تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
دىلرام تورى»مۇنبەر مەدەنىيەت - سەنئەت داڭلىق شەخىسلەر ماھىنۇر روزى
تىزىملىككە قايتىش تېما يوللاش
كۆرۈش: 1945|ئىنكاس: 0

ماھىنۇر روزى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

211

تېما

216

يازما

838

جۇغلانما

ئالىي دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 4

جۇغلانما
838
    گۈزەل ئاۋازى بىلەن قەلبلەرگە زوق بىرىۋاتقان رىياسەتچىمىز ماھىنۇر

37-1602041IA92X.png

      
ئىسىم-فامىلىسى: ماھىنۇر روزى

تۇغۇلغان يۇرتى: كۇچا

تۇغۇلغان كۈن: 1-ئاينىڭ 13-كۈنى

بوي ئېگىزلىكى: 1.66

ئېغىرلىقى: 48

خىزمەت: مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ «ئۈزۈلمەس مېلودىيە» پىروگراممىسى ۋە تۈركىيەگە ئاڭلىتىلىۋاتقان «ئۇنتۇلماس مېلودىيە» پىروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى.

ئەڭ ياقتۇردىغان ئارتىس: ھىندىستان كىنو چولپىنى كاجول

ئەڭ ياقتۇردىغان ناخشا چولپىنى: ئابدۇللا ئابدۇرېھىم، ئىززەت ئېلياس

ئەڭ ياقتۇردىغان كىتاپ: ئويغۇر مەدەنىيىتىگە ئائىت ، مۇۋاپىقىيەت قازىنىشقا ئائىت كىتاپلار.

ئەڭ ياقتۇردىغان سۆز: بوپتۇلا

ئەڭ ياقتۇردىغان دۆلەت: تۈركىيە، كورىيە

قىزىقىشى: ناخشا ئېيتىش،بەدەن چېنىقتۇرۇش

ئەڭ قايىل ئۇستاز: مۇنىرە غۇپۇر

ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان ئادەم: ئاتا-ئانىسى، يولدۇشى



37-1602041J054Z8.png



   

خۇش ئاۋاز رىياسەتچىمىز ماھىنۇر روزى كۇچار ناھىيىسىدىن بولۇپ، 2008-يىلى شىنجاڭ رادىيو-كىنو-تېلىۋىزىيە مەكتىپىگە ئوقۇشقا كەلگەن ، 2011-يىلى 11-ئايدا بىر تەرەپتىن ئوقۇپ، بىر تەرەپتىن «شىنجاڭ مېلودىيە مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى» دە خىزمەت قىلىشقا باشلىغان، ۋە مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ «ئۈزۈلمەس مېلودىيە»، «ئۆگىنىش» قاتارلىق پروگراممىلىرىغا رىياسەتچىلىك قىلىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. ھازىرغىچە شۇ خىزمىتىنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، بۇ جەرياندا، ئۇ يەنە ئاۋاز بىرىش كەسپى بىلەنمۇ شۇغۇللانغان بولۇپ، 2010-يىلدىن ھازىرغىچە ، بىزنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرىشىمىزگە مۇيەسسەر بولىۋاتقان، شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسسى، ئۈرۈمچى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى، قارماي تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىلىرىنىڭ نۇغۇنلىغان فېلىملىرىنىڭ ئاۋاز ئېلىشىغا قاتناشقان، ئۇنىڭدىن باشقا ئۈرۈمچى شەھرىدىكى مەدەنىيەت تارقىتىش شىركەتلىرىنىڭ دۆلىتىمىز ۋە چەتئەللەردە ئىشلەنگەن نادىر فىلىملار، بالىلار ئاۋازلىق ئىلىپبەلىرى، بالىلار ئۇيۇنچۇقلىرى، تارىخى رومان قاتارلىقلارنىڭمۇ ئاۋاز ئېلىشىغا قاتناشقان ۋە ئۆزگىچە ئوبرازلارنى يارىتىپ كۆرۈرمەنلەرنىڭ يۇقۇرى باھاسىغا ئېرىشكەن.

ئۇ 2012-يىلى بەخىتلىك ئائىلە قۇرغان بولۇپ، ھازىر ئوماق بىر قىزى بار. ئۇ ئائىلىدە ياخشى ئايال، ئوماق بالىسىغا ياخشى ئانا، ئاتا-ئانىسىغا ۋاپادار پەرزەنت، خىزمەتتە بولسا ئۆز كەسپىنى ئوتتەك سۆيىدىغان مۇنەۋۋەر قىز.


37-1602041J2459B.png



      ئۇ ھازىر گۈزەل ئاۋازى بىلەن مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسسىنىڭ «ئۈزۈلمەس مېلودىيە» پىروگراممسى ۋە تۈركىيەگە ئاڭلىتىلىدىغان «ئۇنتۇلماس مېلودىيە» پىروگراممىسى ئارقىلىق دىيارىمىز ۋە تۈركىيەدىكى قېرىنداشلارغا مەنىۋى زوق بېغىشلاۋاتىدۇ. ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا كىنو-فىلىملەرگە ئاۋاز بىرىش، شىنجاڭ رادىيو-كىنو-تېلىۋىزىيە مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا، كىچىك چولپان بەرنانىڭ كەسپى تەربىيەلەش مەكتىپىدە رىياسەتچىلىك، ئاۋاز كەسپىلىرىدىن دەرىس بىرىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ.


يۈرەك سۆزى: ئالدى بىلەن 5 يىلدىن بىرى پروگراممامنى ئاڭلاۋاتقان بارچە ئەزىزلەرگە تەشەككۈر، شۇنىڭ بىلەن بىرگە مېنى قوللاپ كىلىۋاتقان، پىروگراممىنىڭ رەڭدارلىقىغا تۈس قوشقان ، ئويغۇر سەنئەتكارلىرىغا، خۇش ئاۋاز كۈيچىلىرىمىزگە تەشەككۈر. ئەتراپىمدىكى ھەربىر ئادەمگە تەشەككۈر. كۆپچىلىك مەن ياراتقان كىنو فىلىملەردىكى ئوبرازلارنىڭ ئاۋازىدىن رازى بولسا، مەن ئىشلەۋاتقان پىروگراممامدىن خۇشاللىق تاپالىسا شۇ مېنىڭ بەختىم. ھەممىڭلارغا سالامەتلىك، خۇشاللىق تىلەيمەن.



37-1602041J45E57.png





ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
تىزىملىككە قايتىش تېما يوللاش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

Archiver|يانفون|قاماقخانا|دىلرام تور بېكىتى  

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For Almizar.cn

تور بىكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، تور بىكتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز. تور بىكىتىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ مەدەنىيەتلىك تور مۇھىتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ! QQ:657458566 ، تېلېفۇن:13899953791

文明办网文明上网举报QQ657458566, 举报E-mail:657458566@qq.com ,联系电话:13899953791

GMT+8, 2017-9-25 19:38 , Processed in 0.309392 second(s), 29 queries .

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش