تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
دىلرام تورى»مۇنبەر مەدەنىيەت - سەنئەت مەدەنىي مىراسلار ئالتۇن تونېلنىڭ سىرى
تىزىملىككە قايتىش تېما يوللاش
كۆرۈش: 2768|ئىنكاس: 0

ئالتۇن تونېلنىڭ سىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

213

تېما

233

يازما

899

جۇغلانما

ئالىي دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 4

جۇغلانما
899
20160322074400317.jpg

  • 1969-يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى، مورىس ئىسىملىك ئارگېنتىنالىق بىر كىشى نۇرغۇن شاھىتنىڭ ئىمزاسى بار ھەمدە ئېكۋاتور جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېتراپ قىلىشغا ئېرىشكەن بىر پارچە قانۇنلۇق يەر خېتىنى جامائەتچىلىككە ئاشكارىلاپ زور زىلزىلە قوزغايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭدا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ھېكايە سۆزلەنگەنىدى.
    بۇ يەر خېتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغىنىدەك، مورىس ئېكۋاتور جۇمھۇرىيىتىنىڭ مورو سانتىئاگو ئۆلكىسىدىكى بىر چوڭ تونېلدىن ئىنتايىن زور ئىلمىي تەتقىقات ۋە تارىخىي قىممەتكە ئىگە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى بايقىغان. بۇ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئاساسلىقى ئۈستىگە ھەر خىل بەلگە، يېزىقلار ئويۇلغان تاش قوراللار ۋە مېتال لەۋھە تاختىلار ئىدى. بۇ لەۋھە تاختىلار ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ مەلۇم بىر مەزگىلىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان بولۇپ، ئىنسانلار پەيدا بولۇشنىڭ ئىسپاتى ياكى مەلۇم خىل يوقالغان مەدەنىيەتنىڭ يىپ ئۇچى بولۇشى مۇمكىن ئىدى. مورىس ئېكۋاتور پرىزدېنتىدىن بىر ئىلىم-پەن كومىتېتى قۇرۇپ، بۇ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ قىممىتىنى باھالاشنى ئۆتۈنىدۇ ھەمدە چوڭ تونېلنىڭ ئېنىق ئورنى ۋە كىرىش ئېغىزىنى ئېيتىپ بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
    1965-يىلى 6-ئايدا، ئالىم مورىس ئېكۋاتوردا تاسادىپىيلا قانداق پەيدا بولغانلىقى ئېنىق بولمىغان زور تونېلنى بايقاپ قالىدۇ. 1972-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئېكۋاتورلۇق ئارخىئولوگ فىرانىس ۋە مادىۋېيدىن تەشكىللەنگەن ئىلمىي تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى مورىسنىڭ باشچىلىقىدا يەنە بىر قېتىم بۇ تونېلنى تەكشۈرىدۇ.
    تەكشۈرۈش ئەترىتىدىكىلەر كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان يەر ئاستى دۇنياسىغا كىرىدۇ. ئۆڭكۈرگە كىرگەندىن كېيىن بىر بۆلەك تار، ئۇزۇن يول بولۇپ، ھېچنىمىنى كۆرگىلى بولمايدۇ. ئۇلار قولچىراغ ۋە تۆمۈر قالپاقتىكى كان چىرىغىنى ياندۇرۇپ ماڭىدۇ. بىردەم ماڭغاندىن كېيىن تونېلنىڭ يۆنىلىشى پەسكە قاراپ تىكلىشىدۇ، ئۇلار بىر تال ئارغامچىنى پەسكە ساڭگىلىتىپ 75 مېتىر تۆۋەندىكى بىرىنچى سۇپىغا چۈشكەندىن كېيىن، ئارغامچىنى بويلاپ داۋاملىق تۆۋەنگە چۈشىدۇ.
    ئارقىدىن ئۇلار ئارغامچىنى بويلاپ ئىككىنچى، ئۈچىنچى سۇپىغا چۈشىدۇ. ھەر بىر سۇپىنىڭ ئارىلىقى 75 مېتىرچە كېلىدۇ. ئۆڭكۈرنىڭ تېگىگە يەتكەندە مورىس سەپنىڭ ئالدىدا تىمسىقلاپ يۈرۈپ ئىلگىرىلەيدۇ. فىرانىس تونېلنىڭ ئايلىنىدىغان جايىنىڭ ناھايىتى ئىنچىكلىك بىلەن تىك بۇلۇڭ شەكلىدە لايىھلەنگەنلىكىگە دىققەت قىلىدۇ. بەزى جايلار ناھايىتى تار، بەزى جايلار ناھايىتى كەڭ بولۇپ، ئۆڭكۈرنىڭ تاملىرى ناھايىتى پارقىراق، سىلىق، ئۆڭكۈرنىڭ تېگى تۈپتۈز بولۇپ، نۇرغۇن جايلىرىغا پارقىرايدىغان بوياق سۈرۈلگەندەك قىلاتتى. ئېنىقكى، تونېل تەبىئىي شەكىللەنمىگەن ئىدى.
    فىرانىس ۋە مادىۋېي ئەسلىدە تونېلنىڭ مەۋجۇتلىقىدىن گۇمانلانغان ئىدى، ئەمدىلىكتە ئۇلارنىڭ گۇمانىدىن ئەسەرمۇ قالمايدۇ، ئۇلار بىر زالنىڭ ئېغىزىغا كېلىدۇ، بۇ زال ئىنتايىن كەڭ، خۇددى بىر چوڭ ئايروپىلان ئىسكىلاتىدەك بولۇپ، تەمىنلەش مەركىزى ياكى ئامبارغا ئوخشايتتى، بۇ يەردىمۇ نۇرغۇن يول بار ئىدى.
    فىرانىس كومپاس بىلەن يوللارنىڭ يۆنىلىشىنى بىلىشكە ئۇرۇنسىمۇ، ئەمما كومپاس ئىشلىمەيدۇ. «بۇ جايدا رادىئاتسىيە باركەن، شۇڭا كومپاس سەزگۈرلۈكىنى يوقاتقان» دەپ چۈشەندۈرىدۇ مورىس. بىر يولنىڭ كىرىش ئېغىزىدا ئادەمنىڭ سۆڭىكى كۆڭۈل قويۇپ تىزىلغان، ئۈستىگە كېپەك ئالتۇن سېپىلغان بولۇپ، چىراغ نۇرىدا يالت-يۇلت قىلىپ چاقنايدۇ.
    مورىس،فىرانىس ۋە مادىۋېي ئويلاپمۇ باقمىغان نۇرغۇن نەرسىلەرنى بايقايدۇ. ئۆڭكۈرنىڭ ئىچى گۆردەك تىنچ بولۇپ، پەقەت ئاياغ تىۋىشى، نەپەس ئاۋازى ۋە قۇشقاچلارنىڭ ئۇچقان ئاۋازىلا ئاڭلىنىدۇ. ئۇلار بىر غايەت زور زالنىڭ مەركىزىگە كېلىپ ئەتراپقا قاراپ ھاڭۋاققانچە تۇرۇپ قالىدۇ.
    بۇ زال تەخمىنەن 21 مىڭ كىۋادىرات مېتىر بولۇپ، زالنىڭ مەركىزىدە بىر ئۈستەل، ئۈستەلنىڭ ئوڭ تەرىپىگە يەتتە ئورۇندۇق قويۇلغانىدى. ئورۇندۇقلار تاشتىن ياكى ياغاچتىن ياكى مېتالدىن ياسالغاندەك قىلمايتتى. ئۇنى سىلىغاندا سۇلياۋدەك قىلسىمۇ بىراق پولاتتەك قاتتىق ۋە ئېغىر ئىدى.
    بۇ يەتتە ئورۇندۇقنىڭ كەينىگە نۇرغۇن ھايۋاننىڭ مودېلى قويۇلغانىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە كەسلەنچۈك، پىل، شىر، تىمساھ، يىلپىز، مايمۇن، ئامېرىكا ياۋا كالىسى، بۆرە، قۇلۇلە ۋە قىسقۇچپاقا بار ئىدى. كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى، بۇ ھايۋانلارنىڭ ھەممىسى ساپ ئالتۇندىن ياسالغانىدى. ئۈستەلنىڭ سول تەرىپىدە مورىسنىڭ يەر خېتىدە تىلغا ئېلىنغان مېتال لەۋھە تاختىسى ۋە مېتال ياپراقچە قويۇلغانىدى. مېتال ياپراقچىنىڭ قېلىنلىقى ئارانلا نەچچە مىللىمېتىر، ئېگىزلىكى 65 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 18 سانتىمېتىر كېلەتتى.
    فىرانىس شۇنچە ئىنچىكلىك بىلەن كۆزىتىپمۇ بۇ لەۋھە تاختىلىرىنىڭ قانداق ماتېرىيالدىن ياسالغانلىقىنى بىلەلمەيدۇ. بۇ مېتال ياپراقچە قارىماققا ناھايىتى نېپىز ۋە چۈرۈكتەك قىلغىنى بىلەن خېلى قاتتىق ئىدى. ئۇلار خۇددى ئېچىلغان كىتابقا ئوخشاش قويۇلغان، بىر بېتى يەنە بىر بەتكە تۇتاش ئىدى. ھەر بىر مېتال ياپراقچىدا مېخانىكىلىق ئۇسۇلدا بېسىلغاندەك تەرتىپلىك تىزىلغان يېزىقلار بار ئىدى.
    فىرانىسنىڭ مۆلچەرىچە بۇ مېتال ياپراقچىلار ئاز دېگەندىمۇ ئىككى، ئۈچ مىڭ پارچە بار ئىدى، شۇڭا بۇ يەر قارىماققا خۇددى ھازىرقى كۇتۇپخانىلارغا ئوخشايتتى. مېتال لەۋھە تاختىسى ئۈستىدىكى خەتلەرنى ھېچكىم ئوقۇيالمايدۇ. فىرانىسنىڭ قارىشىچە، بۇ مېتال كۇتۇپخانىنىڭ قۇرغۇچىسى بەزىبىر مۇھىم ماتېرىياللارنى يىراق كەلگۈسىگە يەتكۈزمەكچى بولغان. چۈنكى ئۇ بۇلارنىڭ مەڭگۈ يوقالماسلىقىنى ئۈمىد قىلغان ئىكەن.
    مورىس چوڭ زالدىن ئېگىزلىكى 11.43 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 6.35 سانتىمېتىر كېلىدىغان بىر تاش ئويمىنى تاپىدۇ، ئۇنىڭ ئالدى تەرىپىگە ئوڭ قولىدا يېرىم ئاينى، سول قولىدا قۇياشنى تۇتۇپ تۇرغان ھالەتتىكى بەدىنى ئالتە بۇرجەكلىك بىر ئادەم ئويۇلغان ئىدى. كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى ئۇ ئىككى پۇتى بىلەن بىر گلوبۇسنىڭ ئۈستىنى دەسسەپ تۇرغانىدى. بۇ تاش ئويما مىلادىدىن بۇرۇنقى 9000 يىلدىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 4000 يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ياسالغان بولۇپ، بۇ ئەينى دەۋردىكى ئادەملەرنىڭ يەر شارىنىڭ يۇمىلاق ئىكەنلىكىنى بىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرەتتى.
    فىرانىسنىڭ قارىشىچە، بۇ تونېل سىستېمىسى كونا تاش قوراللار دەۋرىدىلا مەۋجۇت ئىكەن. ئۇ بىر ھايۋان ئويۇلغان تاش ئويمىنى قولىغا ئالىدۇ. ئۇنىڭ ئېگىزلىكى 29.2 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 50.32 سانتىمېتىر كېلەتتى. سۈرەتتىكى ھايۋاننىڭ ئومۇمىي گەۋدىسى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، يوغان ئارقا پۇتى بىلەن يەردە ئۆمىلەۋاتقان ئىدى. فىرانىس بۇ تاش ئويمىدىكى ھايۋاننى دىنازاۋۇر دەپ قارايدۇ. ئۇ يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەسەۋۋۇر قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. ئەجىبا ئىلگىرى ئادەملەر راستىنلا دىنازاۋۇرنى كۆرگەنمىدۇ؟
    يەنە بىر سىرلىق تاش ئويما بولۇپ ئۇنىڭغا بىر ئەرنىڭ ئىسكىلىتى ئويۇلغانىدى. فىرانىس تەپسىلىي كۆزىتىپ، قاتتىق ھەيران قالىدۇ. بۇ تاش ئادەمنىڭ قوۋرۇغا سۆڭىكى 12 جۈپ بولۇپ، شۇنچىلىك توغرا ئىدى. مورىس يەنە فىرانىسقا بىر ئىبادەتخانىنىڭ مودېلىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىدە يۈزى قاپقارا كەلگەن بىر قانچە ئادەمنىڭ رەسىمى بولۇپ، بېشىغا بۆك كىيگەن، قولىغا مىلتىققا ئوخشايدىغان بىر نەرسە تۇتۇۋالغانىدى.
    ئىبادەتخانىنىڭ يۇمىلاق ئۆگىزىسىگە يەنە بىر مۇنچە ئادەمنىڭ  بوشلۇقتا ئۇچۇۋاتقان ياكى لەيلەۋاتقان شەكلى چۈشۈرۈلگەنىدى. فىرانىسنى ھەيران قالدۇرغان بۇ ئىبادەتخانىنىڭ مودېلى ئېھتىمال يۇمىلاق ئۆگزىلىك ئىمارەتلەرنىڭ ئەڭ قەدىمكى نۇسخىسى بولسا كېرەك. بۇنىڭدىن سىرت، ئالەم كىيمى كەيگەن ئادەملەرنىڭ رەسىمىنى كۆرۈپ، فىرانىسنىڭ پەقەتلا ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ. تاشتىن ئويۇلغان يۇمىلاق بۇرۇنلۇق بىر تاش ئادەم بىر تۈۋرۈكنىڭ ئالدىدا تىزلانغان ھالەتتە تۇراتتى. ئۇ بېشىغا قۇلاقنى يېپىپ تۇرىدىغان بىر دوبۇلغا كىيگەن بولۇپ، ھازىر بىز ئىشلىتىۋاتقان تىڭشىغۇچقا قويۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغان بولۇپ، دىيامېتىرى بەش سانتىمېتىر كېلىدىغان بىر جۈپ ھالقا دوبۇلغىنىڭ ئالدىغا چاپلانغان ئىدى. ھالقىغا 15 تال كىچىك تۆشۈك تېشىلگەن ۋە بىر تال زەنجىر ئۇنىڭ بوينىغا باغلانغان، زەنجىردە ئۈستىگە نۇرغۇن تۆشۈكچىلەر تېشىلگەن يۇمىلاق تاختاي بولۇپ، ھازىر بىز ئىشلىتىۋاتقان تېلېفوننىڭ كونۇپكا تاختىسىغا ئوخشايتتى.
    بۇ تونېل ۋە ئۇنىڭدىكى ئاز ئۇچرايدىغان قىممەتلىك بۇيۇملارنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان دېيىشكە بولىدۇ. ئېگىزلىكى 1.8 مېتىر كېلىدىغان تاش ھەيكەللەرنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئۈچ بېشى بولسا، بەزىلىرىنىڭ يەتتە بېشى بار ئىدى. ئۈچ بۇلۇڭلۇق تاختىغا نامەلۇم خەتلەر يېزىلغان ئىدى....
    مورىسىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ تونېلنىڭ كىرىش ئېغىزىنى بىر ياۋايى ئىندىيان قەبىلىسى ساقلايدىكەن، بۇ ئىندىيانلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۈچ ئاقساقىلى مورىسىنى ئىشەنچلىك دوستى دەپ قارايدىكەن.
    ھەر يىلى 21-مارتتا، ئاقساقال بۇ تونېلنىڭ بىرىنچى سۇپىسىغا چۈشۈپ، دۇئا-تىلاۋەت قىلىدىكەن. ئاقساقالنىڭ يۈزىنىڭ ئىككىلا تەرىپىگە تونېل ئېغىزىدىكى تاشنىڭ ئۈستىدىكى بەلگىگە ئوخشاش قۇت بەلگىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان زىننەت بۇيۇمى چاپلىنىدىكەن، ئۆڭكۈرگە ئاقساقالدىن باشقا ھېچكىم كىرمەيدىكەن، چۈنكى ئۇلار تونېلدا ئەرۋاھلار تۇرىدۇ دەپ قارايدىكەن.
    بۇ ئەگرى-بۈگرى، قاراڭغۇ تونېلدا كېتىۋېتىپ، فىرانىس ئۆزىچىلا تونېلدىكى توزاقلارغا تېگىپ كېتىپ، تونېلنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئىتىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ، مۇشۇنداق زور گۇمان بىلەن، تەكشۈرۈش ئەترىتى ئەسلىدىكى يولنى بويلاپ ئۆڭكۈردىن چىقىپ، ئېكۋاتور جۇمھۇرىيىتى گۇئانگادىكى مارىيە چېركاۋىغا قاراپ يولغا چىقىدۇ، چۈنكى پوپ كىرىسپىي تونېلدىن چىققان نۇرغۇن قىممەتلىك نەرسىلەرنى ساقلاۋاتقان ئىدى.
    پوپ كىرىسپىينىڭ گۇئانگادا تۇرۇۋاتقىنىغا 45 يىل بولغان، ئۆتكەن 20 يىلدا، ئۇ ئىندىيانلانىڭ قولىدىن نۇرغۇن تاش ئويما، ئالتۇن-كۈمۈش بۇيۇملارنى سېتىۋالغان ئىدى. تەكشۈرۈش ئەترىتى پوپنىڭ يېتەكلىشى بىلەن ئۇنىڭ يىغىپ ساقلاش ئۆيىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىدۇ. بىرىنچى نومۇرلۇق ئۆيدە تاش ئويمىلار، ئىككىنچى نومۇرلۇق ئۆيدە ئالتۇن، مىس ۋە مېتال بەدىئىي بۇيۇملار ساقلانغان بولۇپ، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇلار ئىنكا ئىمپېرىيەسىگە تەۋە بۇيۇملار ئىكەن. ئۈچىنچى نومۇرلۇق ئۆيدە بولسا پۈتۈنلەي ساپ ئالتۇن ساقلانغان ئىكەن.
    فىرانىس بىر ئالتۇن تاختىغا دىققەت قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئېگىزلىكى 52 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 13 سانتىمېتىر، قېلىنلىقى 1.3 سانتىمېتىر بولۇپ، ئۈستىدە 56 كاتاكچە، ھەر بىر كاتەكچىگە ئوخشىمىغان ئادەم ئويۇلغان ئىدى. فىرانىس ئىلگىرى تونېلدىكى مېتال كۇتۇپخانىدىكى ھېلىقى ئالتۇن قەغەزدە، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئادەمنىڭ رەسىمىنى كۆرگەن ئىدى. قارىغاندا، ياسىغۇچى بۇ 56 بەلگە ياكى خەت ئارقىلىق بىر ماقالىنى ھاسىل قىلماقچى بولسا كېرەك. كىشىنى تېخىمۇ بەكرەك ھەيران قالدۇردىغىنى، بىر پارچە ساپ ئالتۇندىن ياسالغان ئايالنىڭ ھەيكىلى ئىدى. ئۇنىڭ ئېگىزلىكى 30 سانتىمېتىر بولۇپ، بېشى ئىككى ئۈچبۇلۇڭغا ئوخشايتتى، ھەيكەلنىڭ دۈمبىسىگە بىر جۈپتىن كىچىك قانات كەپشەرلەنگەن، بىر تال بۇرمىسىمان ئالتۇن يىپ ئۇنىڭ قۇلىقىدىن سوزۇلۇپ چىققانىدى.
    ئۇنىڭ كۆكسى تولغان، ئەمما بېلىكى يوق ئىدى، ئىككى پۇتىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرغان ھالەتتە بولۇپ، ئۇزۇن ئىشتان كىيگەن ئىدى، شارسىمان بىر نەرسە ئۇنىڭ چوققىسى ئۈستىدە لەيلەپ تۇراتتى.
    ئارقىدىن مادىۋېي دىيامېتىرى 21.25 سانتىمېتىر كېلىدىغان مىس تەخسىنى بايقايدۇ. تەخسىنىڭ ئۈستىدىكى ئويۇلمىلار ناھايىتى ئېنىق بولۇپ، خۇددى جېنى باردەكلا كۆرۈنىدىغان ئىنسان ئۇرۇقى، كۈلۈمسىرەپ تۇرغان ئىككى قۇياش، تۇتۇلغان يېرىم ئاي، بىر غايەت زور يۇلتۇز ۋە ئىككى ئەرنىڭ ئۈچبۇرجەك چىرايى ئويۇلغانىدى. مىس تەخسىنىڭ مەركىزىدە نۇرغۇن ئىنچىكە ۋە بۆرتۈپ چىققان يۇمىلاق نەرسىلەر بولۇپ، بۇلارنىڭ مەنىسىنى چۈشەنگىلى بولمايتتى.
    كىرىسپىي پوپ يىغىپ ساقلىغان نۇرغۇن مېتال ياپراقچىلارنىڭ ئۈستىگە يۇلتۇز، ئاي، قۇياش ۋە يىلان ئويۇلغانىدى. ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر پارچە مېتال ياپراقچىنىڭ مەركىزىگە بىر پىرامىدا، ئىككى تەرىپىگە بىردىن يىلان ئويۇلغان، ئۈستىگە ئىككى قۇياش، ئاستىغا ئىشچىغا ئوخشاپ كېتىدىغان غەلىتە مەخلۇق ھەمدە قويغا ئوخشايدىغان ئىككى ھايۋان ئويۇلغان ئىدى. پىرمىدانىڭ ئىچىدە نۇرغۇن چېكىتلىك چەمبەرلەر بار ئىدى.
    پىرامىدا ئويۇلغان يەنە بىر پارچە مېتال ياپراقچىغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا پىرامىدانىڭ ئىككى تەرىپىدە ياتقان ئىككى ئامېرىكا يىلپىزى ۋە پىرامىدانىڭ ئاستى تەرەپكە خەت ئويۇلغانىدى، ئىككى تەرەپتىن ئىككى پىلنى كۆرگىلى بولاتتى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا پىل بۇنىڭدىن 13 مىڭ يىل ئىلگىرى جەنۇبىي ئامېرىكىدا پەيدا بولغان، ئۇ چاغدا يەر شارىدا مەدەنىيەت تېخى بارلىققا كەلمىگەن.
    فىرانىسنى ھەممىدىن ھەيران قالدۇرغىنى ئۇ كىرىسپىي پوپنىڭ يېنىدا تارىختىكى ئۈچىنچى ئالتۇن ئايروپىلان مودېلىنى كۆرىدۇ. تۇنجىسىنى ئۇ كولۇمبىيەدىكى باۋخۇارد موزىيىدا، ئىككىنچىسىنى ھېلىقى تونېلنىڭ ئىچىدە كۆرگەنىدى. نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان بىر قىسىم ئارخېئولوگلار ئايروپىلان مودېلىنى مەلۇم دىننىڭ بېزەك بۇيۇمى دەپ قاراپ كەلگەنىدى.
    نيۇيورك ئالەم قاتنىشى ماشىنىسازلىق ئىنىستۇتىدىكى ئاسۇ پۇسلى دوكتور تەجرىبە ئارقىلىق، بۇ ئايروپىلان مودېلىنى بىر بېلىق ياكى قۇشقا ۋەكىللىك قىلىدۇ، دېيىش پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ دەپ قارايدۇ. مودېلنىڭ گىيومېتىرىيەلىك قانىتى، سۇيۇر شەكىللىك بېشى ھەمدە شامالدىن ساقلىنىش ئەينىكى بولغان ھەيدەش بۆلمىسىدىن قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ B-52تىپلىق بومباردىمانچى ئايروپىلانغا ئىنتايىن ئوخشايدۇ، ئۇ ھەقىقەتەن بىر ئايروپىلاننىڭ مودېلى ئىدى.
    ئەجىبا بەزى كىشلەر ئاشۇ قەدىمكى زاماندىلا ئايروپىلاننىڭ مودېلىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باققانمۇ؟ بۇنىڭغا ھۆكۈم قىلماق تەس، ھازىرغىچە كىشلەر بۇ تونېلنى زادى كىملەرنىڭ ياسىغانلىقىنى بىلەلىگىنى يوق. بۇ تونېلدا قەيەردىن كەلگىنى نامەلۇم شۇنچىۋالا كۆپ تام رەسىملىرى، لەۋھە تاختىلار، ئالتۇن بۇيۇملار ۋە ئويما بۇيۇملار ساقلانماقتا. بۇلار زادى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ بۇ سوئاللار تا ھازىرغىچە سىر بولۇپ تۇرماقتا.
    «بىلىم-كۈچ» ژۇرنىلىدىن ئېلىندى.



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
تىزىملىككە قايتىش تېما يوللاش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

Archiver|يانفون|قاماقخانا|دىلرام تور بېكىتى  

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For Almizar.cn

تور بىكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، تور بىكتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز. تور بىكىتىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ مەدەنىيەتلىك تور مۇھىتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ! QQ:657458566 ، تېلېفۇن:13899953791

文明办网文明上网举报QQ657458566, 举报E-mail:657458566@qq.com ,联系电话:13899953791

GMT+8, 2017-9-25 19:37 , Processed in 0.328387 second(s), 29 queries .

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش