تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
دىلرام تورى»مۇنبەر جاھاندىكى ئىشلار ئىچكى خەۋەرلەر نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمەتلىرىنى چوڭقۇر قاتلامدىن تەرەققىي قىلدۇرۇپ ئىلگىرى
تىزىملىككە قايتىش تېما يوللاش
كۆرۈش: 4823|ئىنكاس: 0

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمەتلىرىنى چوڭقۇر قاتلامدىن تەرەققىي قىلدۇرۇپ ئىلگىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

499

تېما

529

يازما

1959

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
1959

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھەققىدە ئومۇمىي بايان (5)

مۇخبىرىمىز ليۇ يى

پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۆلەش – ئېچىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يۆلەش – ئېچىشنى ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەسى ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم خىزمەت قىلىپ، تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ ئىلگىرى سۈردى.

شىنجاڭدا نامرات نوپۇس كۆپ، نامراتلىق ئېغىر بولۇپ، دۆلەتنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى ئاساسلىق جەڭ مەيدانىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 – يىغىنىغا قاتناشقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئاساسلىق جەڭ مەيدانى قىلىپ، يېزىلاردىكى ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى ۋە چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشى، شەھەر – بازارلاردىكى كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى ياخشى يولغا قويۇپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرى ۋە چېگرا رايونلارنىڭ ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تىرىشىپ ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى چوڭقۇر مەنىلىك ۋە سەمىمىي بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئىشلىرىغا كۈچلۈك مەنىۋى كۈچ بېغىشلىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بولۇپمۇ ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەركەزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش توغرىسىدىكى قارار – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە ۋە خەلق تۇرمۇشىدىكى بىرىنچى قۇرۇلۇش قىلىپ پىلانلاپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ ئاتاكىغا ئۆتۈش سىگنالىنى ياڭراتتى.

سېلىنما كۆپەيتىلدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى كەمتۈكلۈكلەر تولۇقلاندى

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئاجىز، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات سەۋىيەسى ئارقىدا قالغان بولۇپ، يۆلەش – ئېچىش خىزمىتى شىنجاڭ، ھەتتا مەملىكەت بويىچە ئەڭ جاپالىق خىزمەت ھېسابلىنىدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىگە ئىزچىل يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا ئالاھىدە سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيىدىمۇ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭنىڭ پەرقىنى كىچىكلىتىش ئېنىق تەكىتلەندى.

ئۈچ يىلدىن بۇيان پۈتۈن مەملىكەت، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە جەنۇبىي شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ھەرىكىتى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇلدى: مالىيەدىن يۆتكەپ چىقىم قىلىش سالمىقى زورايتىلىپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىلىپ، ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش، ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ئۆيى ۋە شەھەر – بازارلاردىكى كاپالەتلىك تۇرالغۇدىن 1 مىليون 650 مىڭ يۈرۈش سېلىندى، ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرتۈش خىزمىتى %100كە يەتكۈزۈلدى، شەھەر – يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش، شەھەر – بازارلاردىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش، ئاساسىي داۋالىنىش، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىدا كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىكلەرنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، شەھەر – يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش نىسبىتى %95تىن ئاشۇرۇلدى، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان بىر قاتار تەدبىرلەر جەنۇبىي شىنجاڭدا يولغا قويۇلدى.

ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى ساھە، ھەر قايسى تارماقلار جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىش مەخسۇس پىلانىنى ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ پىلانىنى تۈزۈپ، شىمالىي شىنجاڭدىكى ئىقتىسادتا كۈچلۈك 30 ناھىيە (شەھەر، رايون) ۋە دۆلەت دەرىجىلىك ئۈچ ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 27 نامرات ناھىيە (شەھەر) بىلەن قوشماقلىشىپ، نامراتلارغا ياردەم بېرىش مېخانىزمى ئورناتتى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، ياردەم بېرىش مەسئۇلىيىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ ھەم ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، جەمئىيەتتىكى نامراتلارنى يۆلەش بايلىقىنى نۇقتىلىق ھالدا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا قارىتىش، ئاپتونوم رايون خەلق تۇرمۇشى چىقىمىدا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا تېخىمۇ كۆپرەك مايىللىشىش قاتارلىق سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى جەنۇبىي شىنجاڭغا مەركەزلەشتۈرۈپ، كۆپ تەرەپنىڭ كۈچىنى بىرلەشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا ياردەم بېرىدىغان ۋەزىيەت تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق يۆلەش – ئېچىش ئىشخانىسىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، 2013 – يىلىدىن 2016 – يىلىغىچە ئاپتونوم رايون بويىچە نامراتلارنى يۆلەش مالىيە مەخسۇس مەبلىغىدىن 21 مىليارد 930 مىليون يۈەن ئاجرىتىلغان. ئۈچ يىلدىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى %71 نامرات كەنتتە ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلارنى ‹‹قوش تىل››دا تەربىيەلەش ئورۇنلىرى قۇرۇلغان، %68 نامرات كەنتكە شىپاخانا سېلىنىپ، 31 مىڭ 600 نامرات ئاھالىنىڭ داۋالىنىش كاپالىتى مەسىلىسى ھەل قىلىنغان، شەھەر – يېزىلارنى بىر تۇتاش پىلانلايدىغان، ئومۇمىي خەلقنى قاپلىغان ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ۋە ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئورنىتىلىپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشقا قاتنىشىش نىسبىتى %100 كە، ئېغىر كېسەللەر سۇغۇرتىسىنى سېتىۋېلىشنىڭ قاپلىنىش نىسبىتى %100 كە يەتكەن، تېخىمۇ كۆپ نامرات ئاممىنىڭ نامراتلىق قالپىقى ئېلىپ تاشلىنىپ، ئۇلار بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرگەن.

نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى

شى جىنپىڭ مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نامراتلارنى يۆلەش سېلىنمىسىنى زورايتىپ، مەبلەغنى نۇقتىلىق ھالدا دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرى، چەت، چېگرا رايونلار، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا مايىللاشتۇرۇش، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، مەنبەسىدىن يۆلەش، ئائىلىسى بويىچە يۆلەش كېرەك، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى دۆلەت قاتلىمىدىن، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەپ، ئالاھىدە سىياسەتنى يولغا قويۇپ، دائىملىق قائىدىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىش كېرەك.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، يەكەن ناھىيەسى تاغارچى يېزىسىنىڭ قۇمئېرىق كەنتىدىكى دېھقان ناسىر ئوسماننىڭ ئائىلىسىدە زور ئۆزگىرىش بولدى، ھويلىسىغا يېڭىدىن سېلىنغان قوتان ناسىر ئوسماننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىدىكى يېڭى ئۈمىدىگە ئايلاندى. ناسىر ئوسمان مۇنداق دېدى: بۇ يىلنىڭ بېشىدا كەنتتىن نامراتلارنى يۆلەش قويى تارقاتتى، مەن قوي باقمىچىلىقىغا تايىنىپ كىرىمىمنى ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن بالدۇرراق قۇتۇلىمەن.

2016 – يىلى يەكەن ناھىيەسىدىكى دېھقانلارنىڭ ھويلا – ئارانلىرىدا ئومۇمىي كۆلىمى 2799 موغا يېتىدىغان 4052 قوتان سېلىندى، يېڭىدىن ‹‹ئادەملەر بىلەن چارۋا ماللار ئايرىلغان›› باقمىچىلىق مەيدانى، ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن 202سى قۇرۇلدى، قوتان كۆلىمى 305 مىڭ 200 كىۋادرات مېتىرغا يەتتى. يېڭىدىن ياسالغان ھەم تىجارەت باشلىغان ھويلا – ئاران سەھرا ئارامگاھلىرى پايدا ئېلىشقا باشلىدى. يەكەن ناھىيەسى يەنە دېھقانلارنىڭ ئارزۇسىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىپ، كۆپ خىل تەرەققىيات ئەندىزىسى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ھويلىسىدا قول ھۈنەرۋەنچىلىك دۇكىنى، كەشتىچىلىك، ئىلمە – توقۇمىچىلىق كوپىراتىپى ئېچىشىغا ئىلھام بېرىپ، ھويلا – ئارانلارنى نامراتلارنى يۆلەشتىكى ‹‹جەڭ مەيدانى›› قىلدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئوبيېكتلارنى پەرق ئېتىش، تۈرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، مەبلەغ ئىشلىتىش، تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، كەنتلەرنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن ئادەم ئەۋەتىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈنۈمىدىن ئىبارەت ‹‹ئالتە دەل جايىدا بولۇش›› جەھەتتە ھەر تەرەپلىمە كۈچەپ، دەل جايىدا بولۇشنى يۆلەش – ئېچىش خىزمىتىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، نامراتلىقتىن يالغان، سان جەھەتتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئالدى.

ئاپتونوم رايونىمىز 2016 – يىلىنى مەخسۇس ‹‹ئارخىپ تۇرغۇزۇپ، كارتا بېجىرىپ، دەل جايىدا پەرق ئېتىش يىلى›› قىلىپ بېكىتىپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش، ئىنچىكە تەكشۈرۈش، گىرەلەشمە تەكشۈرۈش ئارقىلىق چوڭ سانلىق مەلۇماتلاردىن ئىزدەپ تېپىشنى يولغا قويغاچقا، ئاپتونوم رايون بويىچە نامراتلارنى پەرق ئېتىشنىڭ توغرىلىق نىسبىتى %95.92 كە يەتتى. مۇشۇ ئاساستا تۈرلەرنى تەستىقلاش ۋە مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلىپ، نامراتلارنى يۆلەش مالىيە مەخسۇس تۈر مەبلىغىنى ناھىيە – شەھەرلەرگە بىۋاسىتە چۈشۈرۈپ بېرىپ، تۈرلەرنى ئېھتىياجقا ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ تەسىس قىلىشنى ۋە مەبلەغنى دەل جايىدا ئىشلىتىشنى ئىلگىرى سۈردى.

ئاپتونوم رايونىمىز يەنە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى گەۋدىلەندۈرۈش، ئۈنۈمى دەل جايىدا بولۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈۋەتمەكچى بولغان يەتتە ناھىيە، نامرات كەنتلەر قاتارىدىن چېكىنمەكچى بولغان 1286 كەنت، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان 1 مىليون 390 مىڭ ئاھالىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئەھۋالىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

2016 – يىلىنىڭ ئاخىرى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات نوپۇس 2013 – يىلىدىكى 2 مىليون 610 مىڭدىن 1 مىليون 220 مىڭغا ئازايدى، 35 نامرات ناھىيەدىكى يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 8055 يۈەنگە يېتىپ، 2012 – يىلىدىكىدىن 2965 يۈەن ئېشىپ، يىللىق ئېشىش نىسبىتى %12.2 بولدى. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست يېزىلىرىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 7868 يۈەنگە يېتىپ، 2012 – يىلىدىكىدىن 3066 يۈەن ئېشىپ، يىللىق ئېشىش نىسبىتى %13.1 بولدى.

ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىلىپ، نامراتلارنى يۆلەشتىكى ‹‹قان ئىشلەش›› ئىقتىدارى يېتىلدۈرۈلدى

يېقىندا مەن چاقىلىق ناھىيەسى ۋاششەرى يېزىسىنىڭ تاش ساي ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بازىسىدا چىلان دەرىخىنى چاتاشنى ئۆگىنىۋاتقان خوتەن شەھىرىنىڭ لاسكوي بازىرىدىن كەلگەن دېھقان ئەزىز بەردى بىلەن كۆرۈشۈپ قالدىم. 39 ياشلىق ئەزىز بەردى قىسقا مۇددەت تەربىيەلىنىپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا ئۇيغۇنلاشقان يېڭى دېھقان بولۇپ يېتىشىپ چىقىدىكەن ھەم يىللىق كىرىمى كۆرۈنەرلىك ئاشىدىكەن.

ئەزىز بەردى مۇنداق دېدى: خوتەندە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر 1.3 موغىمۇ يەتمەيدۇ، ئادەم كۆپ، تېرىلغۇ يەر ئاز بولغاچقا، تۇرمۇشىمىز غورىگىل ئۆتىدۇ. ھازىر مەن چاقىلىق ناھىيەسىدىكى چىلان پىششىقلاش كارخانىسىنىڭ ھەمكارلاشقۇچىسى بولۇپ قالدىم، مەن ھەمراھلىرىم بىلەن 180 مو چىلانلىقنى پەرۋىش قىلىشقا مەسئۇل، يىلدا سەككىز ئاي ئىشلەيمىز، كىرىمىمىز 40 مىڭ يۈەنگە يېقىنلىشىدۇ، باشقا ۋاقىتلاردا سىرتقا چىقىپ ئىشلىسەم، يىللىق كىرىمىم 40 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ.

ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئۆز يېرىدە، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئاساس قىلىپ، كۆپ خىل يول، كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى. ئاپتونوم رايونىمىز ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى شەھەر – يېزىلاردىن 5000 ئارتۇق ئەمگەكچىنى شىمالىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭدىكى مۇھىت تازىلىقى ئىش ئورۇنلىرىغا، 10 مىڭ كىشىنى دۆلەت كارخانىلىرىغا ئورۇنلاشتۇردى، ‹‹ئالتە بىر تۈركۈم››نى چىقىش قىلىپ، ئۈچ يىلدا 100 مىڭ كىشىنى ئاپتونوم رايون ئىچىدە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەر بىر كەنتتىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ قىلىدىغان ئىشى، تاپىدىغان پۇلى بولۇشنى تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ.

ئاپتونوم رايونىمىز ئۈچ يىلدىن بۇيان ‹‹نامراتلىقنى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلاش››، ‹‹قان ئىشلەش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش›› ئۈچۈن يېتەكچى كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈشنى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنىڭ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنىڭ ئاساسىي نىشانى قىلىپ، ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈردى ۋە تەرەققىي قىلدۇردى. توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كەسپىنى مىسالغا ئالساق، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئۈچ يىلدىن بۇيان، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مەخسۇس تۈر مەبلىغىدىن 2 مىليارد 752 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، بۇ، توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كەسپى تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ 24 مىليارد 617 مىليون يۈەنگە يېتىشىگە تۈرتكە بولغان. جەنۇبىي شىنجاڭدا ئۈچ يىلدا توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كارخانىسىدىن 884ى كۆپەيگەن بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە يېڭىدىن كۆپەيگەن توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كارخانىسىنىڭ %58ىنى ئىگىلىگەن؛ يېڭىدىن 132 مىڭ 500 كىشى ئىشقا ئورۇنلاشقان بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كەسپىدە يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار سانىنىڭ %53.4ىنى ئىگىلىگەن.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ ئاتاكىغا ئۆتۈش سىگنالى ياڭرىدى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئاتاكىغا ئۆتۈش باسقۇچىغا قەدەم قويغان پەيتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقىرىدىن – تۆۋەنگىچە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمەتلىرىنى چوڭقۇر قاتلامدىن تەرەققىي قىلدۇرۇپ ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تىرىشىشى بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىدە بىرەر نامرات رايون، بىرەر نامرات كىشى ھەرگىز سەپتىن چۈشۈرۈپ قويۇلمايدۇ، ئاممىغا چوقۇم قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرىلىدۇ.

مەنبە: http://uy.ts.cn/homepage/content/2017-06/21/content_605379.htm



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
تىزىملىككە قايتىش تېما يوللاش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

Archiver|يانفون|قاماقخانا|دىلرام تور بېكىتى  

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For Almizar.cn

تور بىكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، تور بىكتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز. تور بىكىتىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ مەدەنىيەتلىك تور مۇھىتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ! QQ:657458566 ، تېلېفۇن:13899953791

文明办网文明上网举报QQ657458566, 举报E-mail:657458566@qq.com ,联系电话:13899953791

GMT+8, 2017-11-20 21:19 , Processed in 0.502484 second(s), 26 queries .

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش