تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
دىلرام تورى»مۇنبەر جاھاندىكى ئىشلار ئىچكى خەۋەرلەر بايرىقىمىز روشەن، مەيدانىمىز مۇستەھكەم ھالدا ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ئۈلگىل
تىزىملىككە قايتىش تېما يوللاش
كۆرۈش: 1607|ئىنكاس: 0

بايرىقىمىز روشەن، مەيدانىمىز مۇستەھكەم ھالدا ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ئۈلگىل

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

561

تېما

581

يازما

1996

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

جۇغلانما
1996
ۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب» خوتەن ۋىلايىتىدىكى ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

بايرىقىمىز روشەن، مەيدانىمىز مۇستەھكەم ھالدا ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ئۈلگىلىرىدىن بولايلى


تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى خەۋىرى:

چېن چېن خەۋەر قىلىدۇ: خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى مۇھەممەت نىياز، خوتەن شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى رىشات مۇساجان، كېرىيە ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم غەيرەت يۇنۇس 3–ئاينىڭ 30–كۈنى چۈشتىن بۇرۇن زىيارىتىمنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كېرىيە ناھىيەسى جاي يېزىلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يېزا باشلىقى ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن يازغان ‹‹ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب››نىڭ مەنىسى ناھايىتى چوڭقۇر، تەھلىلى ئېنىق، ئەمەلىيەتكە ناھايىتى ئۇيغۇن، ئاساسى پۇختا، چوڭقۇرلۇققا ئىگە، ئۇنىڭدا ئۇيغۇر كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ يۈرەك ساداسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. بىز جەزمەن ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇنغا ئوخشاش باشتىن–ئاخىر بايرىقىمىز روشەن، مەيدانىمىز مۇستەھكەم، ئىچى–تېشىمىز بىردەك بولۇپ، ھەرقانداق ۋاقىتتا قەتئىي پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇشىمىز كېرەك.

مۇھەممەت نىياز مۇنداق دېدى: زوراۋان–تېررورچىلار ئۇيغۇر مىللىتىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، ئۇلار مىللەتنىڭ مۇناپىقلىرى، بارلىق خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. مەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي ئۈمىدىنى ئېسىمدە چىڭ ساقلاپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، زوراۋان–تېررورچىلارغا قارشى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، باش كۆتۈرگەن ھامان غەزەپ بىلەن ئەجەللىك زەربە بېرىپ، شان–شۆھرىتىمىز، ئادالەت ۋە خاتىرجەملىكنى قوغدايمەن.

رىشات مۇساجان مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ نۇرى ئاستىدا ئۆسۈپ يېتىلدىم، پارتىيەنىڭ تەربىيەسى، يېتىشتۈرۈشى ۋە غەمخورلۇقى بىلەن تەدرىجىي رەھبەرلىك ئورنىغا چىقتىم. پارتىيە غەمخورلۇق قىلمىغان ۋە يېتىشتۈرمىگەن بولسا، بۈگۈنكى كۈنۈم بولمايتتى. پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايمەن. مەن جەزمەن رولۇمنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئەقىل–پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇقىملىقنى قوغداش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇش، تۇرمۇشنى ياخشىلاشقا مۇجەسسەملەپ، خوتەن شەھىرىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشكە كۈچ قوشىمەن. رىشات مۇساجان قەتئىي ھالدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇنىڭدىن كېيىن مەن ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننى ئۈلگە قىلىپ، ئۇنىڭ قەتئىي سىياسىي مەيدانى، كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىكى، ئەمەلىي خىزمەت ئىستىلى، ئاددىي–ساددىلىقى، خەلققە مۇھەببەت باغلاش روھىدىن ئۆگىنىمەن. ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە باشتىن–ئاخىر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىشقا، مەسئۇل بولۇشقا، پوزىتىسيە بىلدۈرۈشكە جۈرئەت قىلىپ، تونۇشتا مۈجمەل بولماي، پوزىتسىيەدە قەتئىي بولۇپ، ھەرىكەتتە تەۋرەنمەي، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇپ، سىياسىي ئىنتىزام، سىياسىي قائىدىنى قىزىل سىزىق، تۆۋەن چەك قىلىپ، ئىچى–تېشى بىردەك بولۇش، سۆزى بىلەن ھەرىكىتى بىردەك بولۇشتا باشتىن–ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتىكى باشلامچىلاردىن بولۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدە ھەممىدىن بۇرۇن قارىشىم، مەيدانىم ۋە پوزىتسىيەمنى بىلدۈرىمەن.

غەيرەت يۇنۇس مۇنداق دېدى: كېرىيە ناھىيەسى ئۇيغۇرلارنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جاي، بۇ جايدىكى خەلق تۇرمۇشنى، تىنچلىقنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى قىزغىن سۆيىدۇ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەدىرلەيدۇ، قۇربان تۇلۇم دەل ئۇلارنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىلى. كۆپ يىللاردىن بۇيان پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە قېرىنداش ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ شىنجاڭغا، كېرىيە خەلقىگە قىلغان غايەت زور غەمخورلۇقى ۋە خالىس ياردىمى بولمىغان بولسا، كېرىيە ناھىيەسى نەدىمۇ بۈگۈنكىدەك كۈندىن–كۈنگە تەرەققىي قىلالىسۇن؟ كېرىيە خەلقىنىڭ نەدىمۇ بۈگۈنكىدەك بەختلىك تۇرمۇشى بولسۇن؟ شۇڭا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىدىن مەڭگۈ مىننەتدار بولۇشىمىز كېرەك! غەيرەت يۇنۇس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيەلىك ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداشتىكى بايراق، پارتىيەلىك كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ باشلامچىسى بولىمەن؛ پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈشكە ئالاقىدار سىياسەتلىرىنى ئاممىغا كۈچەپ تەشۋىق قىلىپ، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىپ، ئاممىنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئاممىنى پارتىيەنىڭ مېھىر–شەپقىتىنى بىلىش، پارتىيەدىن مىننەتدار بولۇش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش، مۇقىملىقنى قوغداشقا يېتەكلەپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى بوشاشماي كۈرەش قىلىمەن.


مەنبە: تەڭرىتاغ تورى


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
تىزىملىككە قايتىش تېما يوللاش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

Archiver|يانفون|قاماقخانا|دىلرام تور بېكىتى  

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For Almizar.cn

تور بىكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، تور بىكتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز. تور بىكىتىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ مەدەنىيەتلىك تور مۇھىتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ! QQ:657458566 ، تېلېفۇن:13899953791

文明办网文明上网举报QQ657458566, 举报E-mail:657458566@qq.com ,联系电话:13899953791

GMT+8, 2017-9-22 07:01 , Processed in 0.307222 second(s), 26 queries .

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش