تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
دىلرام تورى»مۇنبەر مەدەنىيەت - سەنئەت مەدەنىي مىراسلار رۇسىيەدە «رۇسىيە خانىمى» گۈزەللەرنى تاللاش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى
تىزىملىككە قايتىش تېما يوللاش
كۆرۈش: 1166|ئىنكاس: 0

رۇسىيەدە «رۇسىيە خانىمى» گۈزەللەرنى تاللاش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

367

تېما

387

يازما

2138

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2138
20170821113710358.jpg
رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، <2017-يىللىق رۇسىيە خانىمى> گۈزەللەرنى تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى موسكۋادىكى <تېنچلىق> مۇزىكا زالىدا ئاياغلاشقان. موسكۋا شىتاتىدىن كەلگەن 28 ياشلىق ۋەكىل پولىينا جىبروۋا <2017-يىللىق رۇسىيە خانىمى> گۈزەللەرنى تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن. پولىينا جىبروۋا رۇسىيەدىكى داڭلىق رىياسەتچى دىمىتىرى جىبروۋنىڭ خانىمى بولۇپ، ئۇلارنىڭ توي قىلغىنىغا ئاللىقاچان 11 يىل بولغان، ھازىر بۇ ئىككىسىنىڭ 3 ئوغلى (ئايرىم-ئايرىم ھالدا 7 ياش، 3 ياش ۋە 2 ياش) بار، ئۇنىڭدىن باشقا، رىياسەتچى جىبروۋنىڭ ئالدىنقى ئايالىدىن تۇغۇلغان ئىككى بالىسى بار بولۇپ، بۇ ئىككى بالىسى ھازىر 32 ياش ۋە 28 ياشتا ئىكەن.
20170821113711840.jpg
پولىينا جىبروۋا مۇسابىقىدىن كېيىن زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ 17 ياشقا كىرگەن يىلى دون دەرياسى بويىغا جايلاشقان يۇرتى روستوۋىسكايا (Rostovskaya) دا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە <ئەڭ گۈزەل ئوقۇش پۈتتۈرگۈچى> شان-شەرىپىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ شۇ چاغدىن باشلاپلا كىشىلىك ھاياتتا ئائىلىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەنىكەن. <بالىلىرىم ماڭا كۈچ-قۇۋۋەت ۋە ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلىپ، مېنى تېخىمۇ جەلپكار ھاياتقا ئىگە قىلدى. مەن بارلىق قىز-ئاياللارنىڭ تۇغۇلۇشتىكى سەۋەبىنىڭ ئانا بولۇش ئىكەنلىكىنى، ئاياللارنىڭ ھاياتىدا ئائىلىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن>.
20170821113712938.jpg
پولىينا جىبروۋا يەنە ئۆزىنىڭ گۈزەللىكىنى ساقلاپ قېلىشتىكى مەخپىيەتلىكنىڭ دەل تۇراقلىق بولغان نىكاھى ۋە يولدىشىنىڭ قوللىشىدىن كەلگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان، ئۇ مۇنداق دېگەن: <ناۋادا بىر ئەر ئايالىنى قوللاپ، ھەر ۋاقىت ئۇنىڭ يېنىدا بولالىسا، ئايال كىشى چوقۇم تېخىمۇ جەلپكار ھەم جەزبىدار بولالايدۇ، ئاياللارنىڭ چېھرىدىكى گۈزەللىك مۇئەييەن دەرىجىدە ئۆزى ياشاۋاتقان ئائىلىنىڭ ئىناق كەيپىياتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ>. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ئىزچىل ھالدا يۇقىرى ئېنىرگىيەلىك يېمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتۇپ كەلگەنلىكىنى شۇنداقلا مارافونچە يۈگۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.
20170821113713246.jpg
<رۇسىيە خانىمى> گۈزەللەرنى تاللاش مۇسابىقىسى <رۇسىيە خانقىزى> نى تاللاش مۇسابىقىسىگە ئوخشاشلا پۈتكۈل رۇسىيىدە ناھايىتى زور تەسىرگە ئىگە گۈزەللەرنى تاللاش مۇسابىقىسى  بولۇپ، بۇ مۇسابىقىنىڭ ئوبيىكتى ئاساسلىقى 18 ياشتىن 45 ياشقىچە بولغان نىكاھلانغان ئاياللار بولىدۇ، بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ماھىرلارنىڭ ئاللىقاچان نىكاھلانغان (ئاجراشقان بولسىمۇ بولىدۇ) شۇنداقلا بالىلىق بولغان بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى <رۇسىيە خانىمى> گۈزەللەرنى تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىرەلىگەن ماھىرلار ئىچىدە يەنە مومايلارمۇ بار ئىكەن.
20170821113714942.jpg
ھەممەيلەن <ئۇرۇشخۇمار مىللەت> رۇسلارنىڭ ئاياللىرى تويدىن بۇرۇن ناھايىتى زىلۋا ھەم ئەۋرىشىم كېلىدۇ، لېكىن تويدىن كېيىن سەمرىپ ئىسكەتىدىن كېتىپ قالىدۇ، دېيىشىدۇ. لېكىن ئەمەلىيەتتە يېقىنقى يىللاردىن بېرى رۇسىيەدىكى نىكاھلانغان ئاياللارمۇ بەدەن چېنىقتۇرۇپ گۈزەللىكىنى ساقلاپ قېلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن بولۇپ، بالىلىق بولغان ئانىلارمۇ ئوخشاشلا زىلۋا ھەم ئەۋرىشىم قەددى-قامىتىنى ساقلاپ كەلگەنىدى.
20170821113718372.jpg
20170821113718768.jpg
20170821113719979.jpg
20170821113720763.jpg
20170821113721809.jpg
20170821113721768.jpg
20170821113722709.jpg
20170821113723999.jpg



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
تىزىملىككە قايتىش تېما يوللاش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

Archiver|يانفون|قاماقخانا|دىلرام تور بېكىتى  

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For Almizar.cn

تور بىكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، تور بىكتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز. تور بىكىتىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ مەدەنىيەتلىك تور مۇھىتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ! QQ:657458566 ، تېلېفۇن:13899953791

文明办网文明上网举报QQ657458566, 举报E-mail:657458566@qq.com ,联系电话:13899953791

GMT+8, 2017-9-25 19:39 , Processed in 0.282226 second(s), 29 queries .

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش