاماق پۇلىنى ئەسلىدىكى 175 ئاۋىستىرالىيە دوللىرى (يەنە تەخمىنەن 930 مىڭ يۈەنگە تەڭ) دىن 40 ئاۋىستىرالىيە دوللىرى (يەنە تەخمىنەن 212 يۈەنگە تەڭ) غا تۆۋەنلەتكەن. مېل 4 يىلدىن بۇيان ئەخلەت ساندۇقىدىن يېمەكلىك يىغىپ يېيىش ئارقىلىق 30 مىڭ ئاۋىستىرالىيە دوللىرى پۇل تېجەپ قالغان شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئادەتتە يىغقان پۇللىرىنى قوشۇپ سېدنىيدىكى مەركىزىي سودا رايونىدىن قىممىتى تەخمىنەن 1 مىليون ئاۋىستىرالىيە دوللىرى (يەنە تەخمىنەن 5 مىليون 300 مىڭ يۈەنگە تەڭ) كېلىدىغان 2 ئېغىزلىق ئۆي سېتىۋالالايدىغان ھالغا كەلگەن! مېل مۇخبىرغا ناھايىتى پەخىرلەنگەن ھالدا ئۆزىنىڭ ھازىر كۈندە يەيدىغان يېمەكلىكىنىڭ تەخمىنەن %75 قىسمىنىڭ ئەخلەت ساندۇقىدىن يىغىپ كېلىنىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئېشىپ قالغان يېمەكلىكلىرىنى ھەتتا ئۇرۇغ-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرى بىلەن بەھىرلىنىپ تەڭ يەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن. بەزى كىشىلەر بۇ يېمەكلىكلەرنىڭ ئەخلەت ساندۇقىدىن يىغىپ كېلىنگەنلىكىنى ئۇققاندىن كېيىن قاتتىق ھەيران قالغان ھەم بۇنىڭدىن كېيىن مېل بىلەن بىللە ئەخلەت ساندۇقىدىن يېمەكلىك يىغقىلى بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، لېكىن يەنە بەزى كىشىلەرنىڭ بۇنىڭغا قارىتا تۇتقان پوزىتسىيىسىنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بېرىش سەل قىيىن بولغان.

20170818180031132.jpg

20170818180031807.jpg

20170818180031831.jpg

20170818180032212.jpg



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
تىزىملىككە قايتىش تېما يوللاش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

Archiver|يانفون|قاماقخانا|دىلرام تور بېكىتى  

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For Almizar.cn

تور بىكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، تور بىكتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز. تور بىكىتىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ مەدەنىيەتلىك تور مۇھىتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ! QQ:657458566 ، تېلېفۇن:13899953791

文明办网文明上网举报QQ657458566, 举报E-mail:657458566@qq.com ,联系电话:13899953791

GMT+8, 2017-9-22 07:00 , Processed in 0.236356 second(s), 30 queries .

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش