تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
دىلرام تورى»مۇنبەر جاھاندىكى ئىشلار تەنتەربىيە دۇنياسى ﺯﯗﻟﭙﯩﻘﺎﺭ ھىندىستانلىق رەقىبىگە ئۇتتۇردى، خەلقنىڭ قەلبىنى ئۇتتى
تىزىملىككە قايتىش تېما يوللاش
كۆرۈش: 3612|ئىنكاس: 0

ﺯﯗﻟﭙﯩﻘﺎﺭ ھىندىستانلىق رەقىبىگە ئۇتتۇردى، خەلقنىڭ قەلبىنى ئۇتتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

236

تېما

241

يازما

925

جۇغلانما

ئالىي دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 4

جۇغلانما
925

20170806012744586.jpg

نۇر تورى تەرجىمىسى:

2017-يىلى 8-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 5-ﻛﯜﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻳﺪﺍﻥ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺷﻘﯩﺮﻯ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻖ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﮪﻪﻝ ﻗﯩﻠﻐﯘﭺ ﺑﻮﻛﺲ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﻰ ﮪﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﻮﻣﺒﺎﻱ ﺷﻪﮪﺮﯨﺪﻩ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯۈلدى، ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﻠﯩﺸﯩۋاتقان ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﺎﮪﯩﺮ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻚ ﺋﻮﻏﻼﻧﯩﻤﯩﺰ ﺯﯗﻟﭙﯩﻘﺎﺭ ﻣﻪﻣﻪﺗﺌﯧﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮪﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻥ «ﺩﯙﻟﻪﺕ ﮔﯚﮪﯩﺮﻯ» ﺩﻩﭖ ﻧﺎﻡ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﯞﯨﺠﯩﻨﺪﯨﺮ سىنگىر. ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ WBOﻧﯩﯔ 72 ﻛﯩﻠﻮﮔﺮﺍﻣﻠﯩﻘﻼﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺷﻘﯩﺮﻯ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﻪﺭﻕ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﻛﻪﻣﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ-ﺗﯩﻨﭻ ﺋﻮﻛﻴﺎﻥ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﻛﻪﻣﯩﺮﯨﻨﻰ تالاشتى. بۇ ﺋﻮﻏﻼﻧﯩﻤﯩﺰ «ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺷﺎﮪﻰ» ﺯﯗﻟﭙﯩﻘﺎﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺸﻰ ھېسابلىنىدۇ.

20170805230148591.jpg

«ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺷﺎﮪﻰ» ﺯﯗﻟﭙﯩﻘﺎﺭ ﻣﻪﻣﻪﺗﺌﯧﻠﯩﻨﯩﯔ ﺟﺎﺳﺎﺭﯨﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﻤﺎﻱ ﺗﯘﺭﺍﻟﻤﺎﻳﻤﯩﺰ، ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ. ﺑﯘ ﻳﯩﻞ 23 ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﺯﯗﻟﭙﯩﻘﺎﺭ ﺗﯚﮪﭙﯩﺴﻰ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﻩ ﻛﯚﺭﯛﻧﻪﺭﻟﯩﻚ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺑﻮﻛﺲ ﻣﺎﮪﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ توققۇز ﻣﻪﻳﺪﺍﻥ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺪﻩ سەككىز ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻳﯧﯖﯩﭗ، بىر ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺗﻪﯕﻠﯩﺸﯩﭗ، ﮪﯧﭽﺒﯩﺮ ﺋﯘﺗﺘﯘﺭﯗﭖ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻥ. ئالتە ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺭﻩﻗﯩﺒﯩﻨﻰ ﻳﻪﺭ چىشلەتكەن، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮪﻪﺗﺘﺎ «ﺟﺎﻥ ﮪﻪﻟﻘﯘﻣﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﯩﻤﯘ» ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﮪﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻼﻟﯩﺸﻰ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰ بوكس ماھىرلىرى ئىچىدە ﻛﻪﻣﺪﯨﻦ-ﻛﻪﻡ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯗ!

20170805230307464.jpg

سىنگىر ﺑﯘ ﻳﯩﻞ 31 ﻳﺎﺵ، ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ سەككىز ﻣﻪﻳﺪﺍﻥ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﮪﻪﻣﻤﯩﺴﯩﺪﻩ ﻳﯧﯖﯩﭗ، يەتتە ﻗﯧﺘﯩﻤﺪﺍ ﺭﻩﻗﯩﺒﯩﻨﻰ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻳﯩﻘﯩﺘﻘﺎﻥ. ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭽﻠﯘﻕ ﺋﺎﺧﯩﺮﻻﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ.

20170806012801409.jpg

مۇسابىقىگە زۇلپىقار ناھايىتى جەڭگىۋار قىياپەتتە دۆلىتىمىز بايرىقى بىلەن كىرىپ كەلدى.

مۇسابىقە باشلاندى.

20170806012813264.jpg

بىرىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشتا ھەر ئىككىلى تەرەپ ئېھتىياتچانلىق بىلەن بىر-بىرى بىلەن تۇتۇشتى.

20170806012927585.jpg

ئىككىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشتا ھىندىستانلىق ماھىر سىنگىر ئازراق ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى.

ئۈچىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشتا زۇلپىقاردىن بىر نومۇر تارتىلدى، چۈنكى زۇلپىقار سېنگىرنىڭ بېلىنىڭ ئاستىغا مۇش ئۇرۇپ  قالدى.

20170806012948344.jpg

تۆتىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشتا سېنگىر داۋاملىق مۇداپىئەنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتتى، زۇلپىقارنىڭ بەزى مۇشتلىرى بىكارغا كەتتى.

بەشىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشتا زۇلپىقار ئۈستۈلۈككە ئۆتتى، زۇلپىقارنىڭ بەزى ئايلانما مۇشتىلرى سېنگىرغا تەگدى.

ئالتىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىتا زۇلپىقاردىن يەنە بىر نومۇر تارتىلدى، زۇلپىقار يەنە سېنگىرنىڭ بېلىنىڭ ئاستىغا ئۇرۇۋېتىپ قالدى.  

يەتتىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشتا زۇلپىقارنىڭ بەزى مۇشتلىرى بىكارغا كەتتى، ھەر ئىككىلى تەرەپنىڭ كۈچى خورىغانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى. لېكىن ئىككىلى تەرەپ بىر-بىرسىگە تەن بەرمىدى.

سەككىزىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشتا ھەر ئىككىلى تەرەپنىڭ مۇشتلىرى بىر-بىرىنى ھالسىرىتىپ قويدى، مۇسابىقە كەيپىياتى ئۆرلىدى.

20170806013226287.jpg

توققۇزىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشتا، زۇلپىقار ئاۋۋالقىدەكلا ئاكتىپ ھۇجۇمغا ئۆتتى، رەقىبىنى قوغلاپ يۈرۈپ سالدى، لېكىن سېنگىر يەنىلا مۇداپىئەنى ئاساس قىلىپ تۇرۇۋالدى.

ئەڭ ئاخىرقى ئايلانما مۇسابىقە باشلاندى، زۇلپىقار يەنىلا ئاكىتىپ ھۇجۇمغا ئۆتتى، سېنگىرنىڭ كۈچىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە خورىغانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى، لېكىن ئۇ يەنىلا قۇچاقلىشىشنى ئاساس قىلىپ تۇرۇۋالدى، زۇلپىقار ئاكىتىپ ھۇجۇمغا ئۆتۈپ بەزى مۇشتلارنى تەگگۈزدى.

20170806013046749.jpg

ئاخىرىدا مەيداندىكى رېپىلارنىڭ نومۇر قويۇشى بىلەن، زۇلپىقار بىر نومۇر پەرقتە رەقىبىگە ئۇتتۇرۇپ قويدى.

20170806013119782.jpg

ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، 23 ياشلىق بىر يىگىتنىڭ 31 ياشلىق بىر تەجرىبىلىك بوكسچى بىلەن مۇسابىقىنى تولۇق تاماملاپ، ھەتتا ئاخىرقى ئىككى ئۇچرىشىشتا رەقىبىنى قوغلاپ يۈرۈپ مۇشت ئېتىپ ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇشى پەخىرلەنگۈدەك نەتىجە، بەلكىم يەنە بىر ياكى ئىككى ئۇچرىشىش مۇسابىقە ئارتۇق ئوينالغان بولسا نەتىجە باشقىچە بولغان بولاتتى، لېكىن تۇرمۇشتا ئۇنچە كۆپ ئەگەر يوق، مۇسابىقە بېشىدىكى سەل ئالدىراقسانلىقتىن كەينىدىكى ئېچىلىپ قەھرى بىلەن مۇشت ئېتىشلىرىدىن بىز بۇ ئوغلانىمىزنىڭ ئىلگىرىلىشىنى ھېس قىلالىدۇق، مۇشۇنىڭ ئۆزىمۇ چوڭ غەلىبە. ئىشىنىمىزكى، مۇشۇنداق جەڭگاھلاردا تەر ۋە قان تۆككەن بۇ ئەزىمىتىمىز چوقۇم كەلگۈسىدە بوكس سەھنىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقالايدۇ، غەيرەت قىل زۇلپىقار، بىز مەڭگۈ سېنىڭ ئەڭ سادىق قوللىغۇچۇڭ.

مۇسابىقە كەسمە سۈرەتلىرى:

20170806013210842.jpg

20170806013210745.jpg

20170806013210507.jpg

20170806013210868.jpg

20170806013210435.jpg

20170806013210443.jpg

20170806013211165.jpg

20170806013211756.jpg

20170806013211169.jpg

20170806013211279.jpg

20170806013211613.jpg

20170806013211539.jpg

20170806013211643.jpg

20170806013211646.jpg

20170806013211683.jpg

20170806013212351.jpg

20170806013212250.jpg

20170806013212834.jpg

20170806013212703.jpg

20170806013212167.jpg

20170806013212634.jpg

20170806013212880.jpg

20170806013212748.jpg

20170806013212245.jpg

20170806013213867.jpg

20170806013213779.jpg

20170806013213264.jpg

20170806013213778.jpg

20170806013213706.jpg



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
تىزىملىككە قايتىش تېما يوللاش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

Archiver|يانفون|قاماقخانا|دىلرام تور بېكىتى  

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For Almizar.cn

تور بىكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، تور بىكتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز. تور بىكىتىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ مەدەنىيەتلىك تور مۇھىتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ! QQ:657458566 ، تېلېفۇن:13899953791

文明办网文明上网举报QQ657458566, 举报E-mail:657458566@qq.com ,联系电话:13899953791

GMT+8, 2017-11-20 21:22 , Processed in 0.553022 second(s), 29 queries .

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش