تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
دىلرام تورى»مۇنبەر مەدەنىيەت - سەنئەت سەنئەت ۋە دۇنيا شاھرۇھ خان بىلەن ئامىر خاننىڭ رولى سالمان خان بىلەن ئاجەي دېۋگانغا ئالمىشىپ قالغ
تىزىملىككە قايتىش تېما يوللاش
كۆرۈش: 2050|ئىنكاس: 0

شاھرۇھ خان بىلەن ئامىر خاننىڭ رولى سالمان خان بىلەن ئاجەي دېۋگانغا ئالمىشىپ قالغ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

562

تېما

582

يازما

2001

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

جۇغلانما
2001

20170727161303732.jpg

2009-يىلدىكى «لوندون چۈشى» فىلىمى ئېسىڭىزدىمۇ؟ ئەينى چاغدا ئۇ فىلىمنىڭ ئېلان قىلىنىشى تولىمۇ چوڭ غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى. رېژىسسور ۋىپۇل شاھ فىلىمگە سالمان خان بىلەن ئاجەي دېۋگاننى تەكلىپ قىلغان بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ تەخمىنەن ئون يىل بۇرۇنقى «خاتا سۆيگۈنىڭ غەۋغاسى» (Hum Dil De Chuke Sanam) ناملىق فىلىمدە داڭق چىقارغاندىن كېيىنكى يەنە بىر فىلىمى ئىدى. لېكىن فىلىم قويۇلغاندىن كېيىن بېلەت سوممىسى كۆزلىگەن نىشاندىن خېلىلا يىراق بولۇپ ھەممەيلەننى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈردى. فىلىمدە روك مۇزىكا چولپىنى بولۇشقا ھەۋەس قىلىدىغان ئارجۇن ۋە ماننۇ دىن ئىبارەت ئىككى دوستنىڭ ھېكايىسى سۆزلىنىدىغان بولۇپ، بۇ ئىككى پېرسوناژنىڭ رولنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئاجەي دېۋگان ۋە سالمان خان ئالغان. ئارجۇن داڭق قازانغان روك مۇزىكا چولپىنى بولغاندىن كېيىن تالانت جەھەتتە ئۇنىڭدىن قېلىشمايدىغان دوستى ماننۇغا ھەر تەرەپتىن ياردەم قىلماقچى بولىدۇ، ئويلىمىغان يەردىن ماننۇ ئارجۇننىڭ ياردىمى بىلەن داڭق قازىنىپلا قالماي، ئۇلارنىڭ مۇزىكا ئەترىتى ئىچىدىكى ئارجۇن يوشۇرۇن كۆيۈپ يۈرگەن قىز پىرىيانىڭ سۆيگۈسىگە ئېرشىدۇ. فىلىمنىڭ داۋامىدا ئارجۇننىڭ ھەسىتى ۋە رەزىل قىلمىشىلىرى ماننۇنىڭ تۇرمۇشىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتىدۇ.

گەرچە ۋىپۇل خان رېژىسسورلۇق قىلغان بۇ فىلىم 2009–يىلى قويۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ئون يىل بۇرۇنقى راج كۇمار سانتاشى رېژىسسورلۇق قىلىپ ئىشلىمەكچى بولغان «رەشىك»( Rashque) يەنى ھەسەت تېمىسىدىكى فىلىمنىڭ ئۆزگەرتىلگەن نۇسخىسى ئىدى. دەسلەپتە سالمان خان بىلەن ئاجەي ھەر ئىككىلىسى تالاش–تارتىشتا بولمىسىمۇ، راج كۇمار سانتاشىنىڭ كاللىسىدا شاھرۇھ خان بىلەن ئامىرخان بار ئىدى. شۇ چاغدا بۇ ئىككى جۈپ دەرىجىدىن تاشقىرى بوللىۋود چولپانلىرىنىڭ ئىككىلىسىنىڭ سىنارىيەدە تەسۋىرى بولۇپ، ئوخشاشلا بۇ سىنارىيەنى ياقتۇرغان.

قىزىقارلىق يېرى، شاھرۇھ خان ئاجەي دېۋگان رول ئالغان ئارجۇن رولىغا، ئامىرخان سالمان خان رول ئالغان ماننۇ رولىغا چىقماقچى بولغان، لېكىن ئىشلار ئويلىغاندەك بولماي راجكومار سانتاشى سىنارىيەنى ۋىپۇل شاھقا بەرگەن، ھەمدە سىنارىيە ۋىپۇل شاھ تەرىپىدىن «لوندون چۈشى» (London Dreams) قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.

سىزنىڭچە شاھرۇھ خان ۋە ئامىر خان فىلىمدە چىققان بولسا «لوندون چۈشى» نىڭ تەقدىرى باشقىچە بولارمىدى ؟



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
تىزىملىككە قايتىش تېما يوللاش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

Archiver|يانفون|قاماقخانا|دىلرام تور بېكىتى  

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For Almizar.cn

تور بىكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، تور بىكتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز. تور بىكىتىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ مەدەنىيەتلىك تور مۇھىتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ! QQ:657458566 ، تېلېفۇن:13899953791

文明办网文明上网举报QQ657458566, 举报E-mail:657458566@qq.com ,联系电话:13899953791

GMT+8, 2017-9-25 19:31 , Processed in 0.365916 second(s), 29 queries .

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش