تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
دىلرام تورى»مۇنبەر جاھاندىكى ئىشلار جەمئىيەتكە نەزەر دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ھايۋانلارنىڭ ئادەملەرگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى
تىزىملىككە قايتىش تېما يوللاش
كۆرۈش: 996|ئىنكاس: 0

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ھايۋانلارنىڭ ئادەملەرگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

561

تېما

581

يازما

1996

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

جۇغلانما
1996
باغچىسىدا، بىر قارا ئېيىقنىڭ ئاپتوموبىللىق ساياھەتچىگە ھۇجۇم قىلىپ، سول بىلىكىنى چىشلىۋالغان ۋەقە توردا كەڭ تارقالدى. ئەمەلىيەتتە، بۇنداق ۋەقەلەر دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە ئۇچراپ تۇرىدۇ. چۈنكى، ئانا تەبىئەتتىن يىراق ياشاشقا كۆنۈپ كەتكەن ئىنسانلار، باغچىدىكى ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ئوماق قىلىقلىرىغا مەپتۇن بولۇپ، ئۇنىڭ ياۋايىلىقى ۋە تۇغما مىجەزىگە سەل قاراپ كەلگەن. ئۇنداقتا بىز بۇ ھەقتە ئازراق ئويلىنىپ باقساق بولىدىغان ئوخشايدۇ. ئۆزىمىزنىڭ مەيلىدىن باشقا، ھايۋانلار بىلەن ئۇچراشقاندا تەبىئەتنىڭ «ئۇلار بىلەن مۇئەييەن ئارىلىق ساقلاڭ» دېگەن مەدەنىيلىك بەلگىلىمىسگە رىئايە قىلىشمۇ تەخىرسىز مەسىلە بولۇپ قالغان بولسا كېرەك.
20170823210427521.jpg
شۇ يەر ۋاقتى 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى، جەنۇبىي ئافرىقا. 4-ئاينىڭ 28-كۈنى تارتقان سۈرەتكە قارىغاندا، ئادەتتە ناھايىتى رايىش يىلپىز تۇيۇقسىزلا ياۋۇزلىشىپ كېتىپ، باغچىدىكى ئەنگلىيەلىك بىر ساياھەتچىنى چىشلەپ تىتما-تالاڭ قىلىۋەتكەن. شوتلاندىيەدىن كەلگەن 60 ياشلىق ئايال ۋىيولېت دىمېللو (Violet D'Mello) ۋە يولدىشى كىراگا كامما (Kragga Kamma) ياۋايى ھايۋانلار باغچىسىنى ئايلىنىۋاتقاندا، تۇيۇقسىزلا بىر يىلپىزنىڭ شۇ جايدىكى سەككىز ياشلىق بىر قىزچاققا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىپ تۇرغانلىقىنى بايقاپ قالغان، ئارقىدىنلا يىپلىز قىزچاقنىڭ پۇتىنى چىشلىگەن. دىمېللو بىلەن يولدىشى يەنە ئازراق سۈرۈلۈپ ھۇجۇمغا ئۇچرىغان قىزچاققا ياردەم بەرمەكچى بولغان، دەل شۇ چاغدا يىلپىز ھېلىقى قىزچاقتىن بېشىنى بۇراپلا ئالدىراپ-تېنەپ قېچىۋاتقان يەتتە ياشلىق ئىنىسى كالۇمغا ئېتىلغان. دىمېللو ئەينى چاغدىكى ئەھۋالنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «ھەممە ئىشلار بىردەمدىلا يۈز بەردى، ئاچىسى خەتەردىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، ئىنىسى قورققىنىدىن ئالدىراپ-تېنەپ قېچىپ كەتتى. مەن ئۇنىڭغا <يۈگۈرمەي جايىڭىزدا جىم تۇرۇڭ، بولمىسا يىلپىزنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويىسىز> دەپ تۇرۇشىمغا، ئويلىمىغان يەردىن ھېلىقى يىلپىز ماڭا ئېتىلدى». بەختكە يارىشا، شۇ چاغدا دىمېللو ئۆلگەن قىياپەتكە كىرىۋېلىپ ھاياتىنى ساقلاپ قالغان.
20170823210437322.jpg
25 ياشلىق بىر يىگىت شىۋېتسارىيەنىڭ بېرىندىكى بىر باغچىدا ئايلىنىۋاتقاندا، بىر ئېيىق تۇيۇقسىزلا ئۇنىڭا ھۇجۇم قىلغان. ئەينى چاغدا، ئەقلىي ئىقتىدارىدا مەسىلە بار 25 ياشلىق بۇ يىگىت تۆت مېتىر ئېگىزلىكتىكى رېشاتكىدىن ئارتىلىپ چۈشۈپ، باغچىنىڭ چەكلەنگەن رايونىغا كىرىپ قالغانىكەن، ئاقىۋەتتە قارىسىمۇ ئادەمنىڭ يۈرىكى جىغىلدايدىغان ئېيىقنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. ساقچىلار ئېيىقنى ئوق بىلەن يارىلاندۇرغاندىن كېيىن، قۇتقۇزغۇچىلار بۇ يىگىتنى چەكلەنگەن رايوندىن قۇتقۇزۇپ چىققان. يىگىت ئازراق يارىلانغان، كېيىن دوختۇرخانىغا بېرىپ يارىسىنى تاڭدۇرغاندىن كېيىن ئۆيىگە قايتىپ ئارام ئالغان. بىراق، ھېلىقى بىچارە ئېيىق ئۇۋاق ئوقنىڭ ئازابىغا بەرداشلىق بېرىشكە مەجبۇر بولغان.
20170823210448258.jpg
يېڭى دېھلىدىكى دېھلى ھايۋانات باغچىسىدا بىر ئاق يولۋاس رېشاتكىدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ باغچىدىكى بىر ئوقۇغۇچىغا ھۇجۇم قىلغان، ئاخىردا ئۇنى چىشلەپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن. باغچا خادىملىرىمۇ ئۇنى قۇتقۇزۇشقا ئامالسىز قالغان.
20170823210500601.jpg
2016-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئاۋسترالىيەدىكى ئالىس بۇلىقى قۇملۇق باغچىسىدا، دالىدا فىلىم ئىشلەش جەريانىدا بىر بالىنى بۈركۈت ئېلىپ كەتكىلى تاسلا قالغان.
20170823210515625.jpg
ھىندىستاننىڭ راتلاند. باغچىدىكى ۋەھشىي مايمۇن بىر ئوغۇل بالىغان قاتتىق ھۇجۇم قىلغان، ئاخىرىدا باغچىنىڭ خىزمەتچىلىرى ۋە بالىنىڭ ئاتىسى بىرلىشىپ بالىنى مايمۇننىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇۋالغان.
20170823210526334.jpg
2016-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى، بىر قانچە ساياھەتچى ئاپتوموبىل بىلەن بېيجىڭ بادالىڭ ياۋايى ھايۋانلار باغچىسىغا كىرگەن، بىر ئايال ئاپتوموبىلدىن يېرىم چۈشۈپ بولۇشىغا، بىر يولۋاس ئۇنى سۆرىگەن پېتى ئورماننىڭ ئىچىگە ئەكىرىپ كەتكەن. ئارقىدىن ئايال بىلەن سەپەرداش ئىككى كىشى ئاپتوموبىل بىلەن ھېلىقى يولۋاسنى قوغلىغان، ئەمما باشقا يولۋاسلار ئۇلارغا ھۇجۇم قىلغان. ۋەقەدە، بىر ئادەم يارىلىنىپ بىر ئادەم قازا قىلغان. كېيىن، يولۋاسنىڭ ئايالغا ھۇجۇم قىلغان كۆرۈنۈشى ئاشكارىلانغان.
20170823210540216.jpg
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى جىلىن. يارىلانغان ئايال جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە ئېلىپ كىرىلمەكتە. شۇ كۈنى، خۇاديەن شەھىرى خېڭداۋ خېزى يېزىسى قاقاس تاغ كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق كەنت ئاھالىسى ليۇ يەنمېي تاغدا گۈمبەمەدەك تېرىۋاتقاندا، بىر ئېيىق ئۇنى چىشلەپ تىتما-تالاڭ قىلىۋەتكەن.
20170823210550115.jpg
2014-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى، مۇخبىر چېڭدۇ ھايۋانات باغچىسىنى زىيارەت قىلغان، ئەينى چاغدا باغچىدىكى ئانا-بالا يولۋاس ھېچنېمە بولمىغاندەك ئەركىن ئايلىنىپ يۈرگەن. 16-فېۋرال چۈشتىن كېيىن، بىر يىگىت رېشاتكىدىن ئارتىلىپ چۈشۈپ، يولۋاس قوتىنىغا كىرگەن. شۇ ھامان ئىككى بېنگال يولۋىسى ئۇنىڭ ئالدىدا پەيدا بولغان، ئەمما بۇ يىگىت قورقماقتا يوق، ئەكسىچە ياۋۇز ھەرىكەتلەر بىلەن ئانا يولۋاسقا كۈچ سىنىشىدىغاندەك «خىرىس» قىلغان. ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى قوتاننىڭ بۇلۇڭىدىكى يەنە بىر يولۋاسنى قورقۇتىۋەتكەن، لېكىن ئانا يولۋاس يىگىتكە ئېتىلغان. بېنگال يولۋىسى بىر قەدەر يۇۋاش بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپ يىللاردىن بېرى قوتاندا بېقىلغاچقا، يەنە كېلىپ شۇنىڭدىن بۇرۇنلا 10 كىلوگىرامدەك گۆش يېگەچكە، يولۋاسلار يېرىم سائەت ئايلىنىپ يۈرگەندىن كېيىن باشقا ياققا كېتىپ قالغان. يىگىتمۇ خەتەردىن قۇتۇلۇپ قالغان.
20170823210600396.jpg
2014-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى، جىلىن ئۆلكىسىنىڭ بەيچېڭ شەھەرى توڭيۈ ناھىيەسىدىكى شياڭخەي دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندا، بىر قىزىل قاشقا تۇرنا بىر ساياھەتچىگە ھۇجۇم قىلىپ تېرىسىنى يارىلاندۇرغان.
20170823210613750.jpg
شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ كولورادو ئىشتاتى. 34 ياشلىق جاسون ماكدونالد كولورادو ئىشتاتىدىكى تىمساھ كۆلچىكىدە پىدائىي بولۇپ ئىشلەۋاتقىلى 10 يىلدىن ئاشقانىدى، بۇنىڭدىن بۇرۇن تىمساھلار ئۇنىڭغا زادىلا ھۇجۇم قىلىپ باقمىغانىدى. بىراق، بىر قېتىم ئۇ قولىنى ئۇزۇنلۇقى 2.4 مېتىر كېلىدىغان قىسقا كالپۇك تىمساھنىڭ ئېغىزىغا قويۇپ نومۇر كۆرسىتىۋاتقاندا، تاسادىپىي ئەھۋال يۈز بەرگەن. قىسقا كالپۇك تىمساھ ئۇنىڭ قولىنى خۇددى تۆمۈر قىسقۇچتەك چىڭڭىدە چىشلەپ زادىلا قويۇپ بەرمىگەن. بەختكە يارىشا، ئۇنىڭ دوستلىرى ۋە خىزمەتداشلىرى ئۆز ۋاقتىدا يېتىپ كېلىپ، بىر تۆمۈر كالتەك بىلەن تىمساھنىڭ ئېغىزىنى ئاچقان، جاسونمۇ ھايات قالغان.
20170823210623166.jpg
شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى، ھىندىستاننىڭ شىمال ئىشتاتىدىكى مىراتتا كىشىلەر بىر يىلپىز سەۋەبلىك دەككە-دۈرۈم بولۇپ كەتتى. بىر يىلپىز مىرات كوچىلىرىدا ئەركىن-ئازادە مېڭىپ يۈرگەنىدى. يىلپىز كىشىلەرنى قورقۇتۇپلا بولدى قىلماي، بەلكى يەنە ئالتە ئادەمنى يارىلاندۇردى، دائىرىلەر شۇ جايدىكى بىر مەكتەپنى تاقاشقا بۇيرۇق چۈشۈردى. خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ يىلپىز يېقىن ئەتراپتىكى ئورمانلىقتىن كەلگەنىكەن. تەكشۈرگۈچىلەر ئەھۋالدىن خەۋەردار بولغاندىن كېيىن، شۇجايدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ بۇ ياۋۇز يىلپىزنى ئىزدىگەن. سۈرەتتە، ساقچىلار يىلپىزنى تۇتماقتا.
20170823210633231.jpg
شۇ يەر ۋاقتى 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى، فىرانسىيەگە قاراشلىق رېنىيون ئارىلى. ساقچىلار لەھەڭنىڭ ھۇجۇمىغا قازا قىلغان يىگىتنىڭ جەسىتىنى كۆتۈرۈپ ماڭماقتا.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
تىزىملىككە قايتىش تېما يوللاش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

Archiver|يانفون|قاماقخانا|دىلرام تور بېكىتى  

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For Almizar.cn

تور بىكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، تور بىكتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز. تور بىكىتىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ مەدەنىيەتلىك تور مۇھىتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ! QQ:657458566 ، تېلېفۇن:13899953791

文明办网文明上网举报QQ657458566, 举报E-mail:657458566@qq.com ,联系电话:13899953791

GMT+8, 2017-9-22 06:56 , Processed in 0.279118 second(s), 29 queries .

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش