تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
دىلرام تورى»مۇنبەر ئەدەبىيات گۈلزارى ماقالە - ئوبزورلار بېل گايتىس قانداق خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ؟
تىزىملىككە قايتىش تېما يوللاش
كۆرۈش: 2151|ئىنكاس: 0

بېل گايتىس قانداق خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

236

تېما

241

يازما

925

جۇغلانما

ئالىي دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 4

جۇغلانما
925
20170411011832640.jpg

مىخ قېقىش

جاڭ جۈنشيا

     ئامېرىكا «مىكروسوفت» شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى بېل گايتىسنىڭ بايلىقى 6 مىليارد 700 مىليون دوللاردىن ئاشىدۇ. ئۇ كۈندىلىك ئىشلىرىنى ناھايىتى زىچ ئورۇنلاشتۇرىدىغان بولغاچقا، ئادەتتە ئۇنىڭ بوش ۋاقتى بولمايدۇ.

    بىر قېتىم ئۇ كاماندىروپكىدىن قايتىپ كەلگەندە، ئەمگەك كۈچى بۆلۈمىنىڭ بىر ئىسكىلات باشقۇرغۇچى قوبۇل قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدى. بىر قانچە قېتىملىق سىناقتىن كېيىن، پەقەت بەش ئادەم يۈزتۇرانە ئىمتىھان بېرىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى. ئۇلارنىڭ ئەمەلىي كۈچى بىر - بىرىدىن قېلىشمايتتى، شۇنداق بولغاچقا ئەڭ ئىقتىدارلىقىنى تاللاش بۇ ئىشقا مەسئۇل خادىم ئۈچۈن باش قاتۇرىدىغان مەسىلىگە ئايلاندى.

   - بۇ قىيىن مەسىلىنى ماڭا تاپشۇرۇڭلار، مەن ئۆزۈم يۈزتۇرانە ئىمتىھان ئالاي، - دېدى بېل گايتىس كەسكىنلىك بىلەن.

    ئۇ سىرتقا چىقىپ ئەتراپنى كۆزەتكەندىن كېيىن، بىر قانچە ئىشچىنىڭ بىر يىغىن زالىنى زىننەتلەۋاتقانلىقىنى، يەرگە نۇرغۇن سايمان تاشلاپ قويۇلغانلىقىنى كۆرۈپ، شۇ ھامان كاللىسىغا بىر ئەقىل كەلدى. ئۇ خىزمەتچىگە بەش بولقا بىلەن بەش تال مىخ تەييارلاشنى بۇيرۇپ، ئاندىن يۈزتۇرانە ئىمتىھانغا قاتناشقانلارغا مۇنداق دېدى:

  - ئەڭ ئاخىرقى ئىمتىھان سوئالىمىز ناھايىتى ئاددىي: بۇ مىخلارنى تامغا قېقىڭلار.

   كۆپچىلىك بېل گايتىسنىڭ مەقسىتىنى چۈشىنەلمىسىمۇ، بىراق يەنىلا بولقىنى ئېلىپ مىخنى ناھايىتى تېزلا قېقىپ بولۇشتى.

   ـــ ئىمتىھان ئاخىرلاشتى، - دېدى بېل گايتىس شۇ چاغدا، كۆپچىلىك ھاڭ - تاڭ بولۇپ بىر - بىرىگە قارىشىپ تۇرۇپ قېلىشتى.

   - ئەمەلىيەتتە مەن سىلەردىن كىچىككىنە سىناق ئېلىپ باقتىم. ئىسكىلات باشقۇرغۇچىسىنىڭ خاراكتېرى چوقۇم ئىنچىكە بولۇشى كېرەك. قاراڭلار، بۇ ئۆينىڭ تېمى ئەسلىدە قاردەك ئاپئاق ئىدى، بىراق مەن سىلەرگە بەرگەن ھەر بىر مىخ ۋە بولقىدا چاڭ - توزان بار، مىخنى قېقىشتىن بۇرۇن مەن ئاراڭلاردىكى بىر يىگىتنىڭ بىر ھەرىكەتنى ئارتۇق قىلغانلىقىنى كۆردۈم، ئۇ ئاۋۋال بولقا بىلەن مىخنى پاكىز سۈرتۈۋېتىپ ئاندىن قاقتى. ئەمدى قاراپ بېقىڭلار، باشقىلارنىڭ قاققان مىخى تامدا تولىمۇ كۆرۈمسىز ئىز قالدۇردى، پەقەت ئۇ يىگىت مىخنى قېقىپ بولغاندىن كېيىنمۇ، ئۇ مىخ قاققان يەر يەنىلا قاردەك ئاپئاق پېتى تۇرۇپتۇ، ئەمدى كىمنىڭ قوبۇل قىلىنغانلىقىنى بىلگەنسىلەر؟ - دېدى بېل گايتىس كۈلۈمسىرەپ.

    دېمەك، مىخ قېقىشتىن ئىبارەت بۇ كىچىككىنە سىناق كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچە بىر ئادەمنىڭ رىقابەتتە ئۇتۇش ياكى ئۇتتۇرۇشىنى بەلگىلىدى. تۇرمۇش ھەمىشە مۇشۇنداق بولىدۇ، بەزىدە كىچىك دەپ كۆزگە ئىلمىغان مۇھىم نۇقتىلار ياخشى پۇرسەتلەرنى نابۇت قىلىۋېتىدۇ. شۇڭا دەيمىز، پۇرسەت ئىنچىكە ھالقىلارغا دىققەت قىلىدىغان كىشىلەرگە تېخىمۇ كەڭ قۇچاق ئاچىدۇ.



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
تىزىملىككە قايتىش تېما يوللاش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

Archiver|يانفون|قاماقخانا|دىلرام تور بېكىتى  

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For Almizar.cn

تور بىكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، تور بىكتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز. تور بىكىتىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ مەدەنىيەتلىك تور مۇھىتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ! QQ:657458566 ، تېلېفۇن:13899953791

文明办网文明上网举报QQ657458566, 举报E-mail:657458566@qq.com ,联系电话:13899953791

GMT+8, 2017-11-20 05:23 , Processed in 0.383216 second(s), 29 queries .

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش