تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
دىلرام تورى»مۇنبەر مەدەنىيەت - سەنئەت سەنئەت ۋە دۇنيا تاماشا ساھەسىدىكى ئۆلۈمى سىرلىق ئالتە گىگانىت چولپان
تىزىملىككە قايتىش تېما يوللاش
كۆرۈش: 2389|ئىنكاس: 0

تاماشا ساھەسىدىكى ئۆلۈمى سىرلىق ئالتە گىگانىت چولپان

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

602

تېما

622

يازما

2133

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

جۇغلانما
2133

20161012174452315.jpg

دېڭ لىجۈن 1995-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى تايلاند چىڭمەي-مىكون دەرياسى مېھمانسارىيىدىكى ياتىقىدا زىققا كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغىلىپ قالغان، ئەينى چاغدا دېڭ لىجۈننىڭ ياتىقىدا ئۆزى تەييارلىغان جىددىي قۇتقۇزۇش ئەسلىھەلىرى بار بولۇپ، مېھمانساراي خىزمەتچىلىرى تېزلىكتە جىددىي قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئىشلىگەن، ھەتتا سۈنئىي نەپەسلەندۈرۈش، ئۇۋۇلاش قاتارلىق ئاماللارنى قوللانغان بولسىمۇ پايدىسى بولمىغان، ناھايىتى تېزلىكتە دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان بولسىمۇ ئاخىرىدا يەنىلا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمىگەن، دېڭ لىجۈن گەرچە دېمى سىقىلىپ يەتكۈچە ئازاپ تارتىۋاتقان بولسىمۇ يەنىلا ئىزچىل ئاپىسىنى چاقىرغان پېتى بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشقان، شۇنىڭ بىلەن ناخشا مەستانىلىرى دەۋر خاراكتېرلىك بۇ گىگانىت چولپاندىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىپ قالغان.  

چېن بەيچياڭ

20161012175520596.jpg

ئۇ شۇ چاغدا ئەمدىلا 35 ياشقا كىرگەن ئىدى، ئۇنىڭ تۇيۇقسىز ھۇشىدىن كېتىش سەۋەبى تاكى ھازىرغىچە بىر سىر بولۇپ كەلمەكتە، ئەڭ ئېنىق چۈشەندۈرۈش مۇمكىنچىلىكى بار چۈشەندۈرۈش بولسا دورىنى زىيادە ئىستىمال قىلىش، يەنە كېلىپ ھاراق بىلەن دورىنى تەڭ ئىستىمال قىلغانلىقتىن كېلىپ چىققان زەھەرلىنىش ئاخىرىدا ئۇنىڭ ھوشىدىن كېتىشىگە سەۋەبچى بولغان، ئۇنىڭ دوختۇرخانىدا ياتقان مەزگىلىدە ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى توغرىسىدىكى خەۋەر ھەر قايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىدە ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇرغان. ئۇنىڭ ئۆلۈش سەۋەبى تا ھازىرغىچە بىر سىر.

خۇاڭ جياجۈ

20161012182220524.jpg

1993-يىلى Beyond مۇزىكا ئەترىتى ياپونىيەنىڭ توكيو شەھرىدىكى توكيو فۇجى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئويۇن نومۇرلىرىنى سۈرەتكە ئېلىشىغا قاتناشقان، ئەينى ۋاقىتتا سەھنىدە مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلىۋاتقان بولۇپ، پىروگىرامما رىياسەتچىسى بىلەن خۇاڭ جياگوۋ (31 ياش)، تۇيۇقسىز 3 مېتىر ئېگىزلىكتىكى سەھنىدىن پەسكە يىقىلىپ كەتكەن، خۇاڭ جياجۈنىڭ بېشى يەرگە قاتتىق تەگكەنلىكتىن ھۇشىدىن كەتكەن، ئىككى جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، ئىككەيلەننى دوختۇرخانىغا ئاپارغان، دىياگىنوز نەتىجىسىنىڭ ئىسپاتلىشىچە، خۇاڭ جياجۈنىڭ مېڭىسى قاتتىق سوقۇلۇپ يارىلىنىپ، جىددىي خاراكتېرلىك قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ئىزچىل ھوشىغا كېلەلمىگەن، بەزى قىز ناخشا مەستانىلىرى كېچىچە پۈكلىمە قەغەز تۇرنا ياساپ جياجۈگە مىڭلاپ قەغەز تۇرنا سوۋغا قىلىپ ئۇنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى تىلىگەن بولسىمۇ، ئەمما جياجۈ يەنىلا جىمجىتقىنە بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشقان.

جاڭ گورۇڭ

20161012183501360.jpg

2003-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 18 دىن 41 مىنۇت ئوتتۇرا ئايلانما ۋېنخۇا شەرق مېھمانسارىيىنىڭ ئۆتكەندە دەل ئادەم ئالداش بايرىمى كۈنى جاڭ گورۇڭ 16-قەۋىتىدىن ئۆزىنى پەسكە تاشلاپ ئامالسىز ھالدا ئۆزىنىڭ 46 ياشلىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇردى، ھەر خىل پەرەزلەر ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ھەتتا جاڭ گورۇڭنى ئاشىقىدىن ئايرىلىپ قالغان دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەر ئوتتۇرىغا چىقتى، چېن شۇفېننىڭ ئەسلىشىچە, جاڭ گورۇڭ ئۆزى بىنادىن سەكرەشنى تاللىغان، سەۋەبى ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، مۇكەممەللىكنى قوغلىشىدىغان جاڭ گورۇڭ ئۆزىنىڭ خامۇشلۇق كېسىلى تەرىپىدىن ئازابلىنىشىغا چىدىمىغان، كېسەل قوزغالغاندا پۈتۈن بەدىنى ئاغرىپ مۇسكۇللىرى تارتىشىپ خىزمەتنى داۋاملاشتۇرالماي قالغان، شۇنىڭ بىلەن بىنادىن سەكرەش ئارقىلىق بەدىنى ۋە ئىدىيىسىدىكى باش ئاغرىقىدىن بىراقلا قۇتۇلۇشنى تاللىغان.

لى شياۋلوڭ

20161012184456106.jpg

بىر ئەۋلاد گىگانىت گۇمپا چولپىنى لى شياۋلوڭنىڭ ئۆلۈمى تاكى ھازىرغىچە بىر سىر، 1973-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى لى شياۋلوڭ جياخې فىلىم شىركىتىنىڭ لىدىرى زۇ ۋېنخۈەي بىلەن بىر ئۇچرىشىشى بار بولۇپ، ھالاكەت ئويۇنى فىلىمىنىڭ سىنارىيەسى توغرىسىدا سۆھبەتلەشمەكچى بولغان، زۇ ۋېنخۈەي چۈشتىن كېيىن لى شاۋلوڭنى ئىزدەپ كەلگەن، ئىككەيلەن فىلىم سىنارىيەسى توغرىسىدا پىكىرلەشكەن، ئۇنىڭدىن كېيىن ھالاكەت ئويۇنى فىلىمىدە رول ئالىدىغان ئارتىس دېڭ پېينىڭ تۇرالغۇسىغا بارغان، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار بىرلىكتە بىر تاماقخانىدا غىزالانغان، دېڭ پېينىڭ ئۆيىگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن لى شياۋلوڭ تۇيۇقسىز بېشىنىڭ ئاغرىۋاتقىنىنى سەزگەن، دېڭ پېي ئۇنىڭغا بىر نەچچە تال ئاغرىق توختىتىش دورىسى بەرگەن، دورىنى ئىچكەندىن كېيىن لى شياۋلوڭ ئاستا يېتىپ مەڭگۈلۈك ئۇيقىغا كەتكەن، بىر ئەۋلاد گىگانىت چولپان مانا مۇشۇنداق دۇنيا بىلەن خوشلاشقان.   

لى گوخاۋ

20161012184533403.jpg

لى گوخاۋنىڭ ئۆلۈمىمۇ دادىسىغا (لى شىياۋلوڭ) ئوخشاشلا يېشىلمىگەن سىر بولۇپ قالدى، 1993-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 0 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە ئامېرىكا شىمالىي كارولىنا شىتاتىدىكى ۋىلمىنگتون شەھىرىدىكى فىلىم سۈرەتكە ئېلىش مەيدانىدا مايكول مېل غەربىي ۋوگزالىنىڭ 20 ئىنگىلىز چىسى ئەتراپىدا لى گوخاۋ فىلىمىدە رەقىبى بىلەن ئېتىشىدىغان رولنى ئېلىۋاتقان بولۇپ، قولىدا 0.44 كالىبرلىق تاپانچا بار ئىدى، ئوق ئاۋازى ئاڭلىنىش بىلەن تەڭ لى گوخاۋ يەرگە يىقىلىپ قىپقىزىل قان ئەتراپنى بويىدى، لى گوخاۋمۇ ئوق تېگىش سەۋەبى بىلەن ھوشىدىن كېتىپ، پەقەتلا ھوشىغا كېلەلمىدى، بىرەر ئېغىز ۋەسىيەتمۇ قالدۇرالماي بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشتى، ئۇنىڭ پەرزەنتىمۇ يوق ئىدى، ئۇنىڭ ئۆلۈش سەۋەبى تاكى ھازىرغىچە ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغمايدىغان ئىش بولۇپ قالدى، تاكى ھازىرغىچە تاپانچىغا ئوقنى كىمنىڭ سېلىپ قويغىنىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ.



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
تىزىملىككە قايتىش تېما يوللاش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

Archiver|يانفون|قاماقخانا|دىلرام تور بېكىتى  

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For Almizar.cn

تور بىكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، تور بىكتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز. تور بىكىتىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ مەدەنىيەتلىك تور مۇھىتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ! QQ:657458566 ، تېلېفۇن:13899953791

文明办网文明上网举报QQ657458566, 举报E-mail:657458566@qq.com ,联系电话:13899953791

GMT+8, 2017-11-20 05:39 , Processed in 0.351628 second(s), 29 queries .

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش