تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
دىلرام تورى»مۇنبەر مەدەنىيەت - سەنئەت سەنئەت ۋە دۇنيا ئايال چولپانلار ۋە ئۇلارنىڭ سىياقدىشى: زادى قايسىسى ئەڭ چىرايلىق؟
تىزىملىككە قايتىش تېما يوللاش
كۆرۈش: 1378|ئىنكاس: 0

ئايال چولپانلار ۋە ئۇلارنىڭ سىياقدىشى: زادى قايسىسى ئەڭ چىرايلىق؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

499

تېما

529

يازما

1959

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
1959
بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى:
چولپانلار كىنو ئىشلىگەندە، بەزى ھەرىكەتلەرنى قىلىشى قولايسىز بولغاچقا، سىياقداشتىن ئىبارەت بۇ كەسپ بارلىققا كەلگەن. سىز كۆرگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى چولپانلار ماھارىتىنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىنىڭ ئورۇندىشى ناتايىن. ئۇلار مۇشتلىشىدىغان ياكى ئالاھىدە كۆرۈنۈش بولمىغان بەزى جايلاردا ئاساسەن دېگۈدەك سىياقدىشىنى ئىشلىتىدۇ.
ئەلۋەتتە، سىياقداش بولۇش ئۈچۈن، ئەڭ ئالدى بىلەن شۇ چولپان بىلەن بەلگىلىك دەرىجىدە ئوخشىشى كېرەك. قېنى بىز بىرلىكتە بىر قىسىم چولپانلارنىڭ سىياقداشلىرىنى كۆرۈپ باقايلى، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، بەزى سىياقداشلار ھەتتا شۇ چولپاننىڭ ئۆزىدىنمۇ چىرايلىقكەن، خوش، ئۇنداقتا سىز ئۇلارنى تونىيالىغۇدەكسىزمۇ؟
20170812115606362.jpg
ئەينى يىلى چېن يەنشى شياۋ لوڭنۈنىڭ رولىنى ئالغاندا، سىياقدىشىنى ئىشلەتكەن. ئىككەيلەننى سېلىشتۇرغاندا، تورداشلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك، سىياقداش چولپاندىنمۇ چىرايلىقكەن، دېيىشكەن.
20170812115607603.jpg
ليۇ شىشىنىڭ سىياقدىشى، سول تەرەپتىكى رەسىمگە قارىغاندا، ئىككەيلەن بەئەينى ئاچا-سىڭىللارغىلا ئوخشايدىكەن. ئوڭ تەرەپتىكىسى بولسا، تارتىش بۇلۇڭى ئۆزگەرگەچكىمىكىن، ئانچە ئوخشىمايدىغاندەك قىلاتتى.
20170812115607310.jpg
20170812115608354.jpg
بەزى تورداشلار بۇ قىزنى Angelababyنىڭ سىياقدىشى دېگەن بولسا، يەنە بەزىلەر پەقەت ئادەتتىكى دوستى دېيىشكەن. نېمىلا دېگەنبىلەن، قاراشتىنلا ئۇلارنىڭ يۈز شەكلى ئوخشىشىپ قالىدىكەن.
20170812115608789.jpg
20170812115609460.jpg
20170812115609221.jpg
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، سۈرەتتىكى بۇ قىز دىلرابانىڭ قەدىمكى تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا رول ئالغاندىكى سىياقدىشى بولۇپ، بۇ سۈرەت ئەينى ۋاقىتتا ئاشكارىلانغاندا، ئاز بولمىغان تورداشلار بۇ قىزنى دىلرابادىن چىرايلىقكەن دېيىشكەن. بىراق مېنىڭچە بولغاندا، گەرچە بۇ قىزمۇ خېلىلا چىرايلىق بولسىمۇ، بىراق يەنىلا دىلرابادەك چىرايلىق ئەمەس ئىدى.
20170812115610951.jpg
ليۇ يىفېي سىياقدىشى بىلەن ئۆز تارتىمغا چۈشتى. قارىماققا ئىككەيلەننىڭلا ئۆز ئالدىغا خاسلىقى بولۇپ، ئوخشاشلىق دەرىجىسىمۇ خېلىلا يۇقىرىدەك قىلاتتى.
20170812115610202.jpg
ياڭ مىنىڭ سىياقدىشى، ئىككەيلەننىڭ ئوخشاشلىق دەرىجىسى بەكلا يۇقىرى بولغاچقا، ئىلگىرى توردا خېلى كۆپ خەۋەرلەر چىققان. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، ئىككىسىگە ئىنچىكلىك بىلەن قارىمىساق، راستىنلا خاتا تونۇپ قىلىشىمىز مۇمكىن.
20170812115611876.jpg
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، فەن بىڭبىڭنىڭ سىياقدىشى خېلىلا كۆپ بولۇپ، كۆپىنچىسى فەن بىڭبىڭنىڭ تۇرقىغا ئوخشىتىپ ھۆسن تۈزەتكەن. سۈرەتتىكى بۇ سىياقداشنىڭ بەش ئەزاسى قارىماققا خېلىلا ئوخشىغاندەك قىلسىمۇ، بىراق جەزبىدارلىق جەھەتتە، فەن بىڭبىڭغا ئۇتتۇرۇپ قويغانىدى.
20170812115611189.jpg
جاۋ لىيىڭنىڭ سىياقدىشى ئۆزىگە ئوخشاشلا يۇمىلاق كۆز بولۇپ، قاراشتىنلا ئىنتايىن ئوماقلىقى چىقىپ تۇرىدۇ. ئىككەيلەننىڭ ئۆز تارتىم سۈرىتىمۇ ئىنتايىن يېقىن تارتىلغان، بىلمەيدىغان كىشىلەرنىڭ ئاچا-سىڭىللارمۇ دەپ قىلىشى تۇرغانلا گەپ.
20170812115611528.jpg
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، بۇ سىياقداش قىزچاق جاۋ لىيىڭنىڭ كىنوسىنى ئىشلەپ داڭق قازانغان بولۇپ، قارىغاندا، چولپانلارغا ئوخشاش بولۇشمۇ بىر بولىدىغان ئالاھىدىلىك ئوخشىمامدۇ!
بۇ قۇرلارنى يېزىۋېتىپ، تۇيۇقسىز بىر قانچەيلەننىڭ: «سىز سۈن لىگە ئوخشايسىز» دېگەن گەپلىرى ئېسىمگە كېلىپ قالدى. (ھى، ھى، ھى... مەنمۇ ئوخشاپ قويىمەن جۇمۇ!)
خوش، يۇقىرىدىكى سىياقداشلارنى سىز تونىيالامدىكەنسىز، سىزنىڭچە، چولپانلارنىڭ ئۆزى چىرايلىقمىكەن ياكى سىياقدىشىمۇ؟


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
تىزىملىككە قايتىش تېما يوللاش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

Archiver|يانفون|قاماقخانا|دىلرام تور بېكىتى  

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For Almizar.cn

تور بىكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، تور بىكتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز. تور بىكىتىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ مەدەنىيەتلىك تور مۇھىتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ! QQ:657458566 ، تېلېفۇن:13899953791

文明办网文明上网举报QQ657458566, 举报E-mail:657458566@qq.com ,联系电话:13899953791

GMT+8, 2017-9-25 19:30 , Processed in 0.316796 second(s), 29 queries .

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش