تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
دىلرام تورى»مۇنبەر جاھاندىكى ئىشلار جەمئىيەتكە نەزەر ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئاسىي ئەسكىرى چاۋشيەندە قازا قىلدى
تىزىملىككە قايتىش تېما يوللاش
كۆرۈش: 2977|ئىنكاس: 0

ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئاسىي ئەسكىرى چاۋشيەندە قازا قىلدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

602

تېما

622

يازما

2133

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

جۇغلانما
2133
20170822191352510.jpg
يەر شارى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يېقىندا، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ چاۋشيەندە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئەڭ ئاخىرقى ئاسىي ئەسكىرى دىرىسوكنىڭ قازا قىلغانلىقى دەلىللەندى. فىرانسىيە «ئاخبارات ئاگېنتلىقى» نىڭ 21-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، چاۋشيەننىڭ تەشۋىقات تور بېكىتى «بىزنىڭ ئارىمىزدا» ئېلان قىلغان زىيارەت فىلىمىدە كۆرسىتىلىشىچە، دىرىسدوكنىڭ بىر ئوغۇل ۋە بىر قىزى، ئۇنىڭ بۇلتۇر 11-ئايدا سەكتە بىلەن چاۋشيەندە قازا قىلغانلىقىنى دەلىللىگەن. چوڭ ئوغلى تېد مۇنداق دېگەن: «ئاتام 74 يېشىدا پانىي بىلەن خوشلىشىپ باقىيغا سەپەر قىلدى، جۇمھۇرىيەتنىڭ ھىممىتىدە پارتىيەنىڭ چەكسىز كۆيۈمىگە نائىل بولدۇق».
20170822191237237.jpg
20170822191301522.jpg
سىندا كۆرسىتىلىشىچە، تېد بلەن سىڭلىسى جەيمىسنىڭ ئىككىلىسى چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسىنىڭ فورمىسىنى كىيگەن، شۇنداقلا چاۋشيەن رەھبىرى كىم ئىلسۇڭ ۋە كىم جوڭئىلنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن ئىزناك تاقىغان ھەمدە ئۇلارنىڭ ۋارىسى كىم جوڭئۇننىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن يەڭلىك تاقىغانىكەن. فىرانسىيە «ئاخبارات ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋرىدە مۇنداق دېيىلگەن: «ئۇلارنىڭ ئىككىلىسى ئۆزلىرىنىڭ چاۋشيەندە تۇغۇلۇپ-ئۆسكەنلىكىگە ئىشىنىدىكەن، چاۋشيەنچىنىمۇ سۇدەك سۆزلەيدىكەن. ئۇلارنىڭ ئاپىسى چاۋشيەندە تۇتقۇن قىلىنغان رومىنىيەلىك ئايالكەن. ئۇلارنىڭ گەپ-سۆزلىرى چاۋشيەننىڭ ئادەتتىكى پۇقرالىرىنىڭكى بىلەن پەرقسىزكەن». تېد مۇنداق دېگەن: «ئاتىمىز بىزدىن ئۇلۇغ رەھبىرىمىزگە سادىق بولۇشنى تەلەپ قىلاتتى».
20170822191051858.jpg
بۇ قېتىمقىسى، بۇ ئىككىيلەننىڭ چاۋشيەننىڭ تەشۋىقات فىلىمىدە ئىككىنچى قېتىم كۆرۈنۈشىكەن، ئاكا-سىڭىل ئىككىيلەن 2016-يىلدىكى مەخسۇس زىيارەتتە چاۋشيەننى ماختىغانىكەن. ۋاشىنگتون بىلەن پىيوڭياڭنىڭ جىددىي ۋەزىيىتى تىلغا ئېلىنغاندا، تېد ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكا جاھانگىرلىرى چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئەھۋالىنى چۈشەنمىگەن ئەھۋالدا، ئۇرۇش پەيدا قىلىمەن دېيىشى ئۇچىغا چىققان ئەسەبىيلىكتۇر». سىڭلىسى جەيمىسمۇ مۇنداق دېگەن: « سۆيۈملۈك رەھبىرىمىز كىم جوڭئۇن بىزنىڭ يېنىمىزدىلا بولىدىكەن، بىزنىڭ غەلىبە قىلىشقا ئىشەنچىمىز كامىلدۇر».
20170822191208180.jpg
ئەنگلىيە «رادىيو شىركىتى» مۇنداق دېگەن: «دىرىسدوك ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ناھايىتى داڭلىق ئەسكىرى ئىدى. ئۇ 1962-يىلى 5-ئايدا قاتتىق مۇداپىيەدە تۇرىدىغان چاۋشيەن-كورېيە ھەربىي ھەرىكەتسىز رايونىدىن كېسىپ ئۆتۈپ، چاۋشيەنگە بارغان، ئۇ ئامېرىكا ئارمىيەسىگە ئاسىىيلىق قىلىپ چاۋشيەنگە كەتكەن ناھايىتى ئاز ساندىكى ئەسكەرلەرنىڭ بىرسى. كېيىن دىرىسدوك ۋە چاۋشيەن قاماق قويغان باشقا ئۈچ ئاسىي ئەسكەر چاۋشيەننىڭ تەشۋىقات كىنولىرىدا غەربپەرەسلەرنىڭ رولىدا چىققان. تولۇق ئوتتۇرىنىمۇ پۈتتۈرمىگەن بۇ ئەسكەرلەر، تۈرمىدىن قېلىشقۇسىز ھاقارەتلىك تۇرمۇشتىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، چاۋشيەن كىنولىرىدا ئەڭ كۆپ پەيدا بولىدىغان رولچىلاردىن بولۇپ قالغان».
20170822191148500.jpg
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىردىن 90-يىللىرىغىچە، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككى ئەسكەر ئارقا-ئارقىدىن ئالەمدىن ئۆتكەن، يەنە بىرسى ياپونىيەلىك ئايالىغا ئەگىشىپ چاۋشيەندىن ئايرىلغان ھەم ياپونىيەدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان. پەقەت دىرىسدوك بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىزچىل چاۋشيەندە ياشاپ كەلگەن ھەمدە ئەزەلدىن ئامېرىكىغا قايتقۇسى بارلىقىنى دەپ باقمىغان. ئەنگلىيەنىڭ 2006-يىلىدىكى خاتىرە فىلىمى «چېگرادىن كېسىپ ئۆتۈش» تە، دىرىسدوك ئۆزىنىڭ چاۋشيەندىكى تۇرمۇشىدىن ناھايىتى رازىلىقىنى ئېيتىپ: «بۇ يەر مېنىڭ ئۆيۈمدەك بولۇپ قالدى» دېگەن.
20170822191324353.jpg
2007-يىلى، ئامېرىكا «كولومبىيەرادىيو شىركىتى» چاۋشيەن بىلەن ئالتە يىل كېڭەشكەندىن كېيىن، دىرىسدوكنى زىيارەت قىلىش ئىجازىتىگە ئېرىشىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئەينى چاغدىكى كەچۈرمىشى ۋە پىيوڭياڭدىكى تۇرمۇشى جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشكەن. «كولومبىيە رادىيو شىركىتى» مەخسۇس زىيارىتىدە دىرىسدوك مۇنداق دېگەن: «ماڭا بويۇم بىلەن تەڭ ئالتۇن بەرگەن تەقدىردىمۇ، چاۋشيەندىن ھەرگىز كەتمەيمەن».

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
تىزىملىككە قايتىش تېما يوللاش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

Archiver|يانفون|قاماقخانا|دىلرام تور بېكىتى  

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For Almizar.cn

تور بىكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، تور بىكتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز. تور بىكىتىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ مەدەنىيەتلىك تور مۇھىتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ! QQ:657458566 ، تېلېفۇن:13899953791

文明办网文明上网举报QQ657458566, 举报E-mail:657458566@qq.com ,联系电话:13899953791

GMT+8, 2017-11-20 21:29 , Processed in 0.366027 second(s), 29 queries .

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش