تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
دىلرام تورى»مۇنبەر ئەدەبىيات گۈلزارى ئەدەبىي ئەسەرلەر «پاھىشە»نىڭ مۇھەببىتى
تىزىملىككە قايتىش تېما يوللاش
كۆرۈش: 5427|ئىنكاس: 0

«پاھىشە»نىڭ مۇھەببىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

499

تېما

529

يازما

1959

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
1959
گۈليارە تۇرسۇن

20130522122817104.jpg

-مۇشۇنداق قىزلار نېمىنى ئويلايدىغاندۇ-ھە؟! يا ئۆزىگە يا ئۆزگىگە نەپ تەگمەيدىغان مۇنداق قىزلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى قانداق ئادەمدۇر، دەيمەن؟!- دېدىم ساقچى ساۋاقدىشىمنىڭ ماشىنىسىدا ئولتۇرۇپ ساۋاقداشلار يىغىلىشىدىن قايتقاندا رېستۇران مېھمانخانىسىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا دوقۇرۇشۇپ قالغان «قىزلار»نىڭ گېپىنى دېيىشىپ.

-ئۇنداق دېمەڭ، زىبا، تېشىغا قاراپ باھا بەرگىلى بولمايدۇ ھازىرقى ئادەملەرگە. بولۇپمۇ مۇشۇنداق «قىزلار»غا!

-ۋوي، بۇنداقلارغا باھا بېرىپ بەرمەي نېمە كەپتىكەن ئەمدى؟!-دېدى ئارقا ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان بۈدرە چاچلىق ساۋاقدىشىمىز ئېلدانە. ئۇ ئوقۇش پۈتتۈرۈپلا توي قىلىپ بولغانىدى،- مەخسۇس ئائىلىسى بار ئادەملەرنى يولدىن چىقىرىدۇ بۇ خەق! جەمئىيەتكە يۈك، ئاپەت بۇلار، سىلەر ساقچىلارمۇ مۇشۇنداقلارنى تۇتماي ياخشى ئادەملەرنى تۇتىدىكەنسىلەر زادى!- دەپ سەل كۆپجىدى ئېلدانە.

-ھاي ھاي ... –دېدى ساقچى ساۋاقدىشىمىز ئاراپات ئېلدانەگە قاراپ قويۇپ،- بىز قانداق ئادەملەرنى تۇتىمىز؟ بىلەمسىز؟ بىلمەيسىز! ئۆزىگە پايدا، خەققە زىيان يەتكۈزۈپ، ئۆزگىلەرگە ئاپەت كەلتۈرىدىغانلارنى جازالايمىز. ئەمما بۇنداقلار ئۆزىدىن باشقا ھېچكىمگە زىيان كەلتۈرەلمەيدۇ ئاقىۋەت!

-ۋوي ۋوي،-دېدىم مەن ئاراپاتنىڭ گېپىنى بۆلۈپ، بۇ نېمە ئىش ئەمدى ساقچى جانابلىرى، بەك يان بېسىپ كەتتۇققۇ؟! ئەخلاق، غورۇر توغۇرلۇق ئېغىز ئاچسىڭىز، بىزنى قاتتۇرۇپ قۇيۇپ سۆزلەيدىغان ئادەم نېمە بولدىڭىز ئەمدى؟! يا بىرەر «قىزچاق» ....

-ئاغزىڭىزغا كەلگەننى بۇنداق چاينىماي دەۋەرمەڭ، زىبا. دۇرۇس، بۇرۇن مەنمۇ سىلەردەك مۇشۇنداق يىرگىنەتتىمغۇ بۇلاردىن. ئەمما مۇشۇ تەربىيەمۇ، مۇشۇنىڭ ئۆزى ئۆزگەرتىشمۇ شۇلارغا نىسبەتەن ئەمدى. ھەممە ئادەمنىڭ ئاتا-ئانىسى «ئاتا-ئانا»دەك بولىۋەرمەيدىكەن. شۇڭا بۇنداق قىزلارنىڭ بەزىلىرى ئائىلە تەربىيىسىدىن شۇنداق يولغا كىرىپ قالىدىكەن، ھەتتا بەزىلىرى ئاتا-ئانىسىنىڭ شۆھرەتپەرەسلىكىنىڭ قۇربانى بولۇپ قالىدىكەن.. ھەي.. بۇنى دېسەم چۈشەنمەيسىلەر.... ئىچىم ئاچچىق بولۇپ قالىدىكەن،- دەپ قاپىقىنى تۈرگىنىچە ئالدىغا قاراپ ماشىنىنى ھەيدەۋەردى ئاراپات. ئادەتتىمۇ كەمسۆز، ئېغىر-بېسىق، تۈگمەن تېشىدەك مىجەزلىك بۇ ساۋاقدىشىمىز ئوغۇللار ئارىسىدىلا ئەمەس، قىزلارنىڭ ئىچىدىمۇ خېلى بەك ئابرۇيى بار ئىدى. ئۇنىڭ ھازىرقى بۇ جىددىي، غەمكىن ھالىغا قاراپ بۇنىڭ كەينىدە چوقۇم بىر ئىشنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلىپ قالدىم.

ئۆيگە كېلىپمۇ ئۇنىڭ شۇ «كوچا قىزلىرى»نىڭ گېپىنى قىلغاندىكى چەكسىز ھېسداشلىقى ھەتتا بىر خىل يوشۇرۇن قوغداشلىرى مېنى ئويلاندۇردى. ئاراپات ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتى خېلى ياخشى، نېمە گەپ بولسا ئۆز-ئارا دېيىشىمىز، گەرچە ئارىمىزدا مۇھەببەت بولمىسىمۇ، ئەمما شۇنىڭغا يېقىن بىرخىل يېقىنلىق ھېسسىياتى بار. شۇڭا ئۇنىڭ بۈگۈن شۇ قىزلار ئۈچۈن ماڭا خېلى قاتتىق تېگىشلىرى مېنى خىيالغا سالغانىدى.

«ئەتە سىز بىلەن كۆرۈشكەندە سىزگە بىر ھېكايە ئېيتىپ بېرىمەن، بۈگۈن كۆپ ئويلىماي ئۇخلاپ قېلىڭ!» دەپ ئۇچۇر قىلدى ئۇ ئۆيىگە بېرىپ.

ھېكايە؟ قىززىق! ئاراپات ئەزەلدىن ئەدەبىي ئەسەر بىلەن خۇشى يوق. ھەتتا ھېسسىياتلىقراق بىرەر ئېغىز گەپنى دەپ سالسىڭىزمۇ، سىزگە تازا تىكىلىپ كېتىپ، نورمال پاراڭ قىلايلى، مۇنداق زاغرا تىلىدا دەپ قوياتتى. مەن ئۇنىڭ بۇ خاراكتېرىنى ئۇنىڭ كەسپى بىلەن باغلاپ توغرا چۈشىنەتتىم. چۈنكى قانۇنغا ھېسسىيات ئارىلاشتۇرغىلى بولاتتىمۇ، دەيسىز؟ ئەمما ئۇنىڭ ماڭا  بۇنداق سىرلىق قىلىپ ھېكايە ئېيتىپ بېرىمەن دېيىشى مېنى تېخىمۇ ئويغا سالدى. چۈنكى ئۇ ئەزەلدىن نېمە بولسا شۇنى دەيدىغان بالا ئىدى. ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ ئۇخلاپ قالدىم.

-ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، مەمۇرلۇق ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ، ساقچى بولغىنىمغا بەش يىلدىن ئېشىپتۇ، بەش يىلنىڭ ئالدىنقى ئىككى يىلى ئالاھىدە ساقچى بولغان بولساممۇ، جىنايى ئىشلار ساقچىسى بولغان بۇ ئۈچ يىلدىن ئوشۇق ۋاقىت ئىچىدە، كۆرمىگەنلىرىم ئاز قالدى، دېسەم لاپ بولماس. دېدى ئاراپات ئۆزىگە ئوخشىمايدىغان بىر تەلەپپۇزدا.

ئۇنىڭغا قاراپ ئولتۇردۇم. ئۇ ئالدىدىكى لىمون سۈيى قۇيۇلغان ئىستاكاننى ئۇياق-بۇياققا پېرقىرىتىپ ئالدىرىماي، ۋەزىن بىلەن سۆزلەۋاتاتتى.

-قىسقىسى، ھەرخىل ئادەملەرنىڭ ئىچىدە كۆرگەن ھەرخىل قىزلار مېنى بەك توڭدۇرۋېتەتتى. بەزىلىرى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان، ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلاي دېسىڭىز، ئۇلارنىڭ مۇددىئالىرى توغرا ئەمەس، قانۇن بويىچە ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىپ، ئۇلار ئۇچرىغان زىيانكەشلىكنىڭ جازاسىنى بېرەلىسەكمۇ، شۇ قىزلارنىڭ كۆڭلىدىكى شۇملۇققا كىم جازا بېرەر، دەپ ئويلايتتىم. مۇشۇنداق چامىم يەتمەيدىغان ئىشلارنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم دەپ خېلى خاتىرجەم بولۇپ قالىمەن بەزىدە، ھېلىمۇ شۇ بىر ياراتقۇچىمىز بولۇپ قاپتىكەن، بولمىسا ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن شۇ تەڭسىزلىكلەرنىڭ ئارىسىدا ئۆز گۆشۈمنى ئۆزۈم يەپ قوياتتىم جۇمۇ، زىبا؟!

ئۇ سەل ھاياجانلىنىپ قالدى، ئەزەلدىن قېنى «سوغۇق» بۇ ساۋاقدىشىم مېنى داۋاملىق ھەيران قالدۇرماقچى بولغاندەك يەنە شۇ ئۆزگىچە ۋەزىندە سۆزنى داۋاملاشتۇردى.

-يەنە بەزى قىزلار بار، بىز بىلەن مۇئامىلىدار بولۇپ قالىدىغان. ئەلۋەتتە سىلەر دېگەن شۇ «كوچا قىزلىرى». بۇ قىزلارنىڭ ھادىسىسىمان جىنايەتلىرىنى بىز كۈچىمىز بىلەن جازالايمىزيۇ، مۇشۇ ئۇلارغا قىلغان «ياخشىلىقىمىز» ھېسابلىنىپ قالىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى جاراھەتچۇ؟ ئۇلارنىڭ ئاق كۆڭۈل، تۈز، كىشىگە يامانلىق سانىمايدىغان ساددا خاراكتېرىچۇ؟ بۇلارنى كىم ئېتىراپ قىلىدۇ؟ ئۇلار پاھىشە بولۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈنلا، جازاغا تارتىلىپ، مۇھەببەتتىن مەھرۇم بولۇپ قالسا بولامدۇ؟ شۇ ئېسىل سۈپەت، ئەخلاق-پەزىلەتلىك قىزلارنىڭ، كۆڭلىدىكى كىشى بىلمەيدىغان ناچار خاراكتېرلار، تەكەببۇرلۇقلار، پوچىلىقلار، ناشۈكرىلىكلەرنىڭ جازاسىنى بېرەلمەيمىزيۇ، بۇ كوچا قىزلىرىنىڭ قەلبىدىكى شۇ پىل-پىل قىلىپ يېنىپ قالىدىغان مۇھەببەت ئۇچقۇنىغا مۇز تاڭىمىز!

-زادى نېمە ھېكايە، ئاراپات!-دېدىم چىداپ بولالماي ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلۈپ. ئۇنىڭ بىردىنلا  بۇنداق ۋولقاندەك تېشىپ-يېنىپ سۆزلەپ كېتىشىنى مەن پەقەتلا ئويلىمىغانىدىم.

-مەسىلەن، سىز زىبا، -دېدى ئۇ بۇرۇنقىدەك تەمكىن ھالىتىگە قايتىپ،- سىزنىڭ ھازىر ئاتا-ئانىڭىز يوق، يۆلەنچىكىڭىز يوق، ھەتتا دوستىڭىز، ساۋاقداشلىرىڭىز يوق، ئۇلار سىزنىڭ قىلىۋاتقان كەسىپلىرىڭىزدىن يىرگىنىپ سىزدىن قېچىپ كەتكەن بولسا، سىز قانداق بولاتتىڭىز؟ كەچۈرۈڭ، بۇنداق دېمىسەم  بولاتتى، ئەمما سىلەر قىزلار باشقىلارغا باھا بېرىشكە شۇنداق ئۇستىكەنسىلەركىن، خۇددى سىلەر تۇغۇلۇشۇڭلاردىن مۇشۇنداق پاك، ئۇلار تۇغۇلۇشىدىن شۇنداق مەينەت تۇغۇلۇپ قالغىنىدەك.

بېشىمنى قىيسايتىپ ئۇنىڭغا قارىدىم. ئۇ ئىستاكاندىكى لىمون سۈيىنى گۈپپىدە ئىچىۋېتىپ، ماڭا قاراپ كۈلۈپ قويدى.

-ماقۇل، مەن دەي!

ئۇنىڭ ھېكايىسى بىر پاھىشە قىز بىلەن باشلاندى.

ئۇ قىزنى تۇنجى كۆرگىنىمدە،- دېدى ئۇ كۆزلىرىنى سەل قىسىپ، شۇ قىزنى ھېلىھەم كۆرۈۋاتقاندەك ھېسسىياتتا،- ساراڭمىكىن دەپ قالغانىدىم، شۇ كۈنى ھاۋا بەك ئىسسىق، ئىشخانىدا ھەمىمىز جىددىي دېلو خاتىرىلەپ ئالدىراش ئىدۇق. بۇ قىز، بويى 1 مېتىر 65 سانتىمېتىرلا كېلىدىغان، پۇتىدا قىزلار دائىم كىيىۋالىدىغان ھېلىقىدەك چۇخەيچۇ، ھە، شۇ. قىزىل يوپكا، ئاق مايكا. چاچلىرى مۇنداقلا قىلىۋالغان، يۈزلىرى سارغۇچ، روھسىز بۇ قىز ئىشخانىغا ئالدىرىماي كىرىپ كەلدى. بىلىسىز، بىزنىڭ ئىشخانا ئالتىنچى قەۋەتتە، لېفىت يوق. بىز دائىم ئىشخانىغا چىققۇچە ھەسىرەپ –ھۆمۈدەپ كېتىمىز، ئەمما بۇ قىز خۇددى سالقىن كەچتە، ئالدىرىماي مېڭىپ سەيلە قىلىۋاتقان ئادەمدەك بەخۇدۈك كىرىپ كەلدى. ئەھۋالدىن قارىغاندا، پەلەمپەيدىنمۇ مۇشۇنداق ئالدىرىماي، ئېزىلىپ-سالپىيىپ چىققان بولسا كېرەك. بىر نەچچە يېڭى كەلگەن بالىلار بۇ قىزدىن گەپ سورىدى.

-باسقۇنچلۇققا ئۇچرىغانلار مۇشۇ يەردە دېلو مەلۇم قىلامدۇ؟- دەپ سورىدى ئۇ قىز ئالدىرىماي، سوزۇپ ئەركىلىگەندەك بىر ئاھاڭدا، قىزنىڭ تەلەپپۇزىنى ئاڭلاپلا جان-جەھلىم تۇتتى،-دە، مۇنداق بىر قاراپ قويدۇم. ئۇ قىزنىڭ چىرايىدىن باسقۇنچلۇق دېلوسىنى مەلۇم قىلغىلى ئەمەس، بىرەر مەيدان ئۇيۇننىڭ بېلىتىنى سوراپ كىرگەندەك قىلاتتى. بىز سىرتقا جىددىي بىر ئىش بىلەن چىقماقچى بولۇپ تۇراتتۇق، بۇ خېنىمنىڭ بۇنداق ۋاقىتتا ئەزمىلىك قىلىپ تۇرۇشى نېرۋامغا تەگدى. بۇنداق قىزلارنى مەن ئوبدان بىلەتتىم. بۇنداقلار ئۆزى يولدىن چىقىپ ئويناپ خېلى ئىش قىلسا گەپ يوق، بىرەرسى چىشىغا تېگىپلا قالسا شۇلارنىڭ ئۈستىدىن ئەرز ئېيتىپ مۇشۇ يەرگە كېلىدۇ. شۇڭا بۇ قىزنىڭ گېپى ئۈچۈن ئىشىمىزنى ئاسقاتقۇم كەلمىدى.

-ھە، مۇشۇ يەرشۇ، قارىسام ئالدىرىمىغاندەك قىلىسىز، ھېلىراق دەڭ ئەمىسە، بىزنىڭ ئىشىمىز ئالدىراش،- دېدىم ئۇ قىزغا قاراپ، ئاندىن يېڭى كەلگەن بالىلارنى يېڭىدىن قولىمىزغا ئالغان جىددىي بىر دېلوغا مۇناسىۋەتلىك ئادەملەرنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن باشقا ياققا بۇيرۇدۇم. دېلونىڭ جىددىيلىچىقىدا ھېلىقى قىزنىڭ يەنە بىر ئىشخانىدا بىزنى ساقلاۋاتقانلىقىنى ئۇنتۇپلا قاپتۇق. بىردەمدىن كېيىن بىر نەرسىنى ئېلىش ئۈچۈن، سوراق ئىشخانىسىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىشىمغىلا، كىرىسلودا يۆنىلىپ ئۇخلاپ قالغان قىز چۆچۈپ كەتتى، ئۇنىڭ قولىدا بىزنىڭ ئىشخانىنىڭ شۇ كۈنلۈك گېزىتى تۇراتتى، ئۇنىڭغا مۇنداق قاراپ قۇيۇپ، چىقىپ كېتەي دېيىشىمگە ئۇ گەپ قىلىپ قىلدى:

-ساقچى، مەن... مەن قاچان مەلۇم قىلىمەن؟- دېدى ئۇ تەمتىرىگەندەك بولۇپ.

-ھازىر بالىلار يوق. شۇلار كەلگەندە دەڭ! ئۇخلىماڭ ھە؟! ئۇخلايدىغان يەر ئەمەس بۇ!- تازا ئاچچقىقىمنى چىقىرىپ دەۋالماقچى بولۇپ سۆزلەۋاتاتتىم، ئۇ تۇيۇقسىز گېپىمنى بۆلدى.

-باسقۇنچلۇق دېلوسى بەك مۇھىم ئەمەسما؟ سىز نېمىدەپ سورىمايسىز؟ سىز ساقچى ئەمەسمۇ-يا؟

ئۇنىڭدىن بۇنچىلىك گەپ چىقىشىنى كۈتمىگەچكىمۇ، كەينىمگە بۇرۇلۇپ ئۇنىڭغا زەھىرىم بىلەن تىكىلدىم. ئەمما ئۇ قىز، شۇ پېتى، خۇددى يەسلىدىكى كىچىك بالىلار مۇئەللىمىدىن سۇئال سوراۋاتقاندەك شۇنداق تەبىئىي ھالدا ئىدى.

-ھىم... سىلەرنىڭ باسقۇنچلۇققا ئۇچرىغىنىڭلار بىلەن ئۇچرىمىغىنىڭلارنىڭ نېمە پەرقى. بۇنداق ھەممىسىنىلا ئەرز قىلىپ كەلسىڭىز، بىز ساقچىلار باشقا ئىش قىلماي سىز خېنىمنىڭ دېلوسىنىلا ئىشلىسەك بولىدۇ، تېخى ئىززا تارتماي دەۋاتقان گېپىنى!- دەپلا زەردە بىلەن ئىشىكنى يېپىپ چىقىپ كەتتىم.

بىردەمدىن كېيىن ئۇ قىزدىن ئەھۋال ئىگىلەشكە يېڭى بىر شاگىرت ساقچى بىلەن بىللە كىردىم. ئۇ يەنە شۇ پېتى شۈك ھالدا ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ بۇ ھالىتى ھەرگىزمۇ پاھىشىلەرگە ئوخشىمايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قىزنىڭ ئۈستىدىكى سەھرا قىزلىرىدەك بىرخىل تەبىئىيلىك، ئاددى-ساددىلىق، ھەشەمدىن نېرىلىق ئۇنىڭ چىرايىنىڭ ئادەتتىكىدىنمۇ بەك ئادەتتىكى (شۇ چاغدىغۇ، بۇنداق سەت قىزلارمۇ پاھىشە بولىدىكىنا؟ دەپ ئويلاپ قالغانىدىم) چىرايى قوشۇلۇپ، كىشىنى بۇ قىز ئۈستىدە باشقىچە بىر خىيال قىلىشقا ئىمكان قالدۇرمايتتى. شۇنداقتىمۇ شاگىرتىمغا دېلونى خاتىرىلەشنى شەرەت قىلىپ، گەپ سورىدىم.

-ئىسىمىڭىز؟

-ھۆرەم.... ئۆزگەرتكەن ئىسمىم ھۆرنىسا!

ئىسمىمۇ ئۆزىگە ئوخشاش بەك ئاددىي ئىسىم ئىدى، ئۆزگەرتكىنىمۇ شۇ.

-يېشىڭىز؟

-25 ياش

-كەسپىڭىز؟

ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ ماڭا لەپپىدە بىر قاراپ قويدى. (بۇنداق چاغلاردا بىز سوراق قىلغان باشقا پاھىشىلەر يالغان دېگەننى قۇيۇۋېتەتتى، دۇكان ئاچىمەن، ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى، كىيىم تىكىمەن، گىرىم ساتىمەن... دېگەنلەرگە ئوخشاش. بىزمۇ شۇلارنى ئايىغاچ، توغرىسى ئۆزىمىزنى چارچاتماسلىق ئۈچۈن شۇ پېتى يازاتتۇق) ئەمما بۇ قىزنىڭ كۆزلىرىدىن شۇنداق بىر راستچىللىق كۆرۈنۈپلا تۇراتتى.

-شۇ...

-نېمە كەسىپ؟ دەۋاتىمەن!

-پاھىشە...

ئۇنىڭغا قاراپ قويدۇم. كۆڭلۈم تۇيۇقسىز يېرىم بولۇپ قالدى.

-بىلەمسىز؟ مۇشۇ گېپىڭىز ئۈچۈنلا دېلو مەلۇم قىلغىلى كەلگەن پۇقراغا ئەمەس، دېلو سادىر قىلغان جىنايەتچىگە ئايلىنىسىز!- دېدىم ئىچ ئاغرىتىش، ئاغرىنىش، تېرىكىش تۇيغۇلىرى ئارىلاشقان بىر تەلەپپۇزدا.

-ھە؟!

ئۇ چۆچۈپ بېشىنى كۆتۈردى-يۇ، يەنە پەسكە قاراپ ئۆزى ئاڭلىغۇدەكلا دېدى.

-ئەمما، ئاخشام مەن خالىمىغان. ئۇلار.....

ئۇلار، دېگەننى ئاڭلاپ، بۇ قىزغا ھەقىقەتەن بىرەر ئىش بولغان ئوخشىمامدۇ، دەپ ئويلاپ ئۇنىڭغا ۋەقەنى سۆزلەش دېدىم..

-تۈنۈگۈن مەن،- دەپ گەپ باشلىدى بۇ قىز يەنە بېشىدىكى شۇ خىيالىلىقى بىلەن، يەنە تۇرۇپلا ئۇنىڭغا ئۆچ بولۇپ قالدىم،- *** مېھمانخانىسىدىن چىقىپ، بىر قارا ماشىنا توسىغانىدىم. ئىچىدە تۆت ئادەم بار ئىكەن، شۇنداقتىمۇ بىرەر ئىش بولماس دەپ چىقتىم. ئەمما ئۇلار مېنىڭ ئۈستى-بېشىمغا قاراپ،  بىر نەرسىلەرنى دېيىشىپ، قاراڭغۇ يەرگە بارغاندا ماشىنىدىن تارتىپ چۈشۈردى. ئاندىن.. ئاندىن ئۇلار ماڭا باسقۇنچلۇق قىلدى.

ئۇ جىم بولۇپ قالدى. ۋەقەنى بۇنچە ئاددىي بايان قىلىشى مېنى تېرىكتۈرۈپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدىن بىر مۇنچە سۇئاللارنى سوراشقا باشلىدىم.

-سائەت نەچچىدە؟

-10 لار ئەتراپىدا.

-قەيەردىن چىققان ماشىنىغا؟

-بېيجىڭ يولىدىن

-ماشىنىدا تۆت ئادەم بولسىمۇ چىقىۋەردىڭىزما؟ قورقمىدىڭىزما؟

-ياق. ئادەملەردىن، بولۇپمۇ ناتونۇشلاردىن قورقمايمەن.

ئۇ قىز خامۇش بىر ھالەتتە ئولتۇرۇپ سورىغان سۇئاللىرىمغا چاقچاق، مۇبالىغە، ھېچقانداق سىر يوشۇرماي ئېنىقى بىلەن جاۋاب بېرىۋاتاتتى.

-ماشىنىنىڭ نومۇر تاختىسىنى كۆرەلىدىڭىزمۇ؟

-ھەئە... كۆپ رەڭلىك ماشىنا. ماشىنا نومۇرى ******

-ھىم... .دېلو نەدە يۈز بەردى؟

-مۇشۇ يولنىڭ ئالدىدىكى قايرىلما يەردىكى بىنانىڭ كەينىدە

-ئۇلارنى كۆرسىڭىز تونۇيالامسىز؟

-ھەئە. ئۇلارنى ئەتىگەن ياقى ئويلاپ سىزىپمۇ باقتىم. ئەمما بىرسى پەقەت ئېسىمگە كەلمىدى،- دېگىنىچە ئۇ سومكىسىدىن تۆت قاتلانغان قەغەزنى چىقاردى. بىر باسقۇنچلۇققا ئۇچرىغان قىزنىڭ ئۆزىگە باسقۇنچلۇق قىلغان كىشىلەرنىڭ سۈرىتىنى، دېلو يۈز بېرىپ 24 سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە خىيالىدىكى ئەسلىمىگە تايىنىپ سىزىپ چىقىشى ئۈچۈن قانچىلىك چوڭ پىسخىكا غەيرىتى كېتىدىغانلىقىنى مەن بىلەتتىم. رەسىم شۇنداق ئۆلچەملىك سىزىلغان. بىزنىڭ دېلودا ئىشلىتىشىمىزنىڭ ئكلچىمىگە چۈشۈپ ئېشىپ كېتەتتى. شۇنداقتىمۇ بۇ قىز بۇرۇن سىزىۋېلىپ باشقىلارغا تۆھمەت قىلىپ يۈرمىسۇن دەپ، قەغەزدىكى قەلەم ئىزلىرىنى تەكشۈرۈتتۈم. ھەقىقەتەن سىزىلغىنىغا نەچچە سائەتلا بولغان رەسىم ئىكەن. بۇ قىزنىڭ سىزغان پورتېرت رەسىمى ھەممىمىزنى ھەيران قالدۇردى. بىز بەزىدە بۇنداق رەسىملەرنى گۇۋاھچىلار سۈرەتلەپ بەرگىنىگە ئاساسەن داڭلىق رەسساملارغا سىزدۇرۇپ كېلىپ دېلو ئىشلەيتتۇق. شۇڭا بۇ قىزغا بۇ جەھەتتە قايىل بولماي تۇرالمىدىم.

-ئىسىملىرىنىچۇ؟ بىلەمسىز؟

-ياق. بىر-بىرىنى ھەي دەپلا چاقىردى.

..... شۇنداق قىلىپ دېل مەلۇم قىلىش تۈگىدى. بىز بۇ يىپ ئۇچىغا تايىنىپ ئۇلارنى بىردەمدىلا تېپىپ كېلەلەيتتۇق. شۇنداقتىمۇ قىزنى بۈگۈن قايتىپ كېتىپ ئەتە كېلىشكە بۇيرۇدۇم. ئۇ ئىشىكتىن چىقىپ كېتىپ بېرىپ ماڭا ئاستا دېدى.

-مەنغۇ مۇشۇ ئىشلا ـــ باسقۇنچلۇقلا بولغان بولسا دېلومۇ مەلۇم قىلىپ، سىلەرنىڭ ئىشىڭلارنىمۇ ئاقساتمايتتىم. ئۇلار مېنىڭ پورتمالىمنى، يانفونۇمنى ۋە بىر دانە زەنجىرىمنى ئېلىۋېلىشتى. ئاندىن يەنە ئۆيۈمگە ئەكىلىپ قۇيۇپ كېتىپ قالغانىدى...

بۇنى ئاڭلاپ، ئەسلىدە پۇلۇڭ يوقالغاچقا كەپتىكەنسەندە؟! دەپ چىشىم غۇچۇرلىدى. ئەمدى مۇشۇنداق قالدۇقلارنىڭمۇ ھوقۇقىنى قوغدايمىز دەپ خىزمىتىنى قىلىپ يۈرسەك-ھە؟! دەپ ئويلاپ ئىچىم ئېچىشتى. شۇنداقتىمۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئىشىغا ھېسسىيات ئارىلاشتۇرغىلى بولمايتتى. ئۇنىڭدىن بۇ توغۇرلۇق تەپسىلاتلارنىمۇ خاتىرىلىۋالدۇق. ئاندىن ئۇ كەتتى.

ئاراپات ئىستاكانىغا لىقلانغان لىمۇن سۈيىدىن بىر ئوتلام ئىچىۋېلىپ گېلىنى قىرىپ قويدى. مەن بۇ ئادەتتىكى ھېكايىلەردىن قىلچە پەرقى يوق ھېكايىنى سۈكۈت ئىچىدە ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا قاراپ ئولتۇراتتىم.

-ئۇ قىز دەپ بەرگەن ئۇچۇرلار بىلەن ئۇ تۆتىنى ئاسانلا تېپىپ ئەكەلدۇق. سۇئال-سوراقتىن كېيىن، ئۇلارمۇ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالدى. قىزنىڭ نەرسىلىرىنى تاپشۇرۇپ بەردى. ئۇ قىز يەنە شۇنداق بىغەم، ھاڭۋاقتى قىياپەتتە نەرسىلىرىنى ئېلىپ كەتتى، رەھمەت دەپ ھەممىمىزگە، ھەتتا ھېلىقى جىنايەتچىلەردىن پورتمالىنى تاشلىۋەتمىگىنىگىمۇ رەھمەت ئېيتتى. ئاندىن قايتىشىدا، بىزدىن بۇلارنى قۇيۇۋېتىشىمىزنى، ئۇلارنى سولاپ قويسا ئۆزىگە ھېچقانداق پايدىسىنىڭ يوقلۇقىنى دېدى، ئۇ يەنە تېخى:

-تۈنۈگۈن ماشىنىدا كېتىۋاتقىنىمدا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرىنىڭ ئانىسىنىڭ ئاغرىق ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ قالغانىدىم، ئۇلارنى قۇيۇۋەتسەڭلار بوپتىكەن، پورتمالىمدىكى بىر پارچە سۈرەتنى دەپلا مەن... مەن ... شۇڭا دېلو  مەلۇم  قىلغان،- دېدى ئۇ ھودۇقۇپ.

ئۇ قىزغا ئالىيىپ قاراپ قويدۇم.

-كېتىڭ! بولدى، بۇ ئىشلارغا ئارىلاشماي ئۆزىڭىزنىڭ يولىنى توغرا ماڭسىڭىزلا بولىدۇ!- دېدىم قولۇمنى كېتىشكە ئىشارە قىلىپ سىلكىپ تۇرۇپ.

ئارىدىن خېلى بىر كۈنلەر ئۆتكەندىن كېيىن، ئىشخانىدا چۈشلۈك دەم ئېلىشتا ئۇخلاۋاتاتتىم، بالىلاردىن بىرسى يۈگرۈپ كىردى.

-ئاكا، سېنى بىرسى ئىزدەپ كەپتۇ، بولە چاققان!- دەپ كۈلۈپ تۇرىدۇ. چاقچاق قىلىۋاتامدىكىن دەي دېسەم، بۇلار مەندىن ئەيمىنىپ ھەرگىز بۇنداق ئىش قىلمايدۇ، شۇڭا كىمدۇر، دەپ يەنە  بىر ئىشخانىغا چىقىپلا تاس قالدىم كەينىمگە ئۇچۇپ كەتكىلى! ئاشۇ قىز، ھېلىقى پاھىشە! مېنى ئىزدەپ كەپتۇ!

-دېلو مەلۇم قىلسىڭىز، مۇشۇلاردىن قايسىسىغا دېسىڭىز  بولىدۇ،-دەپ كەينىمگە ئۆرۈلۈپ مېڭىشىمغا ئۇ گەپ قىلىپ قالدى:

-ياق! مەن... مەن سىزنى ئىزدەپ كەلگەنىدىم.

كەينىمگە بۇرۇلۇپ  ئۇنىڭغا قارىدىم. ئەتراپىمدىكى بالىلارنىڭ پىخ-پىخ كۈلۈشلىرى جېنىمغا تەگدى. شۇنداقتىمۇ ئۆزۈمنى بېسىۋېلىپ سورىدىم.

-خوش، نېمە ئىش بىلەن؟

ئۇ تەنتەربىيە مايكىسىنىڭ يىپىنى ئويناپ، يەرگە قاراپ تۇراتتى. ئۇف... دەپ كەينىمگە بۇرۇلۇپ ماڭاي دېيىشىمگە ئۇ يۈگۈرۈپ كېلىپ، بىلىكىمدىن تارتىپ دېدى:

-ماۋۇنى.. سىزگە ئەكەلگەن. ھاۋا ئىسسىق دەپ....

ئۇنىڭ قولىدا سوليوۋ خالتىغا قۇيۇلغان دوغاپ تۇراتتى. نېرۋام ئۆرلىدى. مۇشۇنى قايسى پۇلغا ئالغاندۇ؟ دېگەن ئوي كاللامغا كىرىشى بىلەنلا ئالدىمدىكى بۇ قىزنى چايناپ-چايناپ پۈركۈۋەتكۈم كەلدى. ئەمما ئۇنىڭ بىغۇبار، بىغۇبار دېسەم ئارتۇقلۇق قىلمايدۇ، راست شۇنداق سەبىئىي كۆزلىرىگە قاراپ، يەنە بوشاپ  قالدىم.

-ھە، رەھمەت! ئەمدى قايتسىڭىز بولىدۇ، ئەمدى كەلمەڭ! بولامدۇ؟

ئۇنىڭغا بۇ گەپنى ئۆتۈنۈشتە دەۋاتامدىم، ياكى تەھدىت سېلىپ دەۋاتامدىم ئۆزۈممۇ بىللەلمىدىم.

-ماۋۇ ئىشنى كۆر ئەمدى ئاراپات،- نېمە دەيدۇ بۇ قىز ئەمدى دەپ چاقچاق قىلدى خىزمەتدىشىم ئەزىز،- نېمە دەيدۇ بۇ قىز ساڭا؟ ھا ھا ھا

-بولدى قىلە، ئۇخلايمەن،- دەپلا يەنە بىر ئىشخانىغا كىرىپ كەتتىم، ئەمما كاللامدا بۇ قىزنىڭ مېنى ئىزدەپ كەلگىنىنى پەقەتلا ئۆتكۈزەلمىدىم.

بۇ ئىش ئەمدىلەتىن مېنىڭمۇ، باشقىلارنىڭمۇ ئېسىدىن كۆتۈرۈلەي دېگەندە ھېلىقى قىز يەنە كەلدى، مېنى ئىزدەپ. جان ئاچچىقىمدا مېڭىڭە، دەپلا ئالدىمغا سېلىپ، ئىدارىنىڭ يېنىدىكى بىر ئاشخانىغا ئەكىردىم. تازا بىر دەككىسىنى بېرەي دەپ گەپ باشلاي دەپ تۇرسام، بۇ قىز ئۆزى گەپ تېشىپ قالدى:

-سىزنى ئىزدەپ كەلگىنىمدىن رەنجىمەڭ، سىزنىڭ ئاچچىقىڭىز يامان بولغان بىلەن كۆيۈمچان، باغرىڭىز يۇمشاق ئىكەن. سىزگە دېسەم... مەن ئۆينىڭ ئەڭ كىچىكى، بىر ھەدەم، بىر ئاكام بار. ھەدەم بەك چىرايلىق  بولغاچقا ئاپام-داداملار ئۇنى كىچىكىدىن ئەتىۋارلاپ مەلىكىدەك كۆرەتتى. مېنىڭ چوڭ ئاپام بېقىپ چوڭ قىلغان. كېيىن رەھمەتلىك چوڭ ئاپام تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن، مېنى ئاپام-دادام ئۆز ئۆيۈمگە ياندۇرۇپ كەلگەن بولسىمۇ، مېنى پەقەت ياخشى كۆرەلمىدى. مېنى ھە دېسە تەنقىدلەپ، ئەيىبلەپ، كەمسىتتى. ئاكاممۇ مەكتەپتە ماڭا گەپ قىلما، سەت مايمۇن دەپ مېنى ئۇكام دېيىشتىنمۇ خىجىل بولدى. ھەدەم ماڭا ياخشى مۇئامىلە قىلسىمۇ،  ئاتا-ئانامنىڭ مېنى ئۆگەي بالىدەك چەتكە قېقىشى بىلەن ئەسلىدىنلا چىرايلىق ئەمەس مەن، كېيىنچە راستلا سەت بولۇپ كەتتىم. مۇھەببەت بولمىسا ھەممە ئادەم سەتلىشىپ كېتىدىكەن. بارا-بارا ھېچكىم بىلەن ئارىلاشماس، گەپمۇ قىلىشماس بولدۇم، بۇنىڭ بىلەن ئاتا-ئانام مېنى بۇت، مۆرىمەس، لەقۋا دەپ ئەيىبلەشكە باشلىدى. كېيىن ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەندىمۇ، رەسساملىقتا ئوقۇغۇم بارلىقىنى ئېيتسام، ئۆزۈڭنى تۈزۈك ياساپ يۈرۈشنى  بىلمەيسەن، قانداق بىر سەنئەتچى بولاتتىڭ دەپ گېپىمنىڭ بېلىگە تەپتى. ئۆزۈممىغۇ دەرستە ياخشى ئەمەس ئىدىم. ياخشى روھىي كەيپىيات يوق تۇرۇپ، قانداق بىر دەرس ئوقۇغۇدەك كاللا بولسۇن دەڭە! شۇنىڭ بىلەن ئادەتتىكى بىر ئوتتۇرا تېخنىكۇم مەكتەپتە ئوقۇدۇم، مېنى ئۇ مەكتەپتىكى ساۋاقداشلىرىممۇ چەتكە قاقتى، چۈنكى ئۇلار مېنى چۈشەنمەيتتى، پەقەت بىر تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىملا مېنى ياخشى كۆرەتتى، ماڭا كۆيۈنەتتى. مەندەك بىر مېھرى-مۇھەببەتكە تەشنا قىز، ئۇنچىلىك مېھىرنى كۆرگەندە ئۆزۈمنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ، بۇ مۇھەببەتنىڭ خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىپ قويدۇم..... شۇنىڭ بىلەن مەن ئۆزۈمنىڭ قىز جىنىسلىق بولغانلىقىمدىن ئىبارەت بىردىنبىر ئالاھىدىلىكىم بىلەن مۇشۇ يولغا كىرىپ قالدىم... ئەمما قەلبىمدە پاك يۈرەك بار.

20130522123019202.jpg

ئۇ قىز سەل توختىۋالدى. مەنمۇ ئۇنىڭ سۆزلىرىنىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىپ، بۇ قىزنىڭ شۇ كىچىك ۋاقتىنى، ئۆسمۈر ۋاقتىنى، ياشلىققا ئەمدىلا قەدەم تاشلىغان ۋاقىتلىرىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ باشقىچە بىر ھېسسىيات قاينىمىغا كىرىپ قېلىۋاتاتتىم.

-شۇنىڭ بىلەن... ئاتا-ئانام مەندىن ئالاقىسىنى ئۈزۈپلاۋەتتى، ئۇلارمۇ ئاران تۇرغان ئىدى، بۇنى بىلىمەن. ئاكام نەچچە قېتىم مېنى ئۆلتۈرمەكچىمۇ بولدى، ئەمما رىسقىم بارمۇ يەيدىغان ئۆلمەي قالدىم. ھېلىقى كۈنى، ئۇ تۆتىسى ئېلىۋالغان پورتمالىمدا،- دېگنىچە ئۇ سومكىسىدىن شۇ پورتمالنى چىقاردى،- ئاپام-دادام، ھەدەم ئاكامنىڭ سۈرىتى بار ئىدى. بۇ رەسىم يۈتۈپ كەتسە ئۇلارنىڭ چىرايىنىمۇ ئۇنتۇپ قېلىشىم مۇمكىن، شۇڭا دېلو مەلۇم قىلغانىدىم، ئەمما سىزنى كۆرۈپ ياقتۇرۇپ قالدىم!

بېشىمدىن بىر چېلەك سوغۇق سۇ قۇيىۋەتكەندەك بولۇپ كەتتىم. نېمە دەيدىغاندۇ بۇ قىز ئەمدى؟ ھېسداشلىق قىلىشنىغۇ قىلىمەن، ئەمما قايسى بىرئەركەك مۇشۇنداق قىزلارنى تىللىغىنىمىز بىلەن، ئېچىنغىنىمىز بىلەن، ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتقىنىمىز بىلەن قايسىبىرىمىز شۇ قىزلارنى ئەمرىمىزگە ئېلىپ يېڭى ھاياتلىق يولى بېرىشنى خالايمىز؟

-شۇڭا بىز ئادەم، ئەۋلىيا ئەمەس!-دېدىم ئاراپاتنىڭ تۈرۈلگەن قوشۇمىسىغا قاراپ.

-مەن ئۆزۈممۇ بىر تايىنلىقلا ئادەم ئىكەنمەن، شۇ چاغدا شۇنداق ئويلىدىم، دائىم مىللەتنىڭ، قىزلارنىڭ ساپاسى توغۇرلۇق سۆزلەڭ دېسە ئون ئىشەككە يۈك، ئەمما مۇشۇنداق ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىدىغان يەردە ھېسسىياتىمنى قۇربان قىلىپ، شۇ بىر قىزنى قۇتقۇزۇپ قالالمىدىم. شۇنىڭ بىلەن يالغاندىن بىرنى توقۇدۇم.

-رەھمەت! ئەمما مەن توي قىلىپ بولدۇم، -دېدىم ئۇنىڭغا قاراپ. ئاندىن يانچۇقۇمدىن ھەدەم ئىككىمىزنىڭ چۈشكەن سۈرىتى سېلىنغان پورتمالىمنى ئېلىپ ئۇنىڭغا كۆرسۈتۈپ قويدۇم. ئۇ ئۈندىمىدى.

ئاشخانىدىن چىقىپ كېتىشىمىزدە، ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ دېدى:

-سىز ياخشى ئادەم. مەنمۇ ئەسكى ئەمەس، بۇ دۇنيا مۇشۇنداق تەڭسىز!

ئۇنىڭ سۆزلىرى يۈرۈگۈمدە قالدى، نەچچە كۈنگىچە چىۋىن يەۋالغاندەك بولۇپ يۈردۈم.

-مۇشۇمۇ سىز دېگەن ھېكايە؟-دېدىم كۆزلىرىمنى چىمچىقلىتىپ.

-گېپىم تۈگىمىدى، مۇشۇ ئېسىلزادە قىياپەتتىكى قىزلار ئاتكاچىراق كېلەمدۇ-نېمە؟-دېدى ئاراپات مېنىڭ تەلەپپۇزۇمدىن ئاغرىنىپ. مەنمۇ ئۈندىمىدىم. مەنچە ئاراپاتقا ھېلىقى پاھىشە قىزنىڭ يۇۋاش-يۇمشاقلىقى، ئىتائەتمەنلىكى يېقىپ قالغاندەك قىلاتتى.

-يېقىندا ئىچكىرىگە سەرگەردان بالىلارنى ئېلىپ چىقىشقا مەنمۇ نەچچە قېتىم بېرىپ كەلدىمۇ؟-دېدى ئاراپات، بېشىمنى لىڭشىتتىم.

شۇ بالىلارنى ئېلىپ چىققان ياقى، ئاراپات ئالاھىدىلا بىرخىل بولۇپ قالغانىدى، دائىم ئۇھسىنىدىغان، خىيالچان بولۇپ قالغانىدى.



  • شۇ بالىلار ئۈچۈن قۇرۇلغان ئورۇنغا دائىم بېرىپ تۇراتتىم، بىر كۈنى شۇ يەردە ھېلىقى قىزنى، ھۆرۈنسانى كۆرۈپ قالدىم. چەكسىز ھەيران بولدۇم. شۇ يەردىكى ساقچى بالىلاردىن سورىدىم. ئۇلار بۇ قىزنىڭ دائىم كېلىدىغانلىقىنى، ھەر كېلىشىدە بالىلارغا ھەرخىل نەرسىلەرنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇلار بىلەن مۇڭدىشىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. يۈرۈگۈم ئىللىق سېزىم بولدى.
  • مەن شۇنداق بىر مېھرى-مۇھەببەتتىن مەھرۇم ياشاپتىكەنمەن، ئاراپات.–دېدى ھۆرنىسا شۇ يەردە ئۇچرىشىپ بىللە قايتىپ كېلىشىمىزدە،- مۇشۇ بالىلارمۇ شۇ مۇھەببەتتىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم بولۇپ قالمىسۇن.


ئۇ سومكىسىدىن باغلام-باغلام پۇلنى چىقاردى، ماشىنىنى چەتكە تارتىپ توختاتتىم.

-بۇ پۇللار سىز ئويلىغاندەكلا ئانچە پاكىز ئەمەس پۇللار. ئەمما ھالال بولمىسىمۇ، مېنىڭ ئەجرىمگە كەلگەن. مۇشۇ 80 مىڭ يۈەن پۇلنى چىقىرىپ، مۇشۇ بالىلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر قىزنى مېھرى-مۇھەببەت ئىچىدە، قىسىلماي، سوقۇلماي چوڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

قوللۇرۇملا ئەمەس، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم تىترىدى، سىلكىندى. ئەسكى چاپاننىڭ ئىچىدە مۇنداق ئادەملەرنىڭ بارلىقى مېنى ھەيرەتتە قالدۇردى. سىزمۇ بىلىسىز زىبا، بىز شۇ بالىلارنى ئىچكىرىدىن پويىز ئارقىلىق ئېلىپ چىققىنىمىزدا، نى-نى بايلار بىلەن بىللە كەلدۇق. ھېلىقى باي ئەرلەر، باي ئاياللار، قوللىرىدا قوشلاپ ئۈزۈك، ئۇچىسىدا نوركا پەلتو، ئەمما مۇشۇ بالىلارنىڭ يېلىڭدىن-يېلىڭ كىيىملىرىنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ، ھېچقانداق ئىپادە قىلمىغانىدى شۇ كىشىلەر، يەۋاتقانلىرى شۇنداق ئېسىل نەرسىلەر، مۇشۇ بىچارە بالىلاردىن كېلىڭلار، بالام يەڭلار، دەپ قويمىغانىدىغۇ شۇ كىشىلەر. «ئەجەپ بوپتۇ، بىچارىلەر» دەپلا قويۇپ ئۆزىنىڭ بالىلىرىنى بۇ بالىلار بىلەن ئوينىماسلىققا ئىشارەت قىلىپ ئۈلگۈرگەنىدى شۇ ئاياللار. بىرەرسى بىر ئانىلىق مېھرى بىلەن بالام، دەپ بېشىنى سىلىمىدى شۇ بىچارىلەرنىڭ. بىزمۇ ياردەم قىلدۇق دېدۇق، ھۆكۈمەتنىڭ پۇلىغا بېرىپ، ھۆكۈمەتنىڭ پۇلىغا كەلدۇق. يەپ-ئىچىشىمىز، خىراجىتىمىز ھۆكۈمەتتىن بولغاچقا، مۇشۇ بالىلارنى ئەكىلەلىدۇق. شەخسىي ياردىمىمىزمۇ شۇنچىلىكلا بولدى. ئەمما شۇ بىر كۆرۈمسىز، نەزىرىمىزدىكى ئەخلاقسىز قىزنىڭ قىلغان ياردىمىنى سىز بىلەن مەندەكتىن ئونى بولسىمۇ قىلالىشىمىز ناياتىن،-دېدى ئاراپات ھېلىھەم شۇنداق ھاياجانلىنىپ تۇرغان ھالىتىگە قاراپ، دېدىم:

-پۇلى ئاسان كەلگەندىكىن، بېرىۋەتسىمۇ ئىچى ئاغرىمايدىغاندۇ، ھەقىچان!-دېدىم بۇنچىلىك ھەيران قېلىپ، تەسىرلىنىپ كېتىشنى ئورنى يوق دېگەننى بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن.

-نېمە؟ ئاسان؟ زىبا، مەن سىزگە دەي، دادىڭىزدىن سوراڭ، شۇ سودىگەردىن پۇل تېپىش قانداق بولۇپ كەتتى؟ دەپ. ئۆپچۆرىڭىزدىكىلەردىن سوراڭ. ھازىر ئاسان تاپقىلى بولىدىغان پۇل ھېچنەردە يوق. ھۆرنىسانىڭ پۇلى ئەخلاقسىز، پەزىلەتسىز يولدا بولسىمۇ، ئەمما ئۇ بۇلىمىدى، ئوغرىلىمىدى. سىزنىڭ بۇنداق دەيدىغانغا ھېچقانداق ھوقۇقىڭىز يوق. ئىشىنىمەنكى، شۇ 80 مىڭ يۈەننى بىز تېپىۋالغان بولساقمۇ، شۇبالىلارغا بېرىشىمىز، بەرگەن تەقدىردىمۇ ھەممىنى شۇنداق مەردلەرچە، يوشۇرۇن بېرىشىمىز ناتايىن. باشقىلارغا باھا بېرىشتىن بۇرۇن، ئۆزىمىزنى دەڭسەپ كۆرەيلى. ئىنسانلار ئەقلىنىڭ، شارائىتىنڭ، پۇرسىتىنىڭ ئوخشىمىغىنىغا قاراپ ئوخشىمايدىغان ھايات يولىدا تىركىشىدىكەن، كىممۇ ئۆزىنى خاتالىق ئۆتكۈزەلمەيمەن دەيدۇ؟ شۇنداقمۇ؟ ھۆرنىسا شۇ كۈنى پۇلنى بېرىپ قويغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ يۇرتقا كېتىدىغىنىنى، نەچچە ئايدىن بۇيان گىرىم قىلىشنى ئۆگەنگەنلىكىنى، ئەمدى بېرىپ شۇ ئىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، مىڭ يېرىدىن تۆكۈلۈپ كېتىپ قالدى. شۇ قىزنىڭ يامان يولغا مېڭىپ قېلىشىغا مۇھەببەت سەۋەب  بولغان بولسا، شۇ قىزنىڭ ئۆزگۈرۈپ ياخشى يولغا قايتىشىغىمۇ يەنە شۇ مۇھەببەت سەۋەب بولدى. شۇڭا باشقىلاردىن مۇھەببىتىمىزنى، ياخشى سۆزىمىزنى، ياخشى سۆزىمىزنى ئايىمايلى! يامان گەپ قىلىپ زەھەر چاچقاننىڭ ئورنىغا ياخشى گەپ قىلىپ مۇھەببەت تارقىتايلى! كىم بىلىدۇ؟ سىزنىڭ مېنىڭ شۇ بىر ئېغىز گېپىمىز بىر «كوچا قىز»ىنىڭ يېڭى ھاياتقا قەدەم بېسىشىغا سەۋەب بولۇپ قالامدۇ؟!


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
تىزىملىككە قايتىش تېما يوللاش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

Archiver|يانفون|قاماقخانا|دىلرام تور بېكىتى  

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For Almizar.cn

تور بىكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، تور بىكتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز. تور بىكىتىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ مەدەنىيەتلىك تور مۇھىتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ! QQ:657458566 ، تېلېفۇن:13899953791

文明办网文明上网举报QQ657458566, 举报E-mail:657458566@qq.com ,联系电话:13899953791

GMT+8, 2017-11-20 05:19 , Processed in 0.371959 second(s), 29 queries .

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش