تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
دىلرام تورى»مۇنبەر جاھاندىكى ئىشلار قىزىق نۇقتىلار 14 ياشلىق قىز ئۆزىنى بەك سېمىز دەپ قاراپ ئۆلۈۋالدى
تىزىملىككە قايتىش تېما يوللاش
كۆرۈش: 3005|ئىنكاس: 0

14 ياشلىق قىز ئۆزىنى بەك سېمىز دەپ قاراپ ئۆلۈۋالدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

602

تېما

622

يازما

2133

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

جۇغلانما
2133
20170823081430588.jpg
ئەنگلىيە «قۇياش گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە بۈيۈك مانچىستېر رايونىدىكى شارلوت بارون ئىسىملىك 14 ياشلىق قىز ئۆزىنى بەك سېمىز دەپ قاراپ ياتاق ئۆيىدە ئېسىلىپ ئۆلۈۋالغان. يەرلىك تارماقلار بۇ ئىشقا قارىتا ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزگەن ھەم بۇ قىزنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىنى ئاشكارىلىغان. بۇ قىز بىر قېتىم ھاراقنى ھەددىدىن كۆپ ئىچىۋالغانلىقى ئۈچۈن دوختۇرخانىغا قۇتقۇزۇشقا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىگە :«مېنىڭ ھەممە ئىشنى ئۇنتۇپ كەتكۈم بار، ئۇلار مېنى نېمىشقا قۇتقۇزۇۋالىدۇ؟ مېنىڭ بۇ دۇنيادا ياشىغۇم يوق، ئۇلار مېنى نېمىشقا قۇتقۇزۇۋالىدۇ؟» دەپ يېزىلغانىدى. ئۇ يەنە بىر دوستىغا يوللىغان ئەڭ ئاخىرقى ئۇچۇرىدا مۇنداق دېگەن:«مېنىڭ بۇ دۇنيادا ياشىشىمنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟ مەن ھېچنىمېگە يارىمايدىغان، قورقۇنچاق بىر ئادەم».
20170823081430921.jpg
ھازىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بۇ قىز ئىلگىرى ئىزچىل خۇشال-خۇرام ھالدا ياشاپ كەلگەن بولۇپ، 12 ياشقا كىرگەندىن باشلاپ ئۆزىنى ئۆزى قەستەن يارىلاندۇرۇشقا باشلىغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇ ئىش ئۇنىڭ مومىسىغا راك كېسىلىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى دەپ دېئاگنوز قويۇلغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئۇنىڭ ئاپىسى ۋىلونىكا كىربىرىد مۇنداق دېگەن:«مەن ئۇنىڭ بىلىكىدە يارا ئىزىنىڭ تۇرغانلىقىنى بايقاپ ئۇنىڭدىن سەۋەبىنى سورىغان چېغىمدا، ئۇ ھېچنېمىنى تەن ئالمىغان، كېيىن بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى تەن ئالدى. مەن ئۇنىڭ نېمىشقا ئۆزىنى ئۆزى يارىلاندۇرۇۋالىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلەلمەي ئاپامنى ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىپ بېقىشقا تەكلىپ قىلغان. كېيىن قىزىم قارىماققا ئۆزگىرىپ ياخشىلىنىپ قالغاندەك قىلغانىدى». «مەن ئۇنىڭغا ھەددىدىن زىيادە قاتتىق تەلەپ قويۇشقىمۇ پېتىنالمايمەن، نۇرغۇن ئىشلار يەنىلا ئۇنىڭ ئارزۇسى بويىچە بولاتتى. كېيىن قىزىم مومىسىنىڭ كېسەل سەۋەبىدىن بارغانسېرى ئاجىزلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈشنى خالىمايدىغان بولۇپ قالغاچقا، مەن ئۇنى دوستلىرى بىلەن كۆپرەك سىرتلارغا چىقىپ ئايلىنىپ كۆڭلىنى ئېچىپ كېلىشكە رىغبەتلەندۈرگەنىدىم».
20170823081431907.jpg
«مېنىڭچە قىزىم ئۆتكەن قېتىم ئىچىدىكى دەردلىرىنى تۆكۈۋېلىش ئۈچۈن شۇنچە كۆپ ھاراق ئىچىپ غەرق مەست بولۇپ قالغانىكەن. لېكىن مەن بۇنى زادى بايقىيالماپتىمەن. شۇ كۈنى مەن قىزىمنىڭ كارىۋاتتا يېتىپ كىتاب كۆرۈۋاتقانلىقىنى كۆرگەن، مەن تېخى ئۇ ماڭا گەپ قىلمىغاچقا ئۇنى ئۇخلاپ قالغان چېغى دەپ ئويلاپتىمەن. ئوغلۇم تايلور ئۇنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىپ چاتاق چىققانلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن، مەن يۈگۈرۈپ كىرىپ يۈرەك سوقۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇتقۇزۇش ئۇسۇلىنى قوللاندىم، لېكىن بۇ چاغدا ھەممە ئىش كېچىككەنىدى». تايلور مۇنداق دېدى:«شارلوت ئىلگىرى قارىماققا ھېچقانداق كۆڭۈلسىز ئىشى يوق ئادەمدەك خۇشال-خۇراملا يۈرۈيدىغان ئوچۇق-يورۇق قىز ئىدى، ئەزەلدىن باشقىلارغا ئۆزىنىڭ شەخسىي تۇرمۇشى ھەققىدە بىر نېمە دېمەيتتى. ئۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالماقچى بولغان ئاشۇ ھەپتىدىمۇ قارىماققا ناھايىتى نورمال ئىدى». تەكشۈرۈش ئەمەلدارى ئاندىروۋ باتۋىس ئىپادە بىلدۈرۈپ، شارلوتنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىگە ئۆزىنىڭ بەدەن شەكلىنى ياقتۇرمايدىغانلىقى يېزىلغانلىقىنى، بۇنىڭ دەل شارلوتنىڭ خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشىغا سەۋەبچى بولغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
تىزىملىككە قايتىش تېما يوللاش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

Archiver|يانفون|قاماقخانا|دىلرام تور بېكىتى  

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For Almizar.cn

تور بىكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، تور بىكتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز. تور بىكىتىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ مەدەنىيەتلىك تور مۇھىتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ! QQ:657458566 ، تېلېفۇن:13899953791

文明办网文明上网举报QQ657458566, 举报E-mail:657458566@qq.com ,联系电话:13899953791

GMT+8, 2017-11-20 05:39 , Processed in 0.315593 second(s), 29 queries .

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش