تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
دىلرام تورى»مۇنبەر مەدەنىيەت - سەنئەت سەنئەت ۋە دۇنيا ئەڭ يېڭى ئسىتاتسىتكا: ھوللىۋودتا كىم ئەڭ نوپۇزلۇق؟
تىزىملىككە قايتىش تېما يوللاش
كۆرۈش: 2835|ئىنكاس: 0

ئەڭ يېڭى ئسىتاتسىتكا: ھوللىۋودتا كىم ئەڭ نوپۇزلۇق؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

499

تېما

529

يازما

1959

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
1959

20170625102817777.jpg

6-ئاينىڭ 21-كۈنى «ھوللىۋود خەۋەرلىرى» «تاماشا ساھەسىدىكى تەسىر كۈچكە ئىگە 100 ئادەم» نىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.

20170625102826706.jpg

تاماشا چولپانلىرى ئىچىدە تەسىر كۈچى ئەڭ يۇقىرى تىزىملىكنىڭ 9-ئورۇندا تۇرىدىغىنى ئوپراھ.

20170625102914534.jpg

Oprah Winfrey Network نىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ يىل 1-ئايدا تەكلىپلىك يازغۇچى سۈپىتىدە CBS تېلىۋىزىيە ئىستانىسىسىنىڭ «60 مىنۇت» (60 Minutes)پىروگىراممىسىغا قاتناشتى.

20170625102931162.jpg

يەنە بۇ يىل 4-ئايدا HBO ئىشلىگەن تېلىۋىزىيە فىلىمى «ھېنرىتتا لاكىسنىڭ مەڭگۈلۈك تۇرمۇشى» (The Immortal Life of Henrietta Lacks)دا رول ئالدى.

20170625102955514.jpg

ئۆزىنىڭ سىملىق تېلىۋىزىيە تورىمۇ تېلىۋىزىيە ساھەسىدە ياخشى نەتىجىلەرنى يارىتىپ، «شېكەر خانىش»، «يېشىل يوپۇرماق»《Queen Sugar》،《Greenleaf》قاتارلىق تېلىۋىزىيە تىياتىرلىرىنى ئىشلىدى.

20170625103032168.jpg

يەنە بىر رىياسەتچى ھەم فىلىم ئىشلىگۈچى Ellen DeGeneres 43-ئورۇندا بولۇپ، ئۇنىڭ «ئېلىن پىروگىراممىسى» 《艾伦秀》ئېممىي مۇكاپاتىدىن 10 نى گەپ-سۆزسىزلا ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، 2020-يىلىغىچە پىروگىراممىنى داۋاملىق ئىشلەشكە توختام ئىمزالىغان.

20170625103056880.jpg

ھوللىۋودنىڭ داڭلىق ئارتىسلىرىدىن 15 نەپىرى بۇ تىزىملىكتە بار، 34-ئورۇنغا تىزىلغىنى بولسا ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق ئۆزى رول ئېلىپ ھەم فىلىم ئىشلەيدىغان، كىرىمى ھوللىۋود بويىچە 1-بولغان گىگانىت تاش دىۋايىن جونسون.

20170625103107211.jpg

ئۆتكەن يىلى ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن لىئوناردو دىكاپىرو 39-ئورۇندا.

20170625103117465.jpg

ئەركە خانقىز جېننىفىر لاۋرىنىس 41-ئورۇندا.

20170625103130507.jpg

تۆۋەن مۇقامدا يۈرىدىغان برەد پىت ۋە ئۇنىڭ Plan B كىنو شىركىتىنىڭ ھەمكارىلاشقۇچىسى Jeremy Kleiner ۋە Dede Gardner 48-ئورۇندا.

20170625103151465.jpg

بۇ يىل Plan B شىركىتى ئىشلىگەن، پىت فىلىم ئىشلىگۈچىلىكىنى قىلغان «ئاي نۇرىدىكى ئوغۇل بالا» 8 تۈردە ئوسكاردا ئىسمى ئاتالدى، ئاخىرى ئەڭ ياخشى فىلىم مۇكاپاتى، ئەڭ ياخشى ئۆزگەرتىلگەن سىنارىيە مۇكاپاتى، ئەڭ ياخشى يانداش ئەر پېرسوناژ مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

20170625103213822.jpg

ئىككى نۆۋەتلىك ئوسكار ساھىبى، ئارتىس، رېژىسسور، فىلىم ئىشلىگۈچى دېنزىل ۋاشىنگىتون 73-ئورۇندا.


بۇ يىل 1-ئايدا ئالتۇن شار مۇكاپاتىنىڭ ئۆمۈرلۈك مۇۋەپپىقىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن،

20170625103232484.jpg

«ئاۋازى قېيىپ كەتكەن خانىش» (跑调天后) فىلىمى بىلەن 20-قېتىم ئوسكاردا ئىسمى ئاتالغان مېرىل سىتىرىپ 75-ئورۇندا تۇردى.

20170625103254510.jpg

روبېرت دوۋنى 87-ئورۇندا.

20170625103303625.jpg

«سامانيولى مۇھاپىزەتچىلىرى» دىكى كىرىس پرەت 89-ئورۇندا.

20170625103312312.jpg

98-ئورۇندىكىسى بولسا رىز ۋىزىرىسپۇن، بۇ يىللاردا ئۇ فىلىم ئىشلىگۈچىسى بولغان ۋە رول ئالغان فىلىملەر ناھايىتى ئۇتۇقلۇق بولدى، «چوڭ كىچىك يالغان»(Big Little Lies) ناملىق تېلىۋىزىيە تىياتىرى ھازىر 2-بۆلۈمنى ئىشلەشكە تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ.

20170625103343301.jpg

فىلىم ئىشلىگۈچىلەر ئىچىدە سىنارىسىت، فىلىم ئىشلىگۈچى رىيان مۇرفىي 28-ئورۇندا.

20170625103356586.jpg

ئۇ بۇ يىل ئىشلىگەن «بېت بىلەن جون» قىززىق قويۇلىۋاتىدۇ.

20170625103404756.jpg

«ئامېرىكا جىنايەت ھېكايىلىرى» 《美国犯罪故事第二季»مۇ چىقاي دەپ قالدى.

20170625103425111.jpg

فانتازىيە باش تېما قىلىنغان فىلىملەرنىڭ فىلىم ئىشلىگۈچىسى ۋە رېژىسسورى J.J.Abrams (پىلانېتلار ئۇرۇشى، ئىمكانسىز ۋەزىپە، غەربىي دۇنيا قاتارلىقلارنى ئىشلىگەن) بولسا 31-ئورۇندا.

20170625103442791.jpg

رېژىسسورلاردىن ئاتامان سانالغان سىتىۋېن سىپىلبۇرگ 32-ئورۇندا، ئۇ ھازىر بىر كىنوغا تەييارلىق قىلىۋاتقان بولۇپ، باش روللاردا مېرىل بىلەن تام ھەنكىس چىقىدىكەن.

20170625103503133.jpg

Clint Eastwood 63-ئورۇنغا تىزىلغان بولۇپ، ئۆتكەن يىلى ئۇ ئىشلىگەن «ئايروپىلان باشلىقى سالىي»《萨利机长》بولسا 238 مىليون بېلەت كىرىمىگە ئېرىشكەن.

20170625103515773.jpg

بۇ ساھەگە كىرگىنىگە 50 يىل بولغان 87 ياشلىق ئىسىت ۋۇد نەگىلا بارسا يېشىل چىراق يېقىلىدىغان بولسا كېرەك.

20170625103539213.jpg

65-ئورۇندىكىسى كىرىستوفىر نولەن، كېلەركى ئاينىڭ 21-كۈنى 2-دۇنيا ئۇرۇشى باش تېما قىلىنغان «دۇنكىرك» فىلىمى قويۇلماقچى.

20170625103550363.jpg

ئۇنىڭ ئالدىنقى فىلىمى «پلانتلار ئارا» ئىشلىنىپ 3 يىل ئۆتتى، بۇ فىلىمنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىمىز.

20170625103607557.jpg

ئاۋاتارنىڭ 2،3،4-بۆلۈملىرىنى ئىشلىمەكچى بولىۋاتقان جېيمىس كامېرون 68-ئورۇندا.

20170625103622304.jpg

ئالدىنقى ئايدا ئورلەندو دىسنىي باغچىسىنىڭ ئاۋاتار دۇنياسى باش تېما قىلىنغان پەندورا باغچىسى رەسمىي ئېچىۋېتىلدى.

20170625103656255.jpg

«مۇھەببەت شەھىرى» نىڭ رېژىسسورى Damien Chazelle تارىختىكى يېشى ئەڭ كىچىك ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن رېژىسسور بولۇش سۈپىتى بىلەن 85-ئورۇنغا تىزىلغان.

20170625103717184.jpg

ئەلۋەتتە ھوللىۋودتا ئەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە كىشىلەر يەنىلا غوجايىنلار.

20170625103749295.jpg

دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمانلارنى توختىماي يارىتىپ تۇرىدىغان مارۋېل شىركىتىنىڭ رەئىسى Kevin Feige 18-ئورۇندا.

20170625103803725.jpg

«پولات پالۋان» نىڭ 1-بۆلۈمىنى ئىشلەپ ھازىرغىچە 9 يىل ئۆتۈپتۇ، مارۋېلنىڭ ئومۇمىي بېلەت كىرىمى 11 مىليارد 400 مىليوندىن ئاشتى.

20170625103832758.jpg

«ئامېرىكا كاپىتانى:ئىچكى ئۇرۇش»(Captain America: Civil War)بولسا 2016-يىلى يەرشارى بېلەت كىرىمىدە چېمپىيون بولدى.«سامانيولى مۇھاپىزەتچىلىرى2» (Guardians2)نىڭ بېلەت كىرىمى 884 مىليوندىن ئېشىپ، بېلەت كىرىمىدە 1-بۆلۈمىدىن ئېشىپ كەتتى. «غەلىتە دوكتور»(Doctor Strange)نىڭ بېلەت كىرىمى 678 مىليونغا يەتتى.

20170625103859208.jpg

بۇ ئاينىڭ 28-كۈنى مارۋېل يۈرۈشلۈك فىلىملىرى ئىچىدىكى 16-فىلىم «ئۆمۈچۈك پالۋان: قەھرىماننىڭ قايتىپ كېلىشى»《蜘蛛侠:英雄归来» قويۇلماقچى.

20170625103913439.jpg

بىز ئۈچىنچى ئەۋلاد ئۆمۈچۈك پالۋان تام ھوللاندنىڭ ئىپادىسىنى كۆرۈپ باقايلى.

20170625103939346.jpg

2018-يىلى 2-ئايدا  مارۋېل ئىشلىگەن «قارا قاپلان»(Black Panther) قويۇلماقچى.

20170625104006886.jpg

HBO نىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى رىچارد پلېپلىر ۋە پىروگىرامما ئىشلىگۈچىسى كېيسى بلويىس 23-ئورۇندا.

20170625104024554.jpg

ئۈچ يېڭى تېلىۋىزىيە تىياتىرى «چوڭ كىچىك يالغان»،«ياش پوپ»،(The Young Pope)«غەربىي دۇنيا» (Westworld)ناھايىتى يۇقىرى سەۋىيەدە ئىشلەنگەن، HBO ئۆتكەن يىلىدىكى يىللىق كىرىمى 1 مىليارد 600 مىليونغا يەتكەن.

ئاخىرىدا ئالدىنقى ئۈچنى ئېيتىپ ئۆتەيلى!

20170625104054193.jpg

ئۈچىنچى ئورۇندىكىسى NBC يەرشارى شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ۋە كامكەسىت شىركىتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئىجرائىيە ئەمەلدارى سىتىۋ بىرۇك.

20170625104113239.jpg

«سۈرئەت ۋە قايناق ھېسسىيات»، «رەزىل مەن»، «يۇرا دۇنياسى» قاتارلىق فىلىملەر بىلەن يەرشارى كىنوچىلىق شىركىتى ئالدىنقى 3 يىلدا تارىختىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

20170625104132864.jpg

ئۆتكەن يىلى يەنە 3 مىليارد 800 مىليون خەجلەپ، «چۈش زاۋۇتى كارتون فىلىم ئىشلەش شىركىتى» نى سېتىۋالدى.

20170625104211261.jpg

يەر شارى شىركىتى 2020-يىلى شاڭخەيدە كىنو باش تېما قىلىنغان باغچا قۇرۇشنى پىلانلاۋاتىدۇ.

20170625104229381.jpg

ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى Netflix نىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى Reed Hastings ۋە مەزمۇن باشقۇرغۇچى ئەمەلدار تېد ساراندوس.

20170625104259283.jpg

تور تاراتقۇلىرىنىڭ ئاتامانى Netflix تېلىۋىزىيە ئىكولوگىيە سىستېمىسىنى ئوڭتەي-توڭتەي قىلىۋېتىپلا قالماستىن، بۇ ساھەدىكى ئەڭ كۆپ مەزمۇن سېتىۋالغۇچىغا ئايلاندى. ھازىر Netflix دۇنيادىكى 190 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايوننى ئىنتىرنېت تېلېۋىزىيە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، 100 مىليون ئابونتى بار.

20170625104323671.jpg

يېڭىدىن چىققان «تاج»(The Crown)، «ئاجايىپ شەيئىي»(Stranger Things)، «13 سەۋەب»(13 Reasons Why)قاتارلىقلار ياخشى باھاغا ئېرىشتى.

20170625104349544.jpg

بۇ يىل نېتفىلكىس كىنو ساھەسىگە يۈرۈش قىلدى، بۇ يىل قويۇلماقچى بولىۋاتقان «نۇر»《Bright》تا ۋىل سىمىس رول ئالىدۇ.

20170625104403495.jpg

ھە مانا بىرىنچىسى كەلدى، ۋالىت دېسنىي شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بوب ئايگىر.

20170625104440490.jpg

ئۇ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە دېسنىينىڭ بازار قىممىتى 46 مىليون دوللاردىن 165 مىليارد دوللارغا چىقتى، 2016-يىلى يىللىق ساپ كىرىمى تارىختا مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان ھالدا 9 مىليارد 400 مىليون دوللارغا يەتتى.

20170625104512778.jpg

كىنوچىلىق ساھەسىدە مارۋېل، لۇكاس، پىكسار قاتارلىق ئۈچ تىللا تۆكۈلىدىغان دەرىخى بار دېسنىينىڭ 2016-يىلىدىكى بېلەت كىرىمى 7 مىليارد 600 مىليون دوللارغا يەتتى، «ساھىبجامال ۋە غەلىتە مەخلۇق»《Beauty and the Beast》نىڭ يەرشارى ئومۇمىي بېلەت كىرىمى 1 مىليارد 290 مىليون دوللارغا يەتتى.

20170625104537557.jpg

مانا مۇشۇنداق، تەسىر كۈچى زور ئادەملەرنىڭ پۇل خەجلىيەلەيدىغان يېرىگە ئەمەس، پۇل تاپالايدىغان يېرىگە قايىل بولۇپ قالىمىزدە...

20170625104559852.jpg



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
تىزىملىككە قايتىش تېما يوللاش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

Archiver|يانفون|قاماقخانا|دىلرام تور بېكىتى  

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For Almizar.cn

تور بىكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، تور بىكتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز. تور بىكىتىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ مەدەنىيەتلىك تور مۇھىتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ! QQ:657458566 ، تېلېفۇن:13899953791

文明办网文明上网举报QQ657458566, 举报E-mail:657458566@qq.com ,联系电话:13899953791

GMT+8, 2017-9-25 19:30 , Processed in 0.513269 second(s), 29 queries .

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش