تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
دىلرام تورى»مۇنبەر جاھاندىكى ئىشلار ئىچكى خەۋەرلەر مەن ئانارنىڭ بىر دانىسى | خۇڭ جىلىن: ھەر مىللەت بىر ئائىلە كىشىلىرى، كىمنىڭ ئۆيى
تىزىملىككە قايتىش تېما يوللاش
كۆرۈش: 2033|ئىنكاس: 0

مەن ئانارنىڭ بىر دانىسى | خۇڭ جىلىن: ھەر مىللەت بىر ئائىلە كىشىلىرى، كىمنىڭ ئۆيى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

562

تېما

582

يازما

2001

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

جۇغلانما
2001

20170721564113273.jpg

  تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: بۇ يىل 45 ياشقا كىرگەن خۇڭ جىلىن شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش -قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 3-دېۋىزىيە 49- تۇەن 19-ليەندىكى ئادەتتىكى ئىشچى. ھەر يىلى ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مەزگىلىگە كەلگەندە، يەر ئاغدۇرۇش، زىرائەت  تېرىش، پاختا تېرىش، چىلان ئۈزۈش، مېۋە ئۈزۈش يىغىش پەسلىدە ئۇنىڭ يانفونى سايراپ توختىمايدۇ، كىشىلەر دائىم ئۇنى ئىزدەپ:«لاۋ خۇڭ، چىلانلىقىمىزغا ئۈچ ئىشلەمچى كېرەك بولۇپ قالغان، ياردەم قىلىپ ئالاقىلىشىپ بەرسىڭىز ...» دەيتتى.

    «كىمنىڭ ئۆيىدە قىيىنچىلىق بولسا كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ياردەم قىلىمەن»

    1996-يىلى، خۇڭ جىلىن خۇبېيدىن 19 ـ ليەنگە كەلگەنىدى. «بۇ يەردە، مەيلى ليەندۈيدىكى ئىشچىلار بولسۇن، ئەتراپتىكى كەنت ئاھالىلىرى بولسۇن، ھېچكىم مېنى يات كۆرمىدى. پاختا تېرىش، مېۋىلىك دەرەخلەرنى پەرۋىش قىلىشنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، تۇرمۇشۇم بارا-بارا ھاللاندى. شىنجاڭدا، ھەر قايسى مىللەتلەر بىر ئائىلە كىشىلىرى، كىمنىڭ ئۆيىدە قىيىنچىلىق بولسا، مەن كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ياردەم قىلىمەن» دېدى ئۇ.

    2008-يىلى، قەشقەر ۋىلايىتى مارالبېشى ناھىيەسى دۆلەتباغ يېزىسى 5-، 6-كەنتىدىن بىرقانچە ئۇيغۇر يىگىت 19-ليەنگە ئىشلەمچىلىككە كەلدى. شۇ چاغدا، خۇڭ جىلىن پاختا تېرىيدىغان ئادەمگە ئېھتىياجلىق بولۇپ تۇراتتى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ ئۇلارنى ئۆيىدە ئېلىپ قالدى. بۇ كۈنلەردە ھاۋا بارغانچە سوۋۇۋاتاتتى، خۇڭ جىلىن ھەممە يەرگە قاتراپ، ئۇلارغا ئازادە، ئىسسىق ئۆي ھەل قىلىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئادىتى بويىچە ئۇلارغا گۆش ۋە كۆكتاتلارنى ئەكىلىپ بەردى. قۇربان ھېيت كەلگەندە، ئۇ مېۋە-چېۋە سېتىۋالدى، قوي-كالا سويۇپ، يىگىتلەر بىلەن بىرلىكتە ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، ھېيتنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى.

    شۇنىڭدىن كېيىن، ئەتراپتىكى يېزا-كەنت يىگىتلىرى ھەر يىلى دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلىدە يىراق جايلارغا بېرىشنى خالىمىسا موتسىكىلىتلىرىنى مىنىپ 19-ليەنگە ئىشلەمچىلىككە كېلىدىغان بولدى، بارا-بارا، خۇڭ جىلىن بىلەن ئۇلار ئارىسىدا قېرىنداشلارچە چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببەت رىشتى باغلاندى.

20170721346332437.jpg

    يۇرتداشلار بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قەلبداشلىق كۆۋرۈكى قۇرۇپ چىقىش

    2013-يىل مارت، دەل ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلى ئىدى، ليەندىكى مۇھەممەت ئائىلىسى قىيىنچىلىققا ئۇچرىدى، ئۇلار ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن تېرىلغۇغا كېرەكلىك ماتېرىياللارنى سېتىۋالالماي، 20 نەچچە مو يېرىگە پاختا تېرالمىدى. خۇڭ جىلىن ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن كېپىل بولۇپ، تونۇشىنىڭ دۇكىنىدىن نېسىگە ئۇرۇق، ئوغۇت ئېلىپ بېرىپ، بۇلارنى تراكتورىدا مۇھەممەت ئائىلىىسىنىڭ ئېتىزىغا ئاپىرىپ بەردى.

    شۇ يىلى ئۆكتەبىر، لىياۋ كەيشىياڭ ئائىلىسىدە پاختا تېرىۋاتقان پازىگۈلنىڭ ھامىلىدارلىقىنى، ھامىلىنىڭ سەككىز ئايدىن  ئاشقانلىقىنى بىلگەن خۇڭ جىلىن ئايالى يۈۋ شۈييىننى ماشىنا ھەيدەپ ئۇنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ، تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا بۇيرۇدى. دوختۇرخانىدا بارلىق يۈگۈر-يېتىم ئىشلارغا يۈۋ شۈيىن يۈگۈردى، تەكشۈرۈش نەتىجىسى نورمال چىققاندىلا ئاندىن خاتىرجەم بولۇپ، پازىگۈلنى ئېلىپ قايتتى. پازىگۈل ئون نەچچە كۈندىن كېيىن دوختۇرخانىدا ئوڭۇشلۇق ھالدا 4.2 كىلوگراملىق سېمىز ئوغۇل بوۋاق تۇغدى.

    2014-يىلى باھاردا، كەنت ئاھالىسى تەۋەككۈل پىرقىرىما سوقا سېتىۋېلىپ، يەر تېرىشتا ئۇنىڭغا تايىنىپ ئادەم ئېھتىياجنى ئازايتماقچى بولدى، بىراق، قولىدا يېتەرلىك پۇل بولمىغانلىقتىن، خۇڭ جىلىندىن ياردەم سورىدى. خۇڭ جىلىن ئۇنى-بۇنى سوراپ يۈرمەستىن تەۋەككۈلگە 50 مىڭ يۈەن قەرز بېرىپ تۇردى. تەۋەككۈل خۇڭ جىلىننىڭ قەرزىنى بالدۇرراق قايتۇرۇش ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز ئېتىزدا ئىشلىدى، خۇڭ جىلىن بۇنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا: «سىز بۇنداق ئارام ئالماي ئىشلىسىڭىز بولمايدۇ، بۇنداق قىلىش سالامەتلىككە زىيانلىق، ئارامنىمۇ مۇۋاپىق ئېلىش كېرەك، پۇلنىڭ ئىشى مۇھىم ئەمەس، بۇ يىل قايتۇرالمىسىڭىز كېلەر يىلى قايتۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ ئەمەسمۇ!» دېدى.

   19ـ ليەن خىزمەتچىلىرىنىڭ ھەممىسى خۇڭ جىلىن ھەققىدە گەپ بولۇنسا مۇنداق دەيدۇ: خۇڭ جىلىن ھەممىمىزگە ئوخشاش بىر ئاددىي ئادەم، ئەمما،  ئۇ ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشتى، ئۆزىنىڭ مېھىرلىك قەلبى بىلەن ھەر قايسى مىللەت يۇرتداشلار ئارىسىدا قەلبداشلار كۆۋرۈكى سالدى.

    2016-يىل ئىيۇلدا، خۇڭ جىلىن 3-دېۋىزىيە 49-تۇەن تەرىپىدىن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» ئەخلاق نەمۇنىچىسى بولۇپ باھالاندى.

مەنبە: http://uy.ts.cn/news/content/2017-07/20/content_609895.htm



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
تىزىملىككە قايتىش تېما يوللاش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

Archiver|يانفون|قاماقخانا|دىلرام تور بېكىتى  

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For Almizar.cn

تور بىكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، تور بىكتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز. تور بىكىتىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ مەدەنىيەتلىك تور مۇھىتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ! QQ:657458566 ، تېلېفۇن:13899953791

文明办网文明上网举报QQ657458566, 举报E-mail:657458566@qq.com ,联系电话:13899953791

GMT+8, 2017-9-25 19:34 , Processed in 0.380459 second(s), 29 queries .

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش