تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
دىلرام تورى»مۇنبەر جاھاندىكى ئىشلار ئىچكى خەۋەرلەر مەن ئانارنىڭ بىر دانىسى|ئۇيغۇر قىزى قەدىرىيە ۋە ئۇنىڭ خەنزۇ دادىسى شياۋ پېيئەن
تىزىملىككە قايتىش تېما يوللاش
كۆرۈش: 3863|ئىنكاس: 0

مەن ئانارنىڭ بىر دانىسى|ئۇيغۇر قىزى قەدىرىيە ۋە ئۇنىڭ خەنزۇ دادىسى شياۋ پېيئەن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

602

تېما

622

يازما

2133

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

جۇغلانما
2133

تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جۇ كەيلى) 6-ئىيۇل شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتى تارىخشۇناسلىق كەسپىنىڭ 2-يىللىق ئوقۇغۇچىسى قەدىرىيە سەمەت ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «مەن بىر تەلەيلىك قىز، <مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش> پائالىيىتى ئارقىلىق مەن شياۋ دادام بىلەن تونۇشتۇم، ئۇ مېنىڭ ئۆگىنىشىمگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدۇ، مەكتەپ پات ئارىدا بىزنى تەتىلگە قويۇپ بەرمەكچى، گەرچە شياۋ دادام سىرتتا كاماندىروپكىغا چىقىپ كەتكەن بولسىمۇ، باشقىلارغا ھاۋالە قىلىپ، ماڭا كىتاب ۋە يېڭى كومپيۇتېر تەقدىم قىلدى ھەم مېنى ياخشى ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈردى».

قەشقەر ۋىلايىتى مارالبېشى ناھىيەسى دۆلەتباغ يېزىسىدىكى قەدىرىيە سەمەتنىڭ ئۆيىدىكىلەر بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى شياۋ پېيئەن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى ئارقىلىق تۇغقان بولغان ئىدى.

قەدىرىيە ئىپتىخارلىق بىلەن مۇنداق دېدى: «شياۋ دادام مېنى ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىشكە، خەنزۇ تىلىنى ياخشى ئۆگىنىپ، تارىخنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئاكتىپ ئېنېرگىيە تارقاتقۇچىلاردىن بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك ئۈلگىسى بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى».

شياۋ پېيئەننىڭ نەزىرىدە قەدىرىيە ئۆگىنىشتە ئەلا بولۇپ، دۆلەت تىلىنى ناھايىتى راۋان سۆزلەيتتى، كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئېنىق پىلانى بار ئىدى.

شياۋ پېيئەن مۇنداق دېدى: «بىز پاراڭلاشقاندا قەدىرىيە ماڭا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ، يۇرتىغا قايتىپ ئوقۇتقۇچى بولغۇسى بارلىقىنى ئېيتتى. مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، ئۇ تىرىشىپ ئۆگىنىپ، <بەشنى تونۇش>نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئىلغار ئىدىيە تارقاتقۇچى بولالايدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىرگە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرگۈچىسى، ھىمايىچىسى، قوغدىغۇچىسى بولۇپ، ۋەتەننىڭ ئۈمىدىنى ئاقلىيالايدۇ».

شياۋ پېيئەن يەنە مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى دەۋردىكى ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى كىتابنى كۆپ ئوقۇشى، ياخشى كىتابلارنى ئوقۇشى، بولۇپمۇ تارىخشۇناسلىق كەسپىدە ئوقۇيدىغانلار تارىخنى تارىخىي پاكىت ئارقىلىق سۆزلىشى، ئۆز مىللىتىنىڭ تارىخىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ئۆزلۈكىدىن <ئۈچ خىل كۈچ>كە قارشى تۇرۇپ، خاتا كۆز قاراش ۋە خاتا تارىخىي قاراشلارغا رەدىيە بېرىپ، ماركىسىزمچە ماتېرىيالىستىك تارىخىي قاراش ئارقىلىق ئۆزىنى قوراللاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى كېرەك».

قەدىرىيە سەمەتكە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغىنى، ئۇ ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە شياۋ پېيئەن ئۇنى كۆپ قېتىم ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش تەشكىللىگەن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىگە تەكلىپ قىلغان ئىدى.

نورۇزنى بىرلىكتە ئۆتكۈزۈشتىن، شىنجاڭ مەزىلىك تائاملار مۇسابىقىسىگىچە ئۇ كۆپچىلىكنىڭ سەمىمىي ھال سوراشلىرى، كۈلكە سادالىرى ئىچىدە، ھەر ۋاق تامىقىدا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدىكى خەنزۇ، ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق 11 مىللەتتىن تەركىب تاپقان كادىر، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ بۇ چوڭ ئائىلىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كەيپىياتىنى قانداق شەكىللەندۈرگەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتكەن ئىدى.

قەدىرىيە مۇنداق دېدى: «مەيلى قايسى مىللەت بولسۇن، ھەممىسى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بىر ئەزاسى، ۋەتەننى گۈللەندۈرۈش ھەربىر ئادەمنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى، مەن كىچىكىمدىن تارتىپلا پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ياخشى سىياسىتىدە ئۆسۈپ چوڭ بولدۇم. ياخشى ئوقۇپ، ھەق-ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىمنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشسام، ۋەتەن ۋە جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرغان بولىمەن».

مەكتەپ ھويلىسىدا كىشىگە راھەت بېغىشلايدىغان مەيىن شامال يەلپۈنمەكتە، تىرىشچان ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوللىرىدىكى كىتابلار بىردىن-بىردىن ۋاراقلانماقتا. «شىنجاڭنىڭ ئۈچ تارىخى»، «شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىكى، ئىتتىپاقلىقى، تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي شاھىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب، «يىپەك يولى»، «مەملىكەتلىك كومپيۇتېر دەرىجە ئىمتىھان دەرسلىكى»، «كەلگۈسىنىڭ قىسقىچە تارىخى»... بىر تەتىلدە بۇنچىلىك كۆپ كىتابنى ئوقۇپ تۈگىتىش قەدىرىيە سەمەت ئۈچۈن ھەرگىزمۇ ئاسان ئەمەس ئىدى.

قەدىرىيە كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «شياۋ دادام مېنىڭ كومپيۇتېر 1-دەرىجە ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىمنى بىلىپ، ماڭا يېڭى كومپيۇتېر ۋە كىتاب ئەكىلىپ بېرىپ، ئەمەلىي مەشغۇلات بىلەن ئۆگىنىش قىلىشىم كېرەكلىكىنى ئېيتتى. ئۇ ماڭا بۇنداق ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىۋاتسا، مەن چوقۇم تېخىمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىشىم كېرەك».

ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/news/content/2017-07/07/content_607643.htm?lang=uy



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
تىزىملىككە قايتىش تېما يوللاش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

Archiver|يانفون|قاماقخانا|دىلرام تور بېكىتى  

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For Almizar.cn

تور بىكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، تور بىكتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز. تور بىكىتىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ مەدەنىيەتلىك تور مۇھىتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ! QQ:657458566 ، تېلېفۇن:13899953791

文明办网文明上网举报QQ657458566, 举报E-mail:657458566@qq.com ,联系电话:13899953791

GMT+8, 2017-11-20 21:25 , Processed in 0.303489 second(s), 26 queries .

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش