تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
دىلرام تورى»مۇنبەر جاھاندىكى ئىشلار تەنتەربىيە دۇنياسى پورتۇگالىيە كوماندىسىنىڭ پۇتبول ساھەسىدىكى توپچىلارنىڭ بازار باھاسى
تىزىملىككە قايتىش تېما يوللاش
كۆرۈش: 2745|ئىنكاس: 0

پورتۇگالىيە كوماندىسىنىڭ پۇتبول ساھەسىدىكى توپچىلارنىڭ بازار باھاسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

602

تېما

622

يازما

2133

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

جۇغلانما
2133
ۋاقتى: 2016-12-18 21:05:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
1. رونالدو، خان مادرىد، 102 مىڭ فوندستېرلىڭ
20161218080404447.jpg
رونالدو دۇنيا  كۇلۇبلار لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە ئۆزىنىڭ500-توپىنى كىرگۈزۈپ بىر ئۇلۇغ ئابىدە تىكلىدى. رونالدو 2003-يىلى ئەنگىلىيەنىڭ مانچېستېر بىرلەشمە پۇتبول كۇلۇبىغا كىرگەن ھەم ئەنگلىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە چېمپىيون بولدى، ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى چېمپىيونى بولدى، دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقى قاتارلىق بىر قاتار مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، ئەنگلىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ <ئەڭ ياخشى مەرگەن> دېگەن نامىغا ئېرىشكەن، ياۋروپا ئەڭ ياخشى مەرگەن، ئەنگىلىيە پۇتبول ئەپەندىسى، دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى، ئالتۇن توپ مۇكاپاتى، ياۋروپا ئالتۇن ئاياغ مۇكاپاتى قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشكەن. 16-15 مۇسابىقە پەسلى ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئاخىرقى ئايلانما مۇسابىقىسدا خان مادرىد كوماندىسى قارشى تەرەپ مەيدانىدا ئىككى توپ كىرگۈزدى، شۇنىڭ بىلەن رونالدو بەش چوڭ بىرلەشمە مۇسابىقىسى تارىخىدا، تۇنجى ئۇدا ئالتە پەسىللىك مۇسابىقىدە 30 دىن ئارتۇق توپ كىرگۈزگەن توپچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

    2. نانى، مانچېستېر بىرلەشمىسى، 31 مىليون فوندستېرلىڭ
20161218080405290.jpg
   نانى ئافرىقىدىكى ئارال دۆلىتى يېشىل تۇمشۇقدا تۇغۇلغان، كېيىن ئاتا-ئانىسى بىلەن بىللە پورتۇگالىيەگە كۆچۈپ كەلگەن. 2007-يىلى 14 مىليون فوندستېرلىڭ باھا بىلەن ئەنگىلىيەنىڭ مانچېستېر بىرلەشمە پۇتبول كۇلۇبى بىلەن توختاملاشقان، ھەمدە 4 قېتىم ئەنگلىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونى، بىر قېتىم ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى چېمپىيونى ۋە بىر قېتىم دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى. نانى بىر كۈچلۈك ھەم مول ئىجادىي كۈچىگە ئىگە توپچى، تېخنىكىسى، سۈرئىتى ۋە توپ تالىشىش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك. ئۇ ئوڭ يان ھۇجۇمچى ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ، (لېكىن سول تەرەپتە پائالىيەت قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ)، ئەمما نانى كۆپ كىشىلەر تەرىپىدىن رونالدوغا ئوخشاش شان-شەرەپلەرگە ئېرىشەلەيدۇ دەپ قارىغان.

    3. مارىئو، خەلقئارا مىلان، 30 مىليون فوندستېرلىڭ
20161218080405660.jpg
  مارىئو جەمئىي پورتۇگالىيە تەنتەربىيە كۇلۇبىدا 14 يىل تۇرغان، كوماندا ئۈچۈن جەمئىي 171 قېتىم مەيدانغا چىققان ھەم كوماندا تارىخى ياراتقان. بۇ يىل يازدا ئىتالىيە ئا دەرىجىلىك زەردار كوماندا ھېسابلىنىدىغان خەلقئارا مىلان كوماندىسىغا 45 مىليون ياۋرو باھا بىلەن بەش يىللىق توختام تۈزگەن. بۇ يۆتكىلىش پورتۇگالىيە تارىختا يەرلىك ماھىرلار يۆتكىلىش باھاسىنىڭ يېڭى رېكورتىنى ياراتتى، ئۇ سانچېس، پېپې قاتارلىق توپچىلاردىن ئېشىپ كەتكەن.

    4. كارۋالخو، چېلسى، 25 مىليون فوندستېرلىڭ
20161218080405505.jpg
  ئۇ مۇكەممەل ئورۇن بەلگىلەش ئىقتىدارى ئارقىلىق داڭق چىقارغان. ئۇنىڭ يىراقنى كۆرەش ۋە ئۇنىڭ توپنى ئالدىغا ئېلىپ ئىلگىرلەش ئىقتىدارى ياخشى. مولىنھو بىلەن بىرلىكتە پورتۇ كوماندىسىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، 2004 - يىلى يازلىق يۆتكىلىش بازىرىدا بازىرى ئەڭ ئىتتىك بېك بولۇپ قالدى. دەرۋەقە، ئۇ خان مادرىد چاقىرىقىنى رەت قىلىپ، ئۇستازىنىڭ ئىزىنى بېسىپ، چېلسى كوماندىسىغا قوشۇلدى. قارشىلىشىش خاراكتېرى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان ئەنگلىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىگە تېز سۈرئەتتە ماسلىشىپ، مورىنھوغا ئۆزگىچە نەزەر بىلەن بېك سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى ۋە ئەينى ۋاقىتتا تېررى بىلەن ھەمكارلىشىپ ياۋروپا ئالدىنقى ئورۇندىكى بېكلاردىن بولۇپ قالغان.

    5. پېپې، خان مادرىد، 25 مىليون فوندستېرلىڭ
20161218080405978.jpg
   پېپې بۇ پورتۇگالىيە كوماندىسىغا ياردەملىشىپ ياۋروپا لوڭقىسى چېمپىيونلىقىغا ئېرىشتۈردى، ئۆزىمۇ ئەڭ ياخشى پۇتبولچى دەپ باھالاندى. پېپې ناھايىتى نۇرغۇن ئادەملەر تەرىپىدىن 21-ئەسىردىكى ئەڭ ياخشى ئۇتتۇرا بېك دېگەن نامىغا ئېرىشتى. كىشىلەر ئۇنىڭ پۇتى خۇددى باغلانغان، توپ تارتىۋېلىش ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقى ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ تېگىگە يەتكىلى بولمايدىغان تېخنىكىسىنى نامايان قىلدى، مۇكەممەل ھەم باتۇر تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، ئەڭ ياخشى ئورۇن ئىگىلەپ، پەم-پاراسەت بىلەن ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى دۇنياغا نامايان قىلدى.

    6. موتىنھو، پورتۇ، 25 مىليون فوندستېرلىڭ
20161218080405694.jpg
  موتىنھو بولسا، لىسبون ياشلار كوماندىسىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىلى. 2004-2005 مۇسابىقە پەسلىدە، ئەينى چاغدا ئەمدىلا 17 ياشقا كىرگەن موتېنھو بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسىدە كوماندىغا ۋاكالىتەن مەيدانغا چىققان. 2005-يىلى موتىنھو تۇنجى قېتىم پورتۇ كوماندىسىغا ۋەكىل بولۇپ پورتۇگالىيە لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە مەيدانغا چىققان. كېيىن پورتۇگالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسى ۋە ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە چېنىقىش ئارقىلىق، موتېنھو بارا-بارا توپ كوماندىسىنىڭ كوماندا باشلىقى بولغان. ئۇ كۇلۇب تارىخىدىكى ئىككىنچى كىچىك كوماندا باشلىقى بولغان.

    7. ۋېلھام كارۋالھو، لىسبېن ئاتېلىتكا، 25 مىليون فوندستېرلىڭ
20161218080405400.jpg
   ئارقا بەل ئورنىنى ئوينايدىغان كارۋالھو، ھازىر پورتۇگالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى لىسبېن ئاتېلىتكا كوماندىسىنىڭ ئەزاسى، بۇ يىل پورتۇگالىيە كوماندىسى بىلەن بىللە ياۋروپا لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى. ۋىلھام 2013-2014 مۇسابىقە پەسلىدە پورتۇگالىيە ئەڭ قارشى ئېلىنىۋاتقان داڭلىق يېڭى يۇلتۇز ئىدى. ئۇ شۇنداقلا لىسبېن ئاتېلىتكا كوماندىسىنىڭ گۈللىنىشتىكى ئۇلى ھېسابلىنىدۇ، 79 كىلوگرام كېلىدىغان ئۇ مەيداندا مەۋجۇت تۇيغۇسى بار، لېكىن بۇ پەقەتلا ئۇنىڭ بەدەن شەكلى، ئۇ ئاللىقاچان نۇرغۇن قېتىم مۇسابىقىدە ئوتتۇرا مەيداننى تولۇق كونترول قىلغان. ئۇ ئالدىن توغرا ھۆكۈم قىلىش، توسۇش ۋە رەقىبىڭنى چەكلەش ئىقتىدارى ئارقىلىق ناھايىتى تېز كۆزگە كۆرۈلگەن.
    8. گومېز، ۋالىنسىيا، 25 مىليون فوندستېرلىڭ
20161218080405542.jpg
    گومېز بۇ يىل يازدا يۆتكىلىش بازىرىدىكى ئەڭ قىززىق نۇقتىغا ئايلاندى، خان مادرىد بىلەن بارسېلونا كوماندىسى ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن قىزىرىشىپ يۈردى، ياۋروپا لوڭقىسى چېمپىيونى بولغاندىن كېيىن گومېز بارسېلونا كوماندىسىغا كىرگەن، 55 مىليون ياۋرو يۆتكىلىش باھاسى بىلەن توختام تۈزگەن، بۇنىڭ ئىچىدە مۇقىم يۆتكىلىش پۇلى 35 مىليون ياۋرو، يەنە 20 مىليون ياۋرو لەيلىمە يۆتكىلىش پۇلى بار.
    9. رېناتو سانچېس، بايرېن مىيونخېن، 25 مىليون فوندستېرلىڭ
20161218080405819.jpg
  بايرېن مىيونخېن يېقىندا كۇلۇب ئالمىشىش بازاردا نۇرغۇن رەقىبىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇزۇندىن بۇيان پورتۇگالىيەدە قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىپ كەلگەن ئادەتتىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇز رېناتو سانچېس بىلەن 5 يىللىق توختام تۈزگەن. ئۇ ھەم بېنفېكا كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 18 ياش 301 كۈن بىلەن كىرىستىيانو رونالدو ساقلاپ كەلگەن پورتۇگالىيە تارىخىدا ئەڭ كىچىك مەيدانغا چىققان رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى، ئۇ يەنە بۇ يىلدا ئۆزىنىڭ ناھايىتى ياخشى بولغان ئىپادىسى ئارقىلىق پورتۇگالىيە كوماندىسىنى ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلىقىغا ئېرىشتۈردى ھەم ئۆزىمۇ ياۋروپا مۇسابىقىسىدىكى قىممىتى ئەڭ زور توپچى دېگەن شەرەپكە ئېرىشتى.

    10. دېكې، بارسېلونا، 21 مىليون فوندستېرلىڭ
20161218080405498.jpg
2003-2004 مۇسابىقە مەزگىلىدە دېكى ئۆز كەسپىي ھاياتىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە يەتكەن، پورتودىكى 10 نومۇرلۇق توپچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دېكى توپ كوماندىسىنى بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى ۋە ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقوڭقىسى مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان. 2004 - يىلى دېكى بارسېلونا 20 مىليون ياۋرو يۇقىرى باھا بىلەن ئۇنى سېتىۋالغان، دېكې شۇنداقلا بارسېلونا ئارىدىن 6 يىل ئۆتۈپ ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشىدىكى زور تۆھپە قوشقان توپچى ھېسابلىنىدۇ.




ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
تىزىملىككە قايتىش تېما يوللاش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

Archiver|يانفون|قاماقخانا|دىلرام تور بېكىتى  

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For Almizar.cn

تور بىكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، تور بىكتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز. تور بىكىتىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ مەدەنىيەتلىك تور مۇھىتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ! QQ:657458566 ، تېلېفۇن:13899953791

文明办网文明上网举报QQ657458566, 举报E-mail:657458566@qq.com ,联系电话:13899953791

GMT+8, 2017-11-20 05:35 , Processed in 0.402173 second(s), 29 queries .

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش