تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
دىلرام تورى»مۇنبەر مەدەنىيەت - سەنئەت مەدەنىي مىراسلار كۆمەچ ھەققىدە مۇھەببەتلىك رىۋايەت
تىزىملىككە قايتىش تېما يوللاش
كۆرۈش: 4290|ئىنكاس: 0

كۆمەچ ھەققىدە مۇھەببەتلىك رىۋايەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

602

تېما

622

يازما

2133

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

جۇغلانما
2133
20170715120419185.jpg
كۆمەچ بىر خىل ئەنئەنىۋىي، قەدىمىي ئۇسۇل بويىچە قاقلاپ پۇشۇرۇلىدىغان نان تۇرلىرىنىڭ بىرى. يەرلىكتىكى كىشىلەر بۇ خىل ناننى قىسقارتىپ «كۆمەچ» دەپ ئاتايدۇ. كۆمەچ ئۇيغۇرتىلىدا قاقلاپ پۇشۇرۇلىدىغان نان دېگەن مەنىدە، چۈنكى پىشۇرۇش ئۇسۇلى ئۆزگىچە، يېيىشلىك بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن.
20170715120419974.jpg
كۆمەچ بولسا ئاق ئۇن، زىرە، سۇ، قارىمۇچ، گۆش، خېمىرتۇرۇچ، پىياز، تۇز قاتارلىق ماتېرىياللاردىن تەييارلىنىدىغان بولۇپ، تەمى ئۆزگىچە.
تەييارلاش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:
1. گۆش بىلەن پىيازنى ئۇششاق توغراپ، سوققان قارىمۇچ، زىرە، تۇز ئارىلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلىنىدۇ.
2. خېمىرتۇرۇچلۇق خېمىر يۇغۇرۇپ، خېمىر بولغاندا مۇۋاپىق مىقداردا زوۋۇلا ئۈزۈپ تاۋلاپ، ئەتراپىنى نېپىز، ئوتتۇرىسىنى قېلىنراق قىلىپ جىلتا ئېچىپ، ئىچىگە قىيما سېلىپ، تۆت بۇرجەك سامسا شەكلىدە ياكى يۇمىلاق تۈگۈپ، قۇرۇق ئۇن بىلەن قۇرغۇنلاپ، ئوتۇن قالىغان ئوچاقنىڭ ياكى تونۇر ئاستىغا قويۇپ، قوقاسقا كۆمۈپ پىشۇرۇلىدۇ.
20170715120419570.jpg
كۆمەچ ھەققىدە مۇھەببەتلىك رىۋايەت
ئۆتمۈشتە بىر جۇپ قىز- يىگىت ئۆز- ئارا ياخشى كۆرۈشۈپ قالغان، يىگىت دادىللىق بىلەن قىزنىڭ ئاتا- ئانىسىغا توي قىلىش تەلىۋىنى ئېيتقاندا يىگىتنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنى سىناش ئۈچۈن، قىزنىڭ ئاتا- ئانىسى ئۇنىڭغا بىر قىيىن مەسىلىنى يەنى ئائىلىگە يۈز مېھمان چاقىرىپ بىر قوي گۆشى ئارقىلىق سۆڭەكسىز تاماق، ھەم سەي تەييارلاپ، مېھمانلارنى رازى قىلىش، ئەگەردە بۇ ئىش ئىشقا ئاشۇرۇلسا توي ئىشىغا ماقۇل بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. يىگىت ئۆيگە قايتىپ نۇرغۇن كىشىلەردىن سورىغان بولسىمۇ جاۋابقا ئېرىشەلمىگەن. كېيىن نەچچە كېچە- كۈندۈز ئويلىنىش ئارقىلىق ئاخىرى بىر ئامالنى ئويلاپ چىققان. قىزنىڭ ئۆيىگە مېھمان كەلگەن شۇ كۈنى، يىگىت ئەتتىگەن تۇرۇپ سېتىۋالغان قوينى سويۇپ، ئىچىدىكى باشقا ئەزالىرىنى يۇيۇپ پاكىزىلاپتۇ. ئارقىدىن بىر قوينىڭ پۈتۈن گۆشىنى شىلىپ توغراپ، ئۇنىڭغا پىياز، زىرە، قارمۇچ، تۇز قاتارلىق تەم- تەڭشىگۈچلەرنى قوشۇپ قىيما قىلىپتۇ ھەم 20 نەچچە جىڭ ئۇننى خېمىر قىلىپ دىئامېتىرى بىر مېتىردىن چوڭراق بولغان شەكىلدە تەييارلاپ، ئىچىگە قىيمىنى سېلىپ ئەتراپىنى گۈل شەكىلىدە تۈگۈپتۇ. ئەمما پاتقۇدەك چوڭ قازان ياكى چوڭ تونۇر بولمىغاچقا قانداق پىشۇرۇشنى بىلەلمەپتۇ. كېيىن ئۇ مۇنداق بىر ئامال ئويلاپ چىقىپتۇ. ئۇتۇننى بىر يەرگە دۆۋىلەپ كۆيدۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، چوغىغا تەييار قىلغان خېمىرنى كۆمۈپتۇ. ئىككى چەينەك سۇ قاينۇغۇدەك ۋاقىتتىن كېيىن نان پىشىپتۇ. ئارقىدىن بۇ چوڭ ناننى كۆتۈرۈپ قىزچاقنىڭ ئۆيىگە بارغاندا، ئىچى پۇشۇپ تۇرغان قىزچاقنىڭ ئاتا-ئانىسى ناننىڭ چوڭلىقىنى، ئىچىدىكى قوي گۆشىنىڭ سۈڭەكسىز ئىكەنلىكىنى، تەمىنىڭ مېزىلىك بولۇپ، 100 مېھمانغا يېتىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يىگىتنىڭ ئەقىل- پاراسىتىگە قايىل بولۇپ، ئۇلارنىڭ توي ئىشىغا قوشۇلۇپتۇ.
شۇنىڭدىن باشلاپ كىشىلەر بۇ خىل ناننى «كۆمەچ» دەپ ئاتاپ ھازىرغا قەدەر تارقىلىپ كەپتۇ. كۆمەچكە ئالاقىدار يەنە بىر رىۋايەت بولۇپ، بۇ رىۋايەت گۈل خۇمار ئىسىملىك بىر ئايالغا مۇناسىۋەتلىك. گۇلاخما كۆمىچىنىڭ تۈرى بىرلا خىل بولماستىن ئۇلار ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمەلىي تەجرىبىگە ئاساسەن، «پېتىر قىيما كۆمىچى»، «خېمىرلىق قىيما كۆمىچى»، «پېتىر كۆمەچ»، «خېمىرلىق كۆمەچ»، «قىيمىلىق قوناق كۆمىچى»، «قىيمىسىز قوناق كۆمىچى» ۋە «ياڭاق، شېكەر، پىياز، كۆكمۈچ، شوخلا قاتارلىقلار قىيما قىلىنغان كۆمەچ» قاتارلىق يەتتە خىلغا ئايرىلغان.
يەنە بىر كۆمەچ ھەققىدە رىۋايەت تەسۋىرلىنىپ ئىشلەنگەن چىرا مەشرىپىنى كۆرۈش ئادرېسى:
20170715120420744.jpg
20170715120420141.jpg
20170715120421536.jpg
20170715120421532.jpg



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
تىزىملىككە قايتىش تېما يوللاش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

Archiver|يانفون|قاماقخانا|دىلرام تور بېكىتى  

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For Almizar.cn

تور بىكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، تور بىكتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز. تور بىكىتىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ مەدەنىيەتلىك تور مۇھىتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ! QQ:657458566 ، تېلېفۇن:13899953791

文明办网文明上网举报QQ657458566, 举报E-mail:657458566@qq.com ,联系电话:13899953791

GMT+8, 2017-11-20 05:19 , Processed in 0.537263 second(s), 29 queries .

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش