تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
دىلرام تورى»مۇنبەر مەدەنىيەت - سەنئەت سەنئەت ۋە دۇنيا شاھرۇھ خان پېشقەدەم چولپان دىلىپ كۇمارنى يوقلاپ باردى
تىزىملىككە قايتىش تېما يوللاش
كۆرۈش: 1225|ئىنكاس: 0

شاھرۇھ خان پېشقەدەم چولپان دىلىپ كۇمارنى يوقلاپ باردى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

208

تېما

213

يازما

827

جۇغلانما

ئالىي دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 4

جۇغلانما
827

20170816213718106.jpg

شاھرۇھ خان كۆپ قېتىم ئۆزىنىڭ رىۋايەتلىك چولپان دىلىپ كۇمارنى بىر ئارتىس سۈپىتىدىلا ئەمەس بىر ئىنسان سۈپىتىدە ھۆرمەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شاھرۇھ خاننىڭ ئېيتىشىچە ئۇنىڭ ئاپىسى ئىلگىرى ئۇنى دىلىپ كۇمارغا ئوخشايدۇ دەپ قارايدىكەنتۇق.

شاھرۇھ خان:«ئەمەلىيەتتە، مەن دىلىپ جانابنى كىچىك ۋاقتىمدىن باشلاپ تونۇيمەن. دادام ئۇنى تونۇيدۇ، ئۇلار ئىلگىرى يېڭى دېھلىدا بىر يەردە تۇراتتىكەنتۇق. مەن كىچىك ۋاقتىمدا دىلىپ جانابنى كۆپ قېتىم كۆرگەن. بىز دائىم ئۇنىڭ ئۆيىگە باراتتۇق، سايراجى (دىلىپ كۇمارنىڭ ئايالى، ھىندىستاندا ھۆرمەتلىك كىشىلەرنىڭ ئىسمىنىڭ كەينىگە جى قوشۇلىدۇ) ئەسلىيەلمەيدۇ لېكىن ئۇنىڭ دورىلىرىنى ھاممام لوندوندىن ئەۋەتىپ بېرەتتى. نۇرغۇن يىل ئۆتكەندىن كېيىين مەن كېتان مىختا  بىلەن ئىشلىگەندە ئۇنىڭ ئىشخانىسىدا دىلىپ كۇمارنىڭ بىر سۈرىتىنى كۆردۈم، ئۇ ۋاقىتتا مەن «بۇ مەنغۇ» دەپ توۋلىۋەتكەن ئىدىم. ئۇ سۈرەتتە ئۇ ماڭا تولىمۇ ئوخشايتتى، توغرىسىنى ئېيتقاندا مەن ئۇنىڭغا ئوخشايتتىم. مېنىڭ دىلىپ جاناب بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىم فىلىمدىن ھالقىغان، دىلىپ جاناب ۋە سايراجى مېنى ئۆز ئوغلىدەك كۆرىدۇ» دېگەن.

تۈنۈگۈن ئاخشام شاھرۇھ خان دىلىپ كۇمارنىڭ تۇرالغۇسىغا بېرىپ ئۇنى يوقلىدى ۋە تۋېتىردا سۈرەتنى چىقاردى «جاناب  دوختۇرخانىدىن چىقىپ ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن كۆپ ياخشى بولۇپ كېتىپتۇ، تەڭرىگە رەھمەت» دەپ يازدى.

ئىلگىرى دىلىپ كۇمار Padma Vibhushan مۇكاپاتىنى قوبۇل قىلغاندا شاھرۇھ خان:«دىلىپ ئەپەندى بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىشكە لايىق، ئۇ فىلىم ساھەسىنىڭ تۈۋرۈكى» دېگەن.

دىلىپ كۇمار، ئىسمى مۇھەممەد يۈسۈف خان، «تراگېدىيە شاھى»،«تۇنجى خان» دېگەن ناملار بىلەن تونۇلغان. ھىندىستان تارىخىدىكى ئەڭ زور تەسىرگە ئىگە، ئەڭ ئۇلۇغ ئارتىسلارنىڭ بىرى.

دىلىپ كۇمار بىلەن شاھرۇھ خان يۇرتداش ھېسابلىنىدۇ، دىلىپ كۇمار پاكىستان پېشاۋۇر قىسا خاۋانى بازىرىدا تۇغۇلغان، شاھرۇھ خاننىڭ دادىسىمۇ شۇ يەرلىك.  


20170816220426450.jpg

20170816220426258.jpg

20170816220426753.jpg


20170816213928274.jpg

20170816213928673.jpg

20170816213928418.jpg

20170816213928232.jpg

20170816213928414.jpg

20170816213928324.jpg



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
تىزىملىككە قايتىش تېما يوللاش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

Archiver|يانفون|قاماقخانا|دىلرام تور بېكىتى  

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For Almizar.cn

تور بىكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، تور بىكتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز. تور بىكىتىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ مەدەنىيەتلىك تور مۇھىتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ! QQ:657458566 ، تېلېفۇن:13899953791

文明办网文明上网举报QQ657458566, 举报E-mail:657458566@qq.com ,联系电话:13899953791

GMT+8, 2017-9-22 06:55 , Processed in 0.266239 second(s), 29 queries .

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش